1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتايلى

日期:2024年01月24日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش − پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى ۋە ئەڭ زور ئەۋزەللىكى. كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا مېغىزىنى ئېلىپ قېلىپ شاكىلىنى چىقىرىۋېتىش، ئۆزىدىن ھالقىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، 2024 - يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلەندى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيە چوڭقۇر بايان قىلىندى، پارتىيەمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلالايدىغانلىقى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى قانداق ئالغا سىلجىتىدىغانلىقى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلدى، سىجىل كۈچەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، شىنجاڭدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنە بەزى مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، بولۇپمۇ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

يېڭى ئىدىيە يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلماقتا، يېڭى مۇساپە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور، مەسئۇلىيىتى مۇھىم. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ «توققۇز جەھەتتىكى» ئەمەلىيەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش كېرەك؛ سىياسىي نازارەتچىلىكنى دەل جايىدا، كۈچلۈك قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك؛ «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت جاھىل كېسەلگە قاتتىق زەربە بېرىپ تۈگىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىدىن ئىبارەت توسمىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك؛ قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام، قائىدىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىش كېرەك.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەت بىلەن نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تۇتاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىدىيەدە، ئىستىلدا، پاكلىقتا، قاتتىق باشقۇرۇشتا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇش، مۇتلەق پاك بولۇشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ئۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق ئىنتىزام تەلىپى قويۇپ، تىرىشىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئۈلگىلىرىدىن، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

ئەڭ قاتتىق تۆمۈرنى بازغانلاش ئۈچۈن، جەزمەن تۆمۈردىن سوقۇلغان ئادەم بولۇش كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ زىچ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىپ، ھەربىر سەپ، ھەربىر ھالقىدىكى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى كونكرېت تۇتۇپ، چوڭقۇر تۇتۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر :قۇربانجان قېيۇم