1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ياشلىق باھارى ئارقىلىق يېڭى دەۋرنىڭ شان - شەرىپىنى پۈتۈش

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

日期:2019年04月30日
来源:新疆日报
【字体:

ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ.

ياشلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدكە تولىدۇ.

ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىدىغان بىر مىللەتنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز پارلاق بولىدۇ.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادىمى بولۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئالغا بېسىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلار خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، كەڭ ياشلارنى تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا چاقىردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

سەمىمىي تاپشۇرۇق غايە يەلكىنىنى لەپىلدەتتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى كۆزلەپ، كەڭ ياشلارغا كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئىللىقلىق، غەمخورلۇق يەتكۈزدى

ئىللىق باھاردا، ياشلىق باھارنىڭ تومۇر سوقۇشىنى ئەڭ كۈچلۈك ھېس قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭنەنخەيدىن تارقالغان خەۋەر يەنە بىر قېتىم ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، كەڭ ياشلارنىڭ روھىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتى توغرىسىدا 14- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا: كەڭ ياشلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەڭ ياشلارنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

«قەتئىي تۈردە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش دەل ئەسلىي مەقسەت.» جۇڭگو سىياسىي - قانۇن داشۆسىنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ياشلار زور ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىرادە باغلاش»نى تەشەببۇس قىلىش ھەرىكىتىنىڭ دولقۇنى پەسەيمىدى.

2017- يىلى 4- ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ھەق تەلەپ ۋە سودا - ئىقتىساد قانۇنى شۆيۈەنى تولۇق كۇرس 2- يىللىق 2- سىنىپ ئىتتىپاق ياچېيكىسى قانات يايدۇرغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى جۇڭگو سىياسىي - قانۇن داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پەن خۇينىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتتى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلا بولساق، بىز توغرا كىشىلىك تۇرمۇش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزالايمىز، ئۇلۇغۋار غايە، نىشان تىكلىيەلەيمىز».

ياشلىقتىكى غايە، ياشلىقتىكى ھاياتىي كۈچ، ياشلىقتىكى كۈرەش جۇڭگو روھى ۋە جۇڭگو كۈچىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك يىراقنى كۆزلەش نەزەرى بىلەن، ياشلار ۋە ياشلار خىزمىتى ئۈچۈن بايراقنى كۆتۈرۈپ نىشاننى بېكىتىپ، رولنى تۇتۇپ يول باشلىدى.

«پۈتۈن پارتىيە ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ياشلارغا غەمخورلۇق قىلىشى، ياشلارغا كۆيۈنۈشى، ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشى، ياش دوستلارنىڭ سىردىشى، ياشلار خىزمىتىگە قىزغىن كىشى، ياش ئاممىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك».

ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسەتتى. ھەر قېتىم «4- ماي»دىن ئىبارەت بۇ ياشلارنىڭ مەخسۇس بايرىمى يېتىپ كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ھەمىشە ياشلار ئارىسىغا كەلدى −

ئۇ «جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياشلىق باھارىدا باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش» باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى؛ ئۇ 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان بېيجىڭ داشۆسىگە كېلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانداق تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش توغرىسىدا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى؛ ئۇ زىيالىيلار، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ياشلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كەڭ ياشلارنى ئۆز غايىسى ۋە قايناق ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پەزىلىتىنى تاۋلاپ، پۇختا قەدەم ئېلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ياشلىق باھارىنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈشكە رىغبەتلەندۈردى...

ھەر قېتىم ياشلار ئارىسىغا كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ شەخسىي غايىسىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە يۇغۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ماڭىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچى، يول ئاچقۇچى، تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇ ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ئارزۇ ئەترىتى»نى بەرپا قىلىدىغان ئارزۇنى روياپقا چىقارغۇچىلارغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى؛ ياش ئىشچىلارنى «يېڭى دەۋردىكى ئەمگەكچىلەر ناخشىسىنى ئۈزلۈكسىز يېزىپ چىقىش»قا رىغبەتلەندۈردى؛ ياش كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ «تىرىشىپ مەشىق ئەلاچىسى، تېخنىكا ماھىرى، ماھارەت كۆرسىتىش ئۈلگىسى بولۇش»ىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى...

«مەن ھەربىر ياشنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىزباسارىغا ئايلىنىپ، دەۋر بۇرچىنى ئاقلاپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن».

سۆز ئاددىي بولسىمۇ مەنىسى چوڭقۇر، ۋەزنى ئېغىر. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىغا نەزەر سېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلار خىزمىتىدە جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك دەۋر تېمىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ياشلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قىممەت كوردىناتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى −

ئۇ «كىشىلىك ھاياتنىڭ تۈگمىسىنى باشتىلا ياخشى ئېتىش كېرەك» دېگەن جانلىق ئوخشىتىش ئارقىلىق ياشلىق مەزگىلىدىكى قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، دەپ قاراپ، مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىرقاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى.

ئۇ ياش - ئۆسمۈرلۈك باسقۇچىنى كىشىلىك ھاياتتىكى «غول تارتىپ باشاق چىقىرىش مەزگىلى»گە ئوخشىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشنى تەكىتلىدى...

ئېتىقادنى چىڭىتىشتىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقىچە، ئەخلاق - پەزىلەت يېتىلدۈرۈشتىن بىلىم ئېلىپ كەسىپ تاللاشقىچە، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشتىن يېڭىلىق يارىتىپ كۈرەش قىلىشقىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ياشلار ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئاڭلاپ قوبۇل قىلالايدىغان سۆزلەر ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن سىردىشىپ، كۆپچىلىككە ئىلھام بېرىپ، كۆپچىلىكنى توغرا دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى.

ئۆگىنىش توغرىسىدا توختالغاندا، باش شۇجى تاغقا چىقىپ قوي بېقىش، ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب كۆرۈشتەك زىيالىي ياشلىق مەزگىلىنى ئەسلەپ، ياشلارنىڭ ئۆگىنىدىغان ئالتۇن مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، غايە تىكلەشنى ئۆگىنىشتىن باشلاش، كەسىپتە ماھارەتكە تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغاندا، باش شۇجى مەدەنىيەت، تارىخ كىلاسسىك كىتابلىرىدىكى ئېسىل ئىبارىلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىشتە جەزمەن ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەش، ھەقىقەت ئىزدەش، داۋلىنى چۈشىنىش، ئىشنىڭ يولىنى بىلىش كېرەكلىكىنى، پارچىلانغان ئۇچۇرلار، تېز تاماق شەكلىدىكى بىلىملەر بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماسلىق كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈستىدە توختالغاندا، باش شۇجى ئۆزىنى تەنتەربىيە ھەۋەسكارى دەپ تونۇشتۇرۇپ، ياشلارنى ھەم ئۆگىنىشنى ياخشى قىلىشقا، ھەم تېنىنى ساغلام قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

دۇنياغا نەزەر سېلىشتا، باش شۇجى ھەرقايسى دۆلەت ياشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش نۇقتىئىنەزەرى بىلەن دۇنياغا نەزەر سېلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئىناق بىللە ياشاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى...

يېرىم ئەسىرنى ھالقىپ ئۆتتى، جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن شىمالىي شەنشى ئېگىزلىكىدىن كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلارنىڭ ئارزۇسىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىدە، باش شۇجى كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قۇرۇش، گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى قۇرۇشتىكى ياراملىق، ئىستېداتلىق كىشىلەردىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان بارلىق خادىملارغا يازغان خېتىدە، باش شۇجى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىيجاناب غايىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ كۈرىشىدە ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ دەۋرگە مۇناسىپ شانلىق سەھىپە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 12- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 26- قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىدە، باش شۇجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغاندا، ياشلىق ئاندىن جۇلالىنىدۇ؛ خەلق بىلەن بىللە ئىلگىرىلىگەندە، ياشلىق ئاندىن جۇشقۇن بولىدۇ؛ خەلق بىلەن ئورتاق ئارزۇدا بولغاندا، ياشلىق ئاندىن ئارمانسىز بولىدۇ.

......

