1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەيلى، كېڭەيتەيلى

日期:2024年02月07日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ بىر قېتىملىق ئىدىيەگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان كەڭ كۆلەملىك ئۆگىنىش، بۇ بىر قېتىملىق مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان چوڭ سىناق، بۇ بىر قېتىملىق يېڭى مۇساپىگە يەنە ئاتلىنىش، يەنە ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىش توغرىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك سەپەرۋەرلىك.

ئاپتونوم رايوننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش تېما تەربىيەسىدىكى ئۇسۇلى، نەتىجىلىرى سىستېمىلىق خۇلاسىلەندى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىلدا، پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزەرىنى، مۇستەھكەم نەزەرىيە ئاڭلىقلىقىنى، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى سىجىل پۇختىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز 15 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىشىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەتنى مۇستەھكەملىدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ ئاڭلىق ۋە قەتئىي بولدى؛ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتتى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقى، نەزەرىيەۋى تەربىيەلىنىشى، ئىدىيە سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتىكى بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتتى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشتىكى ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تولۇق ئۇرغۇتتى؛ خەلققە بەخت يارىتىشنىڭ ئەلا جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى؛ پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئەمەلدارلارنى ئىدارە قىلىشتەك تەلەپچان، راستچىل بولۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى تېخىمۇ ساپلاشتى، يېڭى كەيپىيات، توغرا ئىستىل تېخىمۇ ئەۋج ئالدى؛ زور بىر تۈركۈم نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئاساسنى پۇختىلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ قابىلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ ئوبراز تىكلەپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا بۇ يىللىق خىزمەتلەرگە قارىتا سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. بىز باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى پۇرسەت بىلىپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئۆگىنىشكە تايىنىپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلايلى؛ ئۆگىنىشكە تايىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتا، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي تۆھپە يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى.