1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتايلى

日期:2024年02月28日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ، بۇ دەل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان پەيت. 2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، يېڭى باھاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، چۈشتىن بۇرۇن يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ھەم «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى، چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 ـ پەسىللىك چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، بىر كۈندە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى مەيدان يىغىن ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تۈرلەرنى تۇتۇشتەك ئىشەنچ، ئىرادىنى گەۋدىلەندۈردى.

سانائەت خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئۇلى، خەلقنى بېيىتىشنىڭ مەنبەسى. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا 2035 ـ يىلىغا بارغاندا «يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش» نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق ۋەزىپە.» بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»تا 100 مىليون توننىلىق ئۆتكەل بۆسۈپ ئۆتۈلدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلارنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى ماكانلاشتى... بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشقا ئومۇميۈزلۈك كۈچىدى، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى تېز مۇكەممەللىشىپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، شىنجاڭ سانائىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىياتى تەرەققىيات تۈرلىرىنىڭ تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۈر قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىش باشلاش بۇرغىسى»نى پەسىل قوغلىشىپ ياڭراتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا تۈرلەرنى تۇتۇش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت جانلىق تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندى. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 ـ لىنىيەسى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلاندى، يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ تۈرلەردە قۇرۇلۇش تېزلىتىلدى، گۇچۇڭ ئايرودۇرۇمى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى... بۇلتۇر، شىنجاڭ چوڭ ـ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، سېلىنمىنىڭ تۈرتكىلىك رولى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش، تۈرلۈك كارخانىلارنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش، كارخانىلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش، سانائەتنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش، رايونلار تاشقى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.

1 ـ پەسىل پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ يۆنىلىش بەلگىسى، ئىقتىسادتىكى ياخشى باشلىنىش ۋەزىيىتى جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. بۇ قېتىم ئىش باشلىشىغا تۈرتكە بولۇنغان تۈرلەرنىڭ كۆلىمى ـ ھەجىمى زور، سۈپىتى ـ قۇرۇلمىسى ئەلا، يېتەكلەشچانلىقى ـ تۈرتكىلىكلىكى كۈچلۈك بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار چوڭ ـ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەت كۆزنەك مەزگىلى، پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، 1 ـ پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» ئارقىلىق «پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداش»قا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، كەپشەرلەشتىن چىققان ئۇچقۇنلار چاچرايتتى... باش باھاردىكى شىنجاڭدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى مەزمۇت، كۈچلۈك بولدى. بىز مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن كۈچلۈك ماددىي ئاساس، تېخنىكا ئاساسى ۋە كەسىپ تىرىكى بەرپا قىلىشىمىز، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.