خەتتە غەمخورلۇق يەتكۈزۈلدى. باش شۇجىنىڭ ياشلارغا يازغان ھەربىر پارچە خېتىدىن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياشلاردىن چوڭقۇر ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

«باش شۇجى جاۋاب خېتىدە بىزگە ئولىمپىك روھى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ، چىن ھېسسىيات بىلەن تۆھپە قوشۇشنى تاپىلىدى.» ئىلگىرى نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پىدائىيسى بولغان جاڭ لۇ تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەندە ئاسپىرانتلار مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىگە قاتنىشىشنى تاللاپ، «قىزغىنلىق»، «تۆھپە قوشۇش»نى تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىسى ئارىسىغا جايلاشقان يىزۇلار كەنتىگە ئېلىپ كىردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى غەربىي رايون مائارىپىغا ياردەم بېرىش بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يازغاندىن كېيىن، بارغانسېرى كۆپ ياش ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە خەلق ئارىسىغا بېرىپ تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ياشلىق باھارىنىڭ گۈللىرىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئۆزگىچە قالتىس كىشىلىك تۇرمۇش سەھىپىسىنى پۈتتى.

خەت گويا يېرىم دىدار. باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇددى بىر مېھرىبان ئۇستازغا ئوخشاش مول كىشىلىك تۇرمۇش تەجرىبىسى ئارقىلىق ياشلارنى يېتەكلەپ، ئاددىي - ساددا، چوڭقۇر ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى بىلەن ياشلارنى تەسىرلەندۈردى.

ئۇششاق ئىشلار خۇددى باھاردىكى مەيىن شامال ۋە يامغۇر تامچىسىدەك قەلب ئېتىزىنى سۇغىرىپ، پەزىلەتنى تاۋلىدى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ ياشلار ئۆزلۈكىدىن «كۈرەشچان ياشلىق ئەڭ گۈزەل» «ئېتىقاد بىلەن سۆزلىشىش» «مەن دۆلەت بايرىقى بىلەن سۈرەتكە چۈشتۈم» «مەن يادرولۇق قىممەت قارىشى ئۈچۈن سۆز قىلىمەن» قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ياشلىق ناخشىسى ئارقىلىق يېڭى دەۋرنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.

كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يار - يۆلەك بولۇش

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، ياشلار خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى تېزدىن مۇكەممەللىشىپ، ئىقتىدارنى نامايان قىلىدىغان سەھنە تېخىمۇ كېڭەيدى

قىزىلكوس مەۋسۇمىدە، خۇلۇنبۇير يايلىقى ھاياتىي كۈچكە تولدى.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى بارخۇ ئوڭ خوشۇنى كېرلۇن سۇم ماڭلەي گاچا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مىجېگ ياز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«يايلاق بارغانسېرى گۈزەللىشىپ كەتتى، بۇلتۇر 800دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، بۇ يىل مۆلچەرىمىزچە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.» مىجېگ ئۈمىدكە تولغانىدى.

2013- يىلى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، موڭغۇل ياشلىرىنىڭ ۋەكىلى مىجېگكە ھەم يايلاقنى ياخشى قوغداشنى، ھەم چارۋىچىلارنى بېيىشقا يېتەكلەشنى تاپىلىغانىدى.

يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، مىجېگ گاچا ياشلىرىنى ئائىلە چارۋىچىلىق مەيدانى ئېچىشقا يېتەكلەپ، كىرىمىنى كۆپەيتىش يولىنى ئاچتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شۇ جايدىكى ياشلار بىلەن بىرلىكتە چارۋىچىلارنى بىرلىشىپ ئوتلاقتا نۆۋەتلەشتۈرۈپ مال بېقىش، يايلاقنى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلدى.

ھازىر، مىجېگنىڭ ئائىلە چارۋىچىلىق مەيدانى شۇ جاينىڭ داڭلىق تور بېكىتىگە چىقىپ، ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەرەققىياتنىڭ «سەركىسى»گە ئايلىنىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

«ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە رەھبىرىي كادىرلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياشلارنىڭ ئارزۇسىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ياشلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىشى، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىشى، ياشلارنىڭ ئەركىن ئىدىيەسى ئۈچۈن تېخىمۇ چەكسىز بوشلۇق ئېچىپ بېرىشى، ياشلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يېڭىلىق يارىتىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى، ياشلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يارىتىشى ئۈچۈن تېخىمۇ مول پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشى، ياشلارنىڭ پائال تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.» ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق تەلەپ قويۇپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۆزى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتتى −

2013- يىلى 5- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، ئادەم كۈچى بايلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىگە بېرىپ، نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، شۇ جاي تەمىنلىگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. باش شۇجى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغان مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرگە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەشنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە تۈرتكىسىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن داغدۇغىلىق ھالدا بىر قاتار ھەقىقىي تەدبىرلەرنى يولغا قويدى:

«يېڭى ۋەزىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قانچە سىياسەت - تەدبىرلەر توغرىسىدىكى پىكىر»دە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى، خادىم، مەيدان، خىراجەت قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى؛ «ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، ياش مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز تالانتىنى كۆرسىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سالاھىيىتىگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇش، مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق كونا قاراشلارنى تۈگىتىش تەكىتلەندى؛ بېسىپ تارقىتىلغان «ياشلارنىڭ يۈكسىلىشىگە ئائىت ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان (2025− 2016- يىل)»دا، ئون تەرەققىيات ساھەسى، 44 تۈرلۈك تەرەققىيات تەدبىرى ۋە ئون نۇقتىلىق تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياشلارنىڭ يۈكسىلىشىگە ئائىت سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى...

كەڭ ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى بەس - بەستە ئۇرغۇدى، ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ يۈكسىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تولۇق ئۇرغۇدى. «جۇڭگونىڭ كىرىمنىي جىلغىسى» دەپ نام ئالغان بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۈندە، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا تۇغۇلغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەش چوڭ قوشۇنىدىكى بىر بايراققا ئايلاندى؛ گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا تەسىس قىلىنغان شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى جەمئىي 360 نەچچە ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىنى جەلپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار 4000غا يېقىنلاشتى؛ 2014- يىلىدىن باشلاپ، ئۇدا بەش نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن «ئىجادچان ياشلىق» جۇڭگو ياشلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى جەمئىي 400 مىڭدەك ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپى، 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئىگىلىك تىكلىگەن ياشنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

ياشلار خىزمىتىنى ئىشلەشتىكى ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ھەقىقىي تۈردە ساقلاش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا كۆرۈلگەن «ئورگانلىشىش، مەمۇرىيلىشىش، ئاقسۆڭەكلىشىش، ئويۇن - تاماشىلىشىش» خاھىشىغا قارىتا، كەسكىنلىك بىلەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىغا ئۆزى رەھبەرلىك قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى −

2019- يىلى 2- ئايدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ 14- نۆۋەتلىك 5- ئومۇمىي يىغىنى خېفېيدا ئېچىلدى، ئىلگىرى ئۈمىد قۇرۇلۇشىنىڭ «ئوبراز ۋەكىلى» دەپ ئاتالغان «بوتا كۆز قىز» سۇ مىڭجۈەن ئۆلكىلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسىلىق سالاھىيىتى بىلەن يىغىنغا قاتناشتى.

مالىيەدىن مائاش ئالماسلىق، مەمۇرىي دەرىجىسى بولماسلىق. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، سۇ مىڭجۈەن ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى يېڭى ئۆلچەم بويىچە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلاندى. ياش، ئوقۇش تارىخى، سالاھىيەت، ۋەزىپە دەرىجىسى چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى ئارىسىدىن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش دەل كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا.

ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى كادىرلار ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىزمەت قوشۇنى ياشلارنى تەشكىللەش، ياشلارنى يېتەكلەش، ياشلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، كۈنسېرى ياشلارنىڭ ئىشىنىدىغان، ئىشەنچلىك، ئايرىلالمايدىغان سىردىشى، غەمگۈزارىغا ئايلاندى.

تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم خەت ئەۋەتىپ كۆڭۈل بۆلۈپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، ياش پىدائىيلارنى پىدائىيلار روھىنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى −

خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ «بېنيۈ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»گە يازغان جاۋاب خېتىدە، باش شۇجى ئۇلاردىن «ۋەتەن بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ، خەلققە تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشلىق ئارزۇسى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش»نى ئۈمىد قىلدى.

«گو مىڭيى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتى»گە يازغان جاۋاب خېتىدە، باش شۇجى ئۇلاردىن «ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭ ھېكايىسىنى يېزىپ چىقىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر ئۈلۈش ھارارەت، بىر ئۈلۈش يورۇقلۇق تارقىتىش»نى ئۈمىد قىلدى.

«نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرى»غا يازغان جاۋاب خېتىدە، باش شۇجى ئۇلاردىن «ياشلىقتىكى قايناق ھېسسىياتى بىلەن ئەڭ گۈزەل <جۇڭگو نام كارتىسى>نى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسىنى تۇتاشتۇرۇش، يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئالىيجاناپ ئىشلارغا ئورتاق تۆھپە قوشۇش»نى ئۈمىد قىلدى...

يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك تېز تەرەققىي قىلىش. 2018- يىلى 6- ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلچەم بويىچە تىزىملاتقان ياش پىدائىيلار 67 مىليون 700 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، ھەر يىلى جەمئىيەتنى تەخمىنەن 700 مىليون سائەت پىدائىي مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

باھار ئاپتىپى ھەممە يەرگە چۈشتى، ئوت - چۆپلەر بۇنىڭدىن بەھرىلەندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياشلارغا كۆيۈنۈش ھېسسىياتى مول ۋە چوڭقۇر بولدى، ياشلارغا غەمخورلۇق قىلىش ھەرىكىتى ئىنچىكە ۋە نازۇك بولدى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇمولاڭما چوققىسىغا يامىشىپ چىققان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتى، كەسپىي مەكتەپلەردىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۈنەرۋەن روھىنى ئالقىشلىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا جۇڭگولۇق تىنچلىق ساقلىغۇچى ئايال ساقچىنىڭ ھايات چېغىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا ياشلىق باھارىغا تولغان جۇڭگونىڭ ئەڭ گۈزەل قىياپىتىنى كۆرسەتتى...

ياش كادىرلارنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماھىرلىق بىلەن تەربىيە بېرىپ، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى ھەربىر قەدەمنى ياخشى بېسىشقا رىغبەتلەندۈردى −

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، ياش كادىرلارغا ئەسكەرتىش، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇلاردىن «يېتەرلىك قابىلىيەت بىلەن ۋارىسلىق قىلىش، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، تەجرىبە توپلاش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكى»نى تەلەپ قىلدى، ئۇلارنى «مۇھىم، زور كۈرەشلەردە ھەقىقىي، ئەمەلىي كۈرەش قىلىش»قا ئىلھاملاندۇردى.

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «زاپاس ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپى ۋە قىيىنچىلىق ئېغىر، جاپالىق جايلاردا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئارقا - ئارقىدىن ئۈزلۈكسىز تاللاپ ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش كېرەك».

ھەم يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىش، ھەم كاپالەتلىك قىلىشنى تۇتۇش. پەقەت ئۆتكەن بىر يىل ۋاقىت ئىچىدىلا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، «يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاش، تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»گە قاراپ چىقتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «2022− 2018- يىل مەملىكەت بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى، «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزدى... بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلىدى.

شى چاۋنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتى شەندۇڭدىن مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېغىر نامرات رايونىغا باردى، بۈگۈنكى كۈندە ئاساسىي قاتلامدا تۇرۇۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولدى.

«چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش، ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش دەل بىر نامراتلارنى يۆلەش كادىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياش كادىرلارغا قىلغان سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلىغان شى چاۋنى: «بوران - چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىش، كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈش، يىقىلغان جايىدىن ئۆمىلەپ قوپۇش جەريانىدا ئىقتىدارنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بىز چوقۇم يېڭى دەۋرنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتالايمىز!» دېگەنگە ئىشىنىدۇ.

ئۇلۇغ ئارزۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرماقتا

− كەڭ ياشلار سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارىلىق بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە

ياشلىق جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، كۈرەشكە ئاتلىنىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يولىنى ئېچىپ، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك − بۇ يىل 4- ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بېيجىڭ داشۆسى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى زوۋ رۈيياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى قايتا ئەسلىدى.

