1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

باھارنىڭ جاۋاب قەغىزى

−باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى پەيتىدە

日期:2019年04月27日
来源:新疆日报
【字体:

تەھرىر ئىلاۋىسى

2014- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىز «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا − باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىزلىرى» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، باش شۇجى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا بارغان جايلارنى قايتا زىيارەت قىلىپ، بىر گۇرۇپپا يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر ئارقىلىق، بەش يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى - مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە تاپشۇرغان خۇشاللىنارلىق جاۋاب قەغەزلىرىنى جانلىق نامايان قىلىدۇ، دىققىتىڭلار ئىستونىمىزدا بولسۇن.

باھار شامىلىنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ رەڭمۇرەڭ گۈللەر ئېچىلدى. 4- ئايدىكى شىنجاڭ تۇپرىقى باھار تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. بەش يىل ئىلگىرى، دەل مۇشۇ باھار پەسلىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىدە بىر بۆلەك ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇلغۇسىز بەخت خاتىرىسى قالدى.

2014- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت، چىن دوستلۇقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. بۇ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرىنچى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشى. تۆت كۈن ۋاقىتتا، باش شۇجى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن مۇقىملىق توغرىسىدا سۆزلىشىپ، تەرەققىيات توغرىسىدا توختىلىپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سەمىمىي تاپشۇرۇق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى يەنە ئاتلاندى. بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ۋەزىيەت سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل كۈچەيدى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇلدى.

بەش يىلدىن كېيىنكى بۇ باھاردا، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش مۇساپىسىدە داۋاملىق چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

■يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇش

− ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش

ئومۇمەن، مۇھىم تارىخىي بۆلەكلەر ھامان ۋاقىتنىڭ سىنىقىدا ئۆزىنىڭ سالمىقىنى نامايان قىلىدۇ.

«يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك. بۇ، ھازىرقى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش نىشانى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى تەكشۈرگەن چاغدىكى مۇھىم يوليورۇقى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرماقتا.

بىر ئايدىن كېيىن، 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى» ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

بايراقنى كۆتۈرۈش، يۆنىلىشنى بەلگىلەش، يول باشلاش، رولچى بولۇش. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئۆلچىگۈچكە ئوخشاش شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلدى، شىنجاڭنىڭ بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن كەلگەن.

بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى.

− دىققەت ھەرۋاقىت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىرىكمە مۇشت ياخشى ئېتىلدى، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلدى.

− «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇردى، ئۇيۇشتۇردى.

− قەتئىي تۈردە ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچى مۇجەسسەملەندى.

  ......

جاپا تارتماي مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ.

بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەتنى شەكىللەندۈردى.

بەش يىل ئىلگىرى، باش شۇجى خەلق سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان مۇزىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەنىدى: كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بايا ئورۇنلىغان مۇزىكىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن: ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ!

بەش يىلدىن كېيىن شىنجاڭ تېخىمۇ گۈزەللەشتى!

■تەرەققىيات جەريانىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

− تەرەققىياتنى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش

تارىخ ۋە رېئاللىقنىڭ ھەممىسى قايتا - قايتا شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇقىملىق بولمىسا، تەرەققىيات مەنبەسىز سۇ بولۇپ قالىدۇ؛ تەرەققىيات بولمىسا، مۇقىملىقنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختايدۇ.

شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەرەققىيات توغرىسىدا سۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى سوراپ، ئىسلاھات ھەققىدە توختىلىپ، باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئامان - ئېسەنلىكى، ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكتى.

«تەرەققىيات يەنىلا شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، جەزمەن ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك».

«تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك».

ھەربىر ئېغىز سۆز چوڭقۇر مەنىگە تولغان.

بەش يىلدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش نۇقتىئىنەزەرى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلدى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2017- يىلى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.

بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە ساقلانما مىقدارنى تەڭشەش، ئېشىش مىقدارىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلدى.

بەش يىلدا، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، ئاپتونوم رايون مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، نامراتلارنى يۆلەش، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىدا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

بىر قاتار نۇقتىلىق خىزمەتلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

− يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈردى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلدى، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلدى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى سىجىل ئېشىپ، 11 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

− نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2018- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون 537 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 513 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %6.51كە چۈشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۇنجى جېڭىدە غەلىبە قىلدى.

− ساياھەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. 2017- يىلى شىنجاڭدىكى ساياھەتچى 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، 2018- يىلى 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ئەمەلىيەت كىشىلەرگە «شىنجاڭ ياخشى جاي»نىڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئېنىق جاكارلىدى.

− بىڭتۇەن ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇنۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، بىڭتۇەن تۈزۈلمىسىدىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىك ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى تولۇق قويۇپ بېرىلىپ، مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە رايونىلىق رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى.

......

بۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى سىجىل قويۇپ بەرگەنلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى.

يىراققا نەزەر سالساق، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خۇددى ئەجدىھادەك بىپايان ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا غۇيۇلداپ ئۇچقاندەك مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش جاراڭلىق دۇمباق ساداسىنى ياڭراتتى؛

قەدەمنى توختىتىپ يېقىنغا نەزەر سالساق، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىلىق روشەن ئومۇمىي كۆرۈنۈشى سىزىپ چىقىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق تەسۋىرلىگەنىدى: «ئەگەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلسا، شىنجاڭ ئۇنىڭ ئاۋات مەركىزى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. باشقىنى دېمەي تۇرايلى، ئۈرۈمچى ھازىر رادىئۇسى 1500 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، شۇ چاغقا بارغاندا قانداق مەنزىرە شەكىللىنەر؟»

شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىھات بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ، نەپىس «ئىنچىكە سىزما رەسىم»لەرنى ياخشى سىزىپ چىقماقتا.

■ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەش

− ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش

قاناس كۆلى بويىدىن كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىگىچە، تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقىدىن پامىر ئېگىزلىكىگىچە قۇربان تۇلۇمنىڭ ھېكايىسى تارقىلىپ كەلمەكتە، كۆپچىلىك ھەممەيلەننىڭ بىر ئورتاق تونۇشى بار، تۈنۈگۈنكى گۈزەل ئەسلىمە، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇش، ئەتىكى گۈزەل كېلەچەكنىڭ ھەممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەنبە قىلىدۇ ھەم جەزمەن ئۇنىڭغا تايىنىدۇ.

«خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.» بەش يىل ئىلگىرى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇقېيۇم روزى ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى تاپىلىغانىدى.

2017- يىلىنىڭ بېشىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىدە: «سىلەر پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش بولۇشىڭلارنى، ... ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن...» دەپ سەمىمىي تاپىلىغانىدى.

ھەممىلا گۈل قارلىق تاغدا پورەكلەپ ئېچىلالمايدۇ، ئەمما قارلەيلىسى ئېچىلالايدۇ؛ ھەممىلا دەرەخ قىيا تاشتا يىلتىز تارتالمايدۇ، ئەمما قارىغاي يىلتىز تارتالايدۇ. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىيانشان قارىغايلىرىغا ئوخشاش يىلتىزى بىرتۇتاش، قەلبى بىرتۇتاش، بۆلەك - بۆلەك تەسىرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى خۇددى قارلەيلىسىدەك تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

2017- يىلى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى، ياڭرىغان گۈدۈك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، تۇنجى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا قوزغالدى، ئۇنىڭدىكى 900گە يېقىن كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش ئۈچۈن ئاتلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ، چىن مۇھەببەتكە تولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىز جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئارىلىقىدا ئالدىراش قاتناپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش قەلب كۆۋرۈكىنى سالدى.

تامچە سۇ يىغىلىپ دېڭىز ھاسىل بولىدۇ، دەرەخلەر كۆپەيسە ئورمانغا ئايلىنىدۇ. ھازىرقى شىنجاڭدا 1 مىليون 120 مىڭ كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى 1 مىليون 690 مىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى. شىنجاڭ تۇپرىقىدا چىن ھېسسىيات ئۇرغۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەندى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى.» شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق چىن قەلبