1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش ئاچقۇچ

− «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئوبزور

日期:2019年07月09日
来源:新疆日报
【字体:

مۇھەررىر ئىلاۋىسى

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا. قانداق قىلغاندا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟ بۈگۈندىن باشلاپ گېزىتىمىزدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئوبزور بېرىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، زىچ بىرلەشتۈرۈش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش قاتارلىق بىرقانچە جەھەتتىن باھا بېرىلىدۇ، ئوقۇرمەنلەر دىققىتىڭلار ئىستونىمىزدا بولسۇن.

ئىزدىنىش قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى بىلىش شۇنچە كۆپىيىدۇ − نەزەرىيە ئۆگىنىشىمۇ شۇنداق. قولنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلغاندا، نەتىجىسى ياخشى بولماي، شەكىل ئۈچۈنلا بولۇپ قېلىپ، ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. پەقەت چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، سەمىمىي يولغا قويغاندىلا، ئاندىن روھنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى. يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىدىن باشلاپ، پارتىيەمىز تارىخىدىكى ھەر قېتىملىق مەركەزلىك تەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىدىيەۋى تەربىيەنى باشلىنىش قىلغان. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئۇلۇغ ئىدىيەنى يېتەكچى قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتا، بىلىش، ئىشىنىش ۋە ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىشى، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىشى، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.» بۇ ھەم نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ كونكرېت تەلىپى شۇنداقلا مېتودولوگىيە. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئۆگىنىش - تەربىيەنى باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاڭلىق ھالدا چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

ئېقىن سۇ نېمە ئۈچۈن شۇنچە سۈزۈك بولىدۇ، قۇرۇپ كەتمەيدىغان مەنبەدىن ئۈزۈلمەي سۇ كېلىپ تۇرغاچقا. چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشتە، ئالدى بىلەن ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ھالدا ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولغان بىر مۇكەممەل ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ھەقىقىي ئۆگەنمىگەندە، روھىي ماھىيىتى، ماھىيەتلىك مۇھىم مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشەنگىلى ۋە توغرا ئىگىلىگىلى بولمايدۇ. باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن ئورۇنلار زۆرۈر ئوقۇشقا تېگىشلىك مۇندەرىجىلەرنى تۈزۈپ چىقىش، كىتاب ئوقۇش سىنىپى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئەينەن، ئەستايىدىل، قايتا - قايتا ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشكە تەشكىللىدى، بۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، يەنە باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

ئۆگىنىپ پىكىر يۈرگۈزمىگەندە قايمۇقۇش بولىدۇ، پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگەنمىگەندە ھېچنېمىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشتە، جەزمەن ئۆگىنىش ئاساسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشتە، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا، ئىشنى باشلاپ قويۇپلا بولدى قىلىشقا بولمايدۇ، تەھلىل قىلمايلا قارىسىغا قوبۇل قىلىشقا، چالا - بۇلا بىلىشكە بولمايدۇ. پەقەت پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىنىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرگەندىلا، بىز ئاندىن شەيئىلەرنىڭ ھادىسىسىنى بىلىش، شەيئىلەر ھادىسىسىنىڭ ماھىيىتىنى، پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسىلىگە قارىتا چۈشىنىش، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرالايمىز؛ ئاندىن بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلەلەيمىز، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتەلەيمىز. ئۆگىنىش جەريانىدا، مەركەزلىك ئۆگىنىش، تەتقىق - مۇھاكىمە قىلىش ۋە شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش بىر ياخشى ئۇسۇل بولۇپ، كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلغاندا، ئالماشتۇرۇش، ئۇچرىشىش داۋامىدا ئۆزئارا ئىلھام بېرىپ، پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ شەخسلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشى كىشىنى ئېغىر - بېسىق بولىدىغان، ئىنچىكە تەتقىق قىلىدىغان، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرىدىغان قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشىنىڭ تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ يېڭى مەنزىلگە قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

نوقۇل كىتابتىن ئېلىنغان بىلىم مۇكەممەل بولمايدۇ، ئاساسنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن، جەزمەن شەخسەن ئۆزى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشتىكى ئاچقۇچ − نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتا. باش تېما تەربىيەسىدە، سۆزلەش بىلەن ئىشلەشنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىش «ئىككى ياقلىمىلىق» بولسا بولمايدۇ. بىز مۇھىم، زور ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشنى ئۆگىنىشنىڭ تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلىشىمىز، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، قاراش، ئۇسۇللارنى تەتبىقلاش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشىمىز، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا قانداق قىلغاندا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورناتقىلى بولىدۇ... بۇ بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى بىزدىن ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاش جەريانىدا جاۋاب تېپىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

« چىراغ ئۆچۈرۈلسە، بىلىمگە ئىنتىلگۈچىگە ئاي ھەمراھ بولۇر.» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىز چوقۇم ئۆگىنىشتىن ئېرىشكەن خۇشاللىق ۋە بەختنى ھېس قىلالايمىز، شۇنداقلا چوقۇم ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» جاراڭلىق قەسىمىمىزنى ئەمەلىيەتتە ياخشى كۆرسىتەلەيمىز.