1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

كۆزنى چاقنىتىدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى جۇلالاندۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ئىشەنچنى نامايان قىلايلى

日期:2024年02月11日
来源:天山网
【字体:

 شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بۈگۈنكى ئۇنتۇلغۇسىز كېچىدە، مەيلى قەيەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، مۇقەددەس جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنى ئوخشاشلا قۇچاق ئاچتى! ھەممەيلەن ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى!

باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىن ئىبارەت دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ سەھنىدە، كۆزنى چاقنىتىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى شادىيانە ناخشا - ئۇسسۇللار، «قاشتاش شەھەر» قەشقەرنىڭ رەڭدار قىياپىتى ئارقىلىق نامايان قىلىندى.

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە. بۇ يىلقى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە قەشقەر شۆبە مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، «شىنجاڭ پەيتى»گە ئورۇن ئاجرىتىلدى، بۇ، يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار بولغان قەشقەرگە دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ توپلاشقانلىقى، مول ۋە قىممەتلىك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنىڭ مەركەزلىك نامايان قىلىنىشى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقى، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈزەل ئىكەنلىكى، گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىغا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە مەدھىيەلەش.

بىپايان تۇپراق يېپيېڭى تۈسكە كىردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەممىگە ئايان، بولۇپمۇ ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى. قاراڭ، پامىر ئېگىزلىكىدىن قاناس كۆلى بويىغىچە، يالقۇنتاغ ئېتىكىدىن ئىلى دەريا ۋادىسىغىچە، ھەممە يەردە ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە، ھەممە يەردە ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنىڭ پۇختا ئاساسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە نامايان قىلغان ئەڭ يارقىن نام كارتىسى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەڭ گۈزەل قىياپىتى.

بۇ رەڭدار نۇر چېچىپ تۇرغان سەھنىدە، شىنجاڭنىڭ قىزغىن، ئوچۇق، تەمكىن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپىتى چاقنىدى. ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىدە، قەشقەردىكى نەق مەيداندىن كەلگەن «شىنجاڭ مېلودىيەسى» كىشىلەرنى مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرنىڭ ئادىمىيەت ئۆزگىچىلىكىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا گۈزەل شىنجاڭنىڭ جەلپكارلىقى ۋە جەزبىدارلىقىنى ھېس قىلدۇردى. مەيلى ئۆتكەن بىر يىلدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاغ - دەريالارنى ھالقىپ شىنجاڭغا كەلگەن خەلقئارادىكى 4300دىن ئارتۇق دوست بولسۇن ياكى ئەمدىلا ئاياغلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن جەلپ قىلغان چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ نەزەرى بولسۇن ۋە ياكى بۇ قېتىمقى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن «شىنجاڭ پەيتى» بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ دۇنيا بىلەن بارغانسېرى چىڭ قۇچاقلىشىش ئۈمىدى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى. بۇ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ دۇنياغا قىزغىن قۇچاق ئېچىشى، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، تەمكىن بولغان ئېچىۋېتىش قىياپىتى.

دۆلەت بويىچە باھار بايرىمى بىردەك تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ سەھنىدە، شىنجاڭ ئىتتىپاقلىق، ئۇيۇشۇش، خۇشاللىق ۋە ئىناقلىق نۇرىنى چاقناتتى. قەشقەر بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانى قىلىپ بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ، ھەر مىللەت ئامما چەكسىز پەخىرلىنىش، ئىپتىخارلىنىش، شادلىق كەيپىياتىغا چۆمدى، قەشقەر كوچىلىرى قاينام - تاشقىنلىق بايرام تۈسىگە كىردى، سەبىي بالىلاردىن تارتىپ ياشانغانلارغىچە ھەممىسىنىڭ چېھرىدە خۇش تەبەسسۇم پارلىدى، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننى، يۇرتنى قىزغىن سۆيىدىغان چوڭقۇر ھېسسىياتى تولۇق ئىپادىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ «قەلبنى مۇجەسسەملەش، مەنىۋى جەھەتتىن بىر - بىرىگە تايىنىش»تىدىكى مەنىۋى ماكانى بەرپا قىلىندى. بۇ − تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى خۇشاللىققا، ئىناقلىققا تولغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بەختلىك ھالەت.

كۈرەش قىلىپ ئارزۇغا ئىنتىلىدىغان بۇ سەھنىدە، شىنجاڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش نۇرىنى چاقناتتى. «جەنۇبىي شىنجاڭغا بارماي تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بۇنچە بىپايان ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولماس؛ قەشقەرگە بارماي تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بۇنچە ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولماس»، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەشقەر شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ قالتىس كارتىنىسى، شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى يارقىن جىپسىلىما رەسىم. «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» قەشقەر يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونىدا يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى مەۋج ئۇردى، ھەر مىللەت خەلق يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلىنىشتەك چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلدى. بۇ − تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئارزۇغا ئىنتىلىشتىكى كۈرەش ھالىتى.

ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ سەھنىدە، بىز ئىدىيەۋىلىكى، بەدىئىيلىكى ۋە ھۇزۇرلىنىشچانلىقى ياخشى بولغان «شىنجاڭ پەيتى» ئارقىلىق ئىتتىپاق، ئىناق شىنجاڭ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان شىنجاڭ، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭ، كەلگۈسى پارلاق شىنجاڭنى جانلىق ھەم قىزغىن نامايان قىلدۇق.

كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت بىلەن يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. بىز ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمىز، ھەممەيلەننىڭ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشىغا تىلەكداشمىز، قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتايلى!