1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەيلى − شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا»

日期:2024年02月07日
来源:天山网
【字体:

خەلق گېزىتىدە رېن جۇڭپىڭنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەيلى − شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا»

كودنى سىكاننېرلاپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان2 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى خەلق گېزىتىدە رېن جۇڭپىڭنىڭ «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەيلى − شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا» تېمىلىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مەدەنىيەت دۆلەتنىڭ ئاساسىغا، دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەمدە دۆلەت فورماتسىيەسى ھالىتىدە تەرەققىي قىلىپ ھازىرغىچە كەلگەن ئۇلۇغ مەدەنىيلىك بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تارىخىي يېڭى ئورنىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا بۇ دەۋر تېمىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەم چوڭقۇر چۈشەندۈردى −

«يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق تۈردە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىمىز».

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە زامانىۋى كۈچ بېغىشلىدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا چوڭقۇر ئاساس سېلىپ بەردى».

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىرىش ياساش ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قايتا جۇلالىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ».

بارلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنىڭ ھەممىسى ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ توغرا يېتەكلىشىگە ئېھتىياجلىق. 2023 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەمىزنىڭ مەدەنىيەت بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي.» پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنىدە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مۇھىم ئىدىيە يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مۇھىم ئىدىيە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكى ئۇزۇن سەپەردىكى بايراققا، يىراققا يۈرۈش قىلىشتىكى ماياكقا ئوخشايدۇ.

يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى «ئىجادىي نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت نەزەرىيەۋى خىسلىتى ۋە ئوچۇق ئالاھىدىلىكى بىلەن، خاس تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىنى نامايان قىلدى.

پارتىيەنىڭ مەدەنىيەتكە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇش، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۇچۇرلىشىش شارائىتىدىكى ئاممىۋى پىكىر تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش، خەلقنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، جۇڭگو سۆز سىستېمىسى ۋە جۇڭگو بايان سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ 11 جەھەتتىكى مۇھىم ئىجادىي نۇقتىئىنەزەر شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىدىكى ئۇللۇق، پىرىنسىپال مەزمۇن بولۇپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ «گەۋدە» قاتلىمىنىڭ ئاساسىي رامكىسى بولۇپ قالدى؛

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈش، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، جۇڭگوچە پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنى تېز بەرپا قىلىش، يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىلەشكەن، قوشۇلۇپ بىرلەشكەن پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش، تورنى ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋرگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش ۋە ئىزاھلاشنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ 16 جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ «قوللىنىش» قاتلىمىدىكى ئاساسلىق ئىچكى خاس مەزمۇنى بولۇپ قالدى.

«ئىجادىي نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن»، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىدە ھەم مەدەنىيەت نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ھەم مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بار؛ ھەم ئىدىيەۋى قاراش قاتلىمىدىكى بىلىش نەزەرىيەسى، ھەم ئەمەلىي مەشغۇلات قاتلىمىدىكى مېتودولوگىيە بار بولۇپ، ئىلمىي، سىستېمىلىق ئىدىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ مۇھىم ئىدىيە يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، قانداق پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، قانداق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق تۈپ مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، ئۇ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىدىيە جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى؛ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي رامكىسى ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يول خەرىتىسى ۋە ۋەزىپەنامىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت روھى مەدەنىيەت ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە زامانىۋى كۈچ بېغىشلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا «جۇڭگو» دېگەن سۆزنىڭ قوشۇلۇپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىن ئوزۇق ئالغان. بۈگۈنكى كۈندە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا چوڭقۇر ئاساس سېلىپ بەردى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى ياراتتى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تولغان، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغان بىر تۈرلۈك ئۇلۇغۋار ئىش. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ زور سىياسىينى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى، كۈچنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت باش سىياسىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك، بۇ، بۇرچنىڭ چاقىرىقى، تېخىمۇ مۇھىمى دەۋرنىڭ مۇقەررەرلىكى.

شەرەپ، ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەرگە يۈزلىنىپ، پارلاق، ئۇلۇغۋار كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت بۇرغىسىنى ياڭرىتىپ، مەدەنىيەت يەلكىنىنى چىقىرىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، زامانىمىزدىكى شانلىق سەھىپىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك −

بىزدە مۇنداق قەلب بار: «يېڭى تارىخ يارىتىش تارىخقا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلغانلىق؛ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت».

بىزدە مۇنداق ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى بار: «جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى يەنە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى چوقۇم يارىتالايدۇ».

بىزدە مۇنداق ئىشەنچ بار: «زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى داۋامىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك، شۇنداقلا چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ!»

يول ئۇزۇن، مەدەنىيەت ئارقىلىق كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ.

توغرا يول كىشىنى تاۋلايدۇ، توختىماي ئىلگىرىلىگەنلەر مەنزىلگە يېتىپ بارالايدۇ.