2014- يىلى 5- ئايدا ۋە 2018- يىلى 5- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم بېيجىڭ داشۆسىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، زوۋ رۈيياڭ تەلىيىگە ئىككىلا قېتىم شۇ مەيداندا بار ئىدى، ئۇنىڭ ئېنىق يادىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ساۋاقداشلارنىڭ قىزغىن، ئىللىق چىرايىغا قاراپ، چوڭقۇر تولۇپ تاشقان مېھىر - مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېگەنىدى: «كەڭ ياشلار مۇشۇنداق ياخشى دەۋردە تۇغۇلدى، ئېغىر ۋەزىپىمۇ زىممىسىگە يۈكلەندى».

«بىز ھەم ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر، ھەم ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلار.» زوۋ رۈيياڭ مۇنداق دېدى: ئاشۇ پەيتتە مەن كىشىلىك ھاياتىمىزدىكى ئالتۇن دەۋرنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن تامامەن ماس كېلىدىغانلىقىنى كۈچلۈك ھېس قىلدىم.

گەپ - سۆزلەردىن بىر ئارزۇنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؛

قەلبنى بىلىش ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىش ئېتىقادىنى تېخىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

پەقەت قىزغىن كۈرەش قىلغان ياشلىق بولسىلا، پەقەت قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقان ياشلىق بولسىلا، پەقەت خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ياشلىق بولسىلا، ئاندىن مول، ئىللىق، ئۇزاق داۋاملىشىدىغان، پۇشايمانسىز ياشلىق ئەسلىمىسى قالىدۇ − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى ھەقىقىي ھېس قىلغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ ياشلارغا كىشىلىك تۇرمۇش پەند - نەسىھەتلىرىنى تەقدىم قىلدى، بۇ يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان ياشلىق قەسىمىگە ئايلاندى.

2014- يىلى، ۋېڭ شىنچياڭ يىلىغا 250 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت ئەمەلدارى بولدى.

قىسقىغىنا بىرقانچە يىلدا، ئۇ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، تاغ - دالىلارنى قاپلىغان شىزاندىرانى سېتىلىش سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ئالتۇن مېۋىگە ئايلاندۇردى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەميېنى تەدرىجىي تومپايدى. خۇبېي - شەنشى چېگراسى ئەتراپىدىكى يېزا - بازارلاردا قارىقۇمچاق كەلگەن، ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنى ئېگىز تۈرۈۋالىدىغان بۇ يىگىت داڭلىق شەخسكە ئايلاندى.

«ھازىر سىزنىڭ قانداق ئورۇندا تۇرۇشىڭىز مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يۆنىلىشىڭىزدۇر.» بۇ ۋېڭ شىنچياڭنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئۆزىگە يازغان سۆزى.

يېڭى دەۋردە ئۆزگىرىشلەر خىلمۇخىل بولىدۇ، تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش سەھنىسى مىسلىسىز كېڭىيىدۇ، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى مىسلىسىز پارلاق بولىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ ياشلار كىشىلىك تۇرمۇش غايىسىنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە جەڭگىۋار قوشۇن ۋە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

2016- يىلى يازدا، چىڭخۇا داشۆسى، فۇدەن داشۆسى، ھەمدە ئامېرىكا خارۋارد داشۆسى قاتارلىق داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن 27 ئوقۇغۇچى خۇنەن، جياڭشى، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭدىكى 15 نامرات كەنتكە «ماكان»لاشتى.

ئۇلارنى جەلپ قىلغىنى ئامېرىكا يالې داشۆسىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ كەنت ئەمەلدارى بولغان چىن يۆفېي قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان «قارا تۇپراق بۇغدايلىقى» نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تۈرى ئىدى.

بىر يىل ۋاقىتتا، تۇنجى تۈركۈمدىكى «نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىگىلىك تىكلىگۈچى»لەر كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئاچقان ئون نەچچە خىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ تىجارەت كىرىمى جەمئىي 1 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، كەنتكە 8 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سېلىنما جەلپ قىلدى. ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، بارغانسېرى كۆپلىگەن يۇرتىغا قايتقان ياش، قىسىمدىن چېكىنگەن ياشلار بۇ سەپكە قېتىلىپ، بىپايان يېزىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە قان ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندى.

2- قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاياغلاشقاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە سايلانغان چىن يۆفېي تەشكىلنىڭ ئۆستۈرۈشىنى يەنە بىر قېتىم سىلىق رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە غايەم ۋە ھېسسىياتىم مېنىڭ يېزىغا ئۆزۈمنى بېغىشلىشىمغا تۈرتكە بولغانىدى، لېكىن مەن راستىنلا يېزىغا كەلگەندە، ئاندىن شۇنى چۈشەندىمكى، مېنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشىم ھەرگىزمۇ قانداقتۇر <چوڭ قائىدە> ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاياغ ئاستىمدىكى بۇ زېمىن ۋە بۇ زېمىندا ئەمگەك قىلىۋاتقان، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئىكەن».

تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا جەزمەن مەن بولۇشۇم كېرەك. ياشلىقنىڭ قىزغىنلىقى يېڭى دەۋردىكى كۈرەشتە يالقۇنجىماقتا.

قەدەمنى پۇختا بېسىۋاتقان، يىللىق تېز يەتكۈزۈش مىقدارى 40 مىليارد پارچىدىن ئاشىدىغان دۇنيا بويىچە 1- چوڭ تېز يوللانما يەتكۈزۈش تورىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن «كىچىك ھەسەل ھەرىسى» دەپ تەرىپلەنگەن بىر توپ تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر بار.

يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارايدىغان بولساق، «توققۇز قەۋەت ئاسمانغا چىقىپ ئاينى ئۈزۈش، بەش ئوكيانغا چۆكۈپ دېڭىز تاشپاقىسى تۇتۇش»تىن ئىبارەت پەخىرلىنەرلىك نەتىجىنىڭ ئارقىسىدا، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر توپ پەن تەتقىقات ئاۋانگارتلىرى بار.

ئون يىل ئىلگىرى ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن دۆلەتنىڭ «مىڭ كىشىلىك پىلانى»دىكى مۇتەخەسسىس جۇ تاۋ ھەركۈنلۈك پەن تەتقىقات ۋە ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى داۋانلاردىن ئېشىش ۋە «ئىمتىھانغا قاتناشقىلى بېرىش»تىن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىدۇ، ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى يەر شارىۋى ئېبولا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارىغا كىرگەن تۇنجى ئەترەت.

«تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋەتىنىمىز بىزگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بەردى.» جۇ تاۋ مۇنداق دېدى: بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان بۇ شەرەپلىك جەريانغا قاتناشتۇق، بىز كۈرەش قىلىشنى خالايمىز، شۇنداقلا ئۆزىمىزگە تېخىمۇ ئىشەنچمىز بار!

«دەۋرگە يېتىشىۋېلىش»تىن «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش»قىچە، كەڭ ياشلار «ھەربىر ئەۋلاد كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بارغانسېرى چۈشەندى −

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قانچىكى يېقىنلاشقانسېرى، بىز شۇنچە بوشاڭلىق قىلماسلىقىمىز، شۇنچە ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىز، كەڭ ياشلارنى كۈرەش قىلىشقا شۇنچە سەپەرۋەر قىلىشىمىز كېرەك».

2013- يىلى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسى گۇرۇھى شىركىتى جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتىدا «جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى، ياشلىق باھارىمىزدا باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالايلى» باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى، جۇڭگو نېفىتى 1- قۇرۇلۇش شىركىتى 3- قۇرۇلۇش باشقارمىسى 313- قۇرۇلۇش ئەترىتىدىكى 90- يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت پېي شيەنفېڭ مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆھبەتكە قاتناشتى.

تۇنجى بولۇپ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ نۆلنى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن، مەملىكەتلىك 1- ماي ئەمگەك مېدالىغا، جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالىغا ئېرىشكىچە، پېي شيەنفېڭ كۆكتاتچى دېھقاننىڭ بالىسىدىن بىر چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى.

«سىز جاسارەت بىلەن تىرىشىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارغان ياشلىق باھارىڭىزدىكى ئىشلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرى، خەلقنىڭ ئىشلىرى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ، بۇنداق ئىشلارنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كەڭ، ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىغان پېي شيەنفېڭ قانائەت ھاسىل قىلىپ بىر ئىزدا توختاپ قالمىدى، ئۇ چەت ئەل تۈر ئەترىتى بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ ھۈنەر - سەنئىتىنى دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىشقا باشلىدى.

قان - تەر بىلەن ئارزۇ گۈللىرىنى سۇغىرىش. پېي شيەنفېڭ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، كەپشەر ئۇچقۇنلىرى ئارقىلىق يالقۇنجاتقان ياشلىق باھارى جەزمەن جۇلالىنىدۇ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارغان جۇڭگو ئارزۇسى تېخىمۇ شانلىق بولىدۇ!

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو ئارزۇسى تارىخنىڭ، رېئاللىقنىڭ، شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ؛ بىز بۇ بىر ئەۋلادنىڭ، يەنە كېلىپ ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ھامان ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە رېئاللىققا ئايلىنىدۇ».

مەڭگۈلۈك ئەكس سادا ياڭرىماقتا، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلماقتا، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسماقتا.

باش شۇجىنىڭ «خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشايلى» دېگەن تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئادېن قولتۇقىغا بېرىپ، دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۇڭ شى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇشقا بەل باغلىدى.

باش شۇجىنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلانغانلىقىنى قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلىغان گۈلجاھان بېيجىڭ سىفەن داشۆسى تارىخ شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆزى مائارىپقا ياردەم بەرگەن شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە قېپقالدى.

باش شۇجىنىڭ «ئىلگىرىكىلەر مېڭىپ باقمىغان يولدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى تالىشىپ ئىگىلەشكە جۈرئەت قىلىش كېرەك» دېگەن ئىلھامىنى ئەستە چىڭ ساقلىغان غەربىي جەنۇب داشۆسى ھاياتلىق ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لو لىڭفېي پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشكە بەل باغلىدى...

100 يىل ئىلگىرى، 4- ماي ھەرىكىتى پارتلىدى، جۇڭگو ياشلىرى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى بىر جۇشقۇن كۈچكە ئايلاندى.

80 يىل ئىلگىرى، يەنئەندە ئېچىلغان نەمۇنىلىك ياشلارنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ مەردانىلىك بىلەن: جۇڭگودىكى ياشلار ھەرىكىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىنقىلابىي ئەنئەنىسى بار، بۇ ئەنئەنە دەل «مەڭگۈ كۈرەش قىلىش» دېگەنىدى.

بۈگۈن، «مەڭگۈ كۈرەش قىلىش» يەنىلا جۇڭگودىكى زامانىمىز ياشلىرىنىڭ دەستۇرى ۋە ماياكى بولۇپ، ئۇلارنى پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن كېيىنكى سەلتەنەتلىك مۇساپىنى باشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىكى يېپيېڭى مۇساپىگە يۈرۈش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.

ئۇلار مەكتەپلەردە قەتئىي ئىرادە بىلەن تىرىشىپ ئوقۇۋاتىدۇ، ئىسلاھات داۋامىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، نامراتلىقنى يوقىتىش جەڭگاھلىرىدا قەتئىي ۋاز كەچمەي چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، چېگرا رايوننى قوغداپ ۋەتەننى مۇھاپىزەت قىلىشتا يالغۇزچىلىق تارتسىمۇ ۋايسىمايۋاتىدۇ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا توختىماي تەر تۆكۈۋاتىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدا ۋە بەش چوڭ قىتئەنى قاپلىغان كۇڭزى شۆيۈەنلىرىدە دوستلۇق ئۇرۇقىنى چېچىۋاتىدۇ... كەڭ ياشلار ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا جۇلالىق نۇر چېچىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتۈۋاتىدۇ.

10 مىڭ يىل بەك ئۇزاق، مىنۇت - سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەسلىك كېرەك.

يېڭى دەۋرنىڭ باھار شامىلى پۇرسىتىدە، كەڭ ياشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننىڭ بىپايان ئاسمىنىدا ياشلىق باھارى ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئەسىر شان - شەرىپى ئىچىدە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە!