1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئىتتىپاقلىشىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۈرەش قىلىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى

日期:2024年03月05日
来源:天山网
【字体:

− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 ـ يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

[خەلق گېزىتى باش ماقالىسى]

باش باھار كىرىشى بىلەن، بارلىق شەيئىلەر يېڭى تۈسكە كىردى. 3 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 ـ يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ھەيۋەتلىك باھار شامىلىغا قۇچاق ئېچىپ، 34 ساھەدىن كەلگەن 2100دىن ئارتۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

تارىخنىڭ كوردىناتىغا كۈرەش ئىزلىرى نەقىشلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا تاشلانغان پۇختا قەدەملەرگە گۇۋاھ بولدى. 2023 ـ يىلى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل. ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، تەستە قولغا كەلگەن، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بىر يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى مەركىزىي خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 75 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزم ـ لېنىنىزم بىرلىك سەپ نەزەرىيەسى، سىياسىي پارتىيە نەزەرىيەسى، دېموكراتىك سىياسىي نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ سىياسىي تۈزۈمدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىيەت. بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش ئاپپاراتى، خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇش شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگوچە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرساقلا، چوقۇم يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقالايمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى.» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ داغدام يولنى بويلاپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگىنىمىزدە، بىز ئىستىقبالىمىزنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىمىز، لېكىن ئايىغىمىز ئاستىدىكى يول كەڭ تۈزلەڭلىك ئەمەس، مۇقەررەر ھالدا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس، جاپا ـ مۇشەققەت، توسالغۇلارغا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىك ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا، ئاندىن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى غەلىبىلىك ئالغا سىلجىتالايمىز. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبىرىنى ياخشى سىزىپ، ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارساقلا، ھەرقانداق بوران ـ چاپقۇن بىزنىڭ پولاتتەك ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنىڭ مەزمۇت قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوت چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.

كېڭىشىش دېموكراتىيەسى پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تۈزۈم لايىھەسى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى چوقۇم يېڭى دەۋردىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيدۇ.

كۆپنىڭ كۈچى بىرلەشسە، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولسا، تەيشەن تېغىنىمۇ يۆتكىگىلى بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى. شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، ياخشى چارە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)