يىل ئالماشتى، يەنە مول ھوسۇللۇق يىل بولدى. كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، شىنجاڭ تۇپرىقىدىن غەلىبە خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي تارقالدى: دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى − تىيانشان غالىبىيەت تونېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى؛ دۇنيا بويىچە ياسىلىپ بولغان ئەڭ ئېگىز بېتون يۈزلۈك شېغىل توسما − شىنجاڭ چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى چوڭ توسمىسى تىندۇرۇلۇپ ئۈستى يېپىلدى؛ سودا ئايروپىلانى تېز لىنىيەسىنىڭ 135-CCAR بۆلىكى بويىچە يۈرۈش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىش ھەم سودا خاراكتېرلىك تۇنجى ئۇچۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان بۇ چوڭ تۈرلەر شىنجاڭ تۇپرىقىدا سەلتەنەتلىك تەرەققىيات سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ داغدام يولنىڭ تاغنى تېشىپ ئۆتۈشى، شىنجاڭ چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا مۇددەتتىن سەككىز ئاي بۇرۇن چوڭ توسما ئۈستىنىڭ يېپىلىشى بۇ ئىككى تۈرلۈك كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان «جۇڭگو مۆجىزىسى»نىڭ شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان بۇ چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپلا قالماي، يەنە دۇنيا قاتناش قۇرۇلۇشى تارىخى، دۇنيا سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تارىخىدىمۇ قېنىق، رەڭدار سەھىپە قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C909 بەلگىلىك تارماق لىنىيە ئايروپىلانى «ئېگىزلىككە چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۇچۇپ، تولۇق قاپلاپ»، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە تىيانشان چوققىسىدا جۇڭگونىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى نامايان قىلدى.
بۇ، ئەڭ يۇقىرى چەككە جەڭ ئېلان قىلىنغان ئىنسانىيەت داستانى.
تىك ۋە ئېگىز تاغ تىزمىلىرى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇز قىيالار بىلەن، تىيانشان تېغى قەدىمدىن تارتىپ ھالقىپ ئۆتۈش قىيىن بولغان توسۇق بولۇپ كەلگەنىدى. سانسىزلىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە جاپالىق ئەجىر مۇجەسسەملەنگەن تىيانشان غالىبىيەت تونېلى نەچچە مىليون يىللىق «يەرشارى جاراھىتى»نى كېسىپ ئۆتۈپ، يەنە نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت ئارزۇسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن ھەيۋەتلىك تىيانشاننى راۋان يولغا ئايلاندۇردى. قۇم - شېغىللار ئۇچۇپ يۈرىدىغان ئادەمسىز رايوندا ھەيۋەتلىك چوڭ مىڭقات جىلغىسى چوڭ توسمىسى جىلغا ئارىسىدا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ غايەت زور ئېنېرگىيەسى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسۇلى دۇنيا تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىنى يېڭىلىدى، چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، قۇرۇلۇشچىلار تۈرلۈك ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق قاتمۇقات قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تونېل قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ قاتتىق سوغۇق بولىدىغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردا دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردىكى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىشتىكى كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ قاتناش ئەندىزىسى ۋە شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق خەرىتىسىگە بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇرەككەپ گېئولوگىيەلىك شارائىتتىكى تونېل ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئۈلگە، ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ، گۈللىنىشكە ئاتلىنىشتىكى جۇشقۇن مېلودىيە.
ئۇلار جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ ماس تەرەققىياتى، ئورتاق گۈللىنىشىدىكى «ئالتۇن ۋاسىتە». تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى بىلەن قەدىمكىلەرنىڭ نەزەرىدىكى «كۆز يەتكۈسىز يىراق ئارىلىق» «ئىنتايىن يېقىن ئارىلىق»قا قىسقاردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە بولغان قاتناش ۋاقتىنىڭ تېز قىسقىرىشى ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر ئېقىمىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يۇقىرى سۈرئەتتە راۋان يۈرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، سۇ ئېلېكتىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈشى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. ئۇلار تىيانشاننىڭ كۆكرىكىدە ئۆركەشلەۋاتقان تومۇر ۋە سوقۇۋاتقان يۈرەككە ئوخشاش، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولىغا تېخىمۇ كۆپ «ئالتۇن پۇرسەت»نى مۇجەسسەملەپ، جۇشقۇن قۇۋۋەت قوشىدۇ.
ئۇلار شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، چەكسىز گۈزەللىكىنىڭ «تېز كىرىش دەرۋازىسى». ئىلگىرى، ساياھەتچىلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاندا، ئايلانما تاغ يولى توققۇز ئەگىمگە ئوخشاتتى. بۈگۈنكى كۈندە تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى بىلەن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىدا ماھىيەتلىك ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر ئېچىش ۋە بىرىكتۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسىمۇ بىراقلا باشلىنىدۇ. C909نىڭ شىنجاڭغا كىرىپ تىجارەت قىلىشى جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.
بۇ، ئېگىلمەس - سۇنماس مەنىۋى ئابىدە.
مەيلى تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنى ياساش ياكى چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنىنى قۇرۇش بولسۇن، ھەممىسى قاتتىق سوغۇق بولۇش ھەم دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇش، كىلىماتى ناچار، ئۆزگىرىشچان بولۇش، گېئولوگىيەلىك شارائىتى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. ھالبۇكى، ئۆتكەللەر قاتمۇقات بولۇشتەك خىرىس ئالدىدا، قۇرۇلۇشچىلار دادىل باشلامچى بولۇش جاسارىتى، ئاجايىپ قالتىس ئەقىل - پاراسىتى بىلەن نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەرنى يەڭدى، بۇ، ماددىي قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تاغقا يولۇققاندا يول ئاچىدىغان، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سالىدىغان كۈرەش قىلىش روھىنىڭ غەلىبىسى. «غالىبىيەت تونېلى» ۋە «غالىبىيەت توسمىسى»نىڭ ھەممىسى شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئۆچمەس مەنىۋى ئابىدىگە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشكە ھەر ۋاقىت رىغبەتلەندۈرمەكتە.
يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن قوينىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر تۇپراقتا تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەت بىلەن سانسىزلىغان «جۇڭگو مۆجىزىسى»نى ياراتماقتا! تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى چۆرىدىگەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغى، «يەر ئاستىدىكى جۇمۇلاڭما چوققىسى»غا چوڭقۇر چۆكۈپ ئېنېرگىيە ئىزدەيدىغان چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقى... شىنجاڭ تۇپرىقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكا بىلەن قەدىمىي تاغ - دەريالارنىڭ قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇغان سىمفونىيەسى، ئۇلار تىيانشان غالىبىيەت تونېلى، چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو كۈچىنىڭ جەسۇرانە مېلودىيەسىنى ياڭراتماقتا.
مۆجىزە ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش يولىنىڭ چېكى يوق. تىيانشان غالىبىيەت تونېلى، چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ئاساسىي قۇرۇلۇشتىكى مۆجىزە، تەرەققىياتتىكى ئۇلۇغ ئىش، خەلق تۇرمۇشىدىكى كاتتا ئىش. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىنى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ كۆپ «تېز سۈرئەتلىك يولى»نى ئېچىشىنى، تېخىمۇ كۆپ تارىخنى پۈتۈپ، تېخىمۇ كۆپ مۆجىزە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.