− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى ۋە سەپەرۋەر قىلىندى.
ۋاقىت كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قەدەم ئىزلىرىنى نەقىشلەيدۇ. ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىدا تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 400 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى... ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ناھايىتى ئالاھىدە بولدى. تاشقى قىسىمدا بېسىم زورىيىۋاتقان، ئىچكى قىسىمدا قىيىنچىلىق كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلىدى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى.
بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مىللەت - دىن خىزمىتى قاتارلىق ئۇللۇق خىزمەتلەر پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق ۋە ئاشلىق، پاختا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭەيدى، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەشتە زور ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تېزلىتىلدى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سۈپىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، شەھەر بىلەن يېزىلارنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈلدى، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمەت ئەندىزىسى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، كىشىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇ، بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىق، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
مىڭ گەز ئېگىزلىكتىكى دەرەخمۇ يىلتىزىدىن ئايرىلالمايدۇ، تۈمەن چاقىرىملىق دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن بولدى.
2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، بىز يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىمىز، لېكىن پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىك بىز تەرەپتە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوللاش سالمىقىنىڭ زور بولۇشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشەنچىمىز. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ «مۇقىم بولۇش» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، «يېڭى بولۇش» سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇ، بىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تىرىكىمىز. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش غەيرىتى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى، بۇ، بىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچىمىز. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدىن ياخشى پايدىلانغاندا، شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ.
«<ئىككى مۇھىم> تۈرنى قولغا كەلتۈرۈپ، <ئىككى يېڭى> سىياسەتنى يولغا قويۇپ، <ئون چوڭ كەسىپ توپى>نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش» «ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى، قەشقەر شەھەر چەمبىرىكى، تىيانشان شىمالىي ئېتىكى شەھەر توپى، شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغى، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن شەھەر - بازار بەلبېغى بەرپا قىلىش» «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ <ئاساسىي قۇرۇلما>سى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش»... دىققەت ھازىرغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا زور مىقداردا سىياسەت پايدىسى قويۇپ بېرىلدى. ھەربىر تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىردە، كۆزدە تۇتۇلغىنى تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك تۈگۈن مەسىلىلەر، تۈگىتىلگىنى چوڭقۇر قاتلاملىق توسالغۇلار بولۇپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇش نامايان قىلىندى. قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، بىز چوقۇم ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىياتتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز.
قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ھەر يىلى بار، لېكىن بىز ئەزەلدىن بوران - چاپقۇنلاردا چېنىقىش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇق، سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا زورايدۇق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قىيىنچىلىقلارغا توغرا قاراپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتايلى.