1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئۇنتۇماي، دەۋر دولقۇنىدا مەڭگۈ مەزمۇت تۇرۇش

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

日期:2019年07月02日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش!

ئادەتتىن تاشقىرى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى كىچىكلىكتىن زورىيىشقا، زورىيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا يېتەكلەپ، «يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي مۆجىزە»نى ياراتتى، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ سىياسىي پارتىيەنى بىر دۆلەتنىڭ ئارزۇسى، بىر مىللەتنىڭ ئىنتىلىشى، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۈمىدى بىلەن زىچ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تەرەققىيات سەھىپىسىنى پۈتتى.

ئوتتۇرا ئېقىمدا تۈۋرۈكتەك قەد كۆتۈرۈش، توغرا يولدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش قىلىش.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشى، بېيىشى، قۇدرەت تېپىشىنىڭ ئاچقۇچى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ روشەن خاراكتېرى ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، مەڭگۈ كۈرەش قىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، دولقۇندا مەڭگۈ مەزمۇت تۇرۇشىنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى.

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر جەزمەن باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگونىڭ غايەت زور پاراخوتى گۈللىنىش قىرغىقىغا قاراپ ماڭغاندا، باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)