1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

چوڭ قەدەم بىلەن ئەبەدىي ئەمىنلىككە يۈرۈش قىلىش

− مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

日期:2019年06月28日
来源:新疆日报
【字体:

ئۇلۇغ مۇساپە مۇستەھكەم نىشاندىن باشلىنىدۇ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

2014- يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتتى.

بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، ئۇزاققىچە ئەسقاتىدىغان سىياسەتلەرنى كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۇختا تۈرتكە بولدى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى؛ 25 مىليون شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلدى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل كۈچەيدى؛ تەرەققىي قىلغان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا جەم بولۇپ، بىر نىيەتتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇش

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش

مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلدى، شىنجاڭنىڭ بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىدىن كەلدى.

− قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ى ياخشى ئېتىلدى، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش پولات سېپىلىنى قۇردى.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. شىنجاڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرىدىن پائال ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە تۆھپە قوشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ۋەزىيەت سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، شەھەر، يېزىلاردا جەمئىيەت تىنچ - خاتىرجەم بولدى، ئۇدا 30 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

− بىر قولدا زوراۋان - تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش تۇتۇلدى، بىر قولدا ئەڭ زور دەرىجىدە كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مۇجەسسەملەش تۇتۇلدى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچى مۇجەسسەملەندى.

قانۇن بويىچە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەينى - كەينىدىن بىر تۈركۈم يەرلىك نىزاملارنى چىقىرىپ ياكى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە شارائىتىنى ياخشىلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلدى.

− ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە كەلگۈسىگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى.» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك».

«بىر ئائىلە كىشىلىرى بولمىسىمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىنمۇ يېقىن ئۆتۈش.» 2017- يىلىدىن باشلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىزنىڭ قاتنىشىغا ئەگىشىپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش يولىدا ماڭغان كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1 مىليون 120 مىڭ كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 690 مىڭ ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئامما بىلەن قانداشلىقتىن ھالقىغان تۇغقان بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

يەر جەنۇب - شىمال دەپ ئايرىلمىدى، ئادەملەر يىراق - يېقىن دەپ قارالمىدى، شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئارىلىشىپ ياشايدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە سىڭدۈردى، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەر كىچىكىدىن باشلاپ بىللە ئوينايدىغان، بىللە ئوقۇيدىغان، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولدى.

شىنجاڭدىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت ئامما شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى شەھەرلەردە ئوقۇش پۈتكۈزدى، سودا بىلەن شۇغۇللاندى، ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈردى. ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت، ئۆگىنىش جەريانىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يارقىن مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

ئىسلاھات - تەرەققىياتتا يەنە رەڭدار سەھىپە پۈتۈش

خەلق تۇرمۇشىغا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىش

مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ بېكىتىلدى.

بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىدى. 2018- يىلى، شىنجاڭ 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. تۈركۈم - تۈركۈم قاتناش، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە نۇقتىلىق تۈرلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر قاتار ئىسلاھاتلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

بەش يىلدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان زامانىۋى مەكتەپ، دوختۇرخانا، زاۋۇتلار ئارقا - ئارقىدىن قەد كۆتۈردى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ غەمخورلۇقى مۇجەسسەملەنگەن تۈركۈم - تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىغا قەدەم قويدى.

بەش يىلدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، بىڭتۇەن تۈزۈلمىسىنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى تولۇق قويۇپ بېرىلىپ، مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى.

پامىر ئېگىزلىكىدىكى كىگىز ئۆيلەردىن تەكلىماكان قۇملۇقى بويىدىكى دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرىغىچە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ئىناق، بەختلىك يېڭى مەنزىرە نامايان بولدى.

خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئالغا سىلجىتىلدى. 2014- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، شىنجاڭ جەمئىي 2 مىليون 314 مىڭ 700 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %19.4تىن 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %6.1كە تۆۋەنلىدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كېڭەيتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش باشتىن - ئاخىر ساقلىنىپ، ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئېغىر نامرات رايون بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلدى. 2016- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، شىنجاڭ شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن جەمئىي 1 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، يېزىلاردا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى جەمئىي 8 مىليون 305 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مائارىپ سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى. مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %96.9كە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %94.2كە يەتتى.

داۋالىنىش كاپالىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى 15 خىل ئېغىر كېسەلنى مەركەزلىك داۋالاپ قۇتقۇزۇش ۋە سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شەھەر، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى سىجىل ئۆستۈرۈلدى.

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىدى، چېھرىدە تەبەسسۇم تېخىمۇ جىلۋىلەندى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرنىڭ قەدىمى قەتئىي، كۈچلۈك بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىسى ۋە كۆڭلى - كۆكسى بىلەن دۇنياغا سىڭىپ كىرىپ، كەلگۈسىگە قۇچاق ئاچتى.

شىنجاڭدىكى قورغاس پورتىدا، قاتار - قاتار جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى غۇيۇلداپ مېڭىپ، ياۋروپا - ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا يۈرۈپ كەتتى. 2018- يىلىلا، قورغاس پورتىدا چېگرادىن كىرىپ - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 2055 كە يەتتى. بۇ سان - سېپىرلارنىڭ ئارقىدىكىسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ئىدى.

ئاساسىي قاتلامنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش

كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇل سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم، ئەمىن قىلىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، چىن نىيەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىندى. شىنجاڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى 70مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى تاللاپ، 10مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، يېزا، كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈش، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە ئەۋەتتى، ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى دىققىتىنى ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرىدىن 39 مىڭدىن ئارتۇقنى يولغا قويۇپ، ئامما ئۈچۈن 3 مىليون 880مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى.

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىش تېخىمۇ گەۋدىلەندى. شىنجاڭ زور كۈچ بىلەن ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1- شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەشكە تاللاپ ئەۋەتتى.

كادىرلار ئىستىلى سىجىل ياخشىلاندى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، پارتىيەلىك كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاۋانگارتلىق رولىنى، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇلدى. دائىملاشتۇرۇلغان، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈلگەن تەرتىپكە سېلىش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلدى، بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى 18 مىڭغا يېقىن كۆپىيىپ، كۆپىيىش نىسبىتى %24 بولدى، ئامما بولغانلىكى جايدا، پارتىيە ئەزاسى بولغانلىكى جايدا پارتىيە تەشكىلاتى، پارتىيە خىزمىتى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

قىپقىزىل پارتىيە بايراقلىرى جاي - جايلاردا جەۋلان قىلدى، مۇستەھكەم، كۈچلۈك قورغانلار ھەممە يەردە بەرپا قىلىندى.

تۈن نىسپىدە، شىنجاڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر جاڭ پىڭ تېلېفوننىڭ سايرىغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتى، كەنت ئاھالىسى جاپپارگۈل سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئالدىرىغاچقا، بەزى رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرمەكچى ئىدى. «مەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئىشخانىسىدا تۇرۇۋاتىمەن، قاچان كەلسىڭىز، شۇ چاغدا بېجىرىپ بېرىمەن.» ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى چىڭىتتى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش، مەكتەپ قۇرۇش، داۋالاش ۋە دورا يەتكۈزۈش، يول - كۆۋرۈك ياساش... ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمى ۋە يۆلىشى ئارقىلىق، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتى، تۈرلۈك ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

2018- يىلى، شىنجاڭدا پۈتۈن يىللىق ساياھەتچى سانى 150 مىليون ئادەم قېتىمنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.09 ئاشتى، بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن 50 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.4 ئېشىپ، «شىددەت بىلەن» ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانىدا تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قاينام - تاشقىنلىق شىنجاڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۈچەيدى، بۇ، شىنجاڭدا مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى بولۇپ، يەنە شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادە، تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشقان كۈچ، تېخىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە داۋاملىق مەردانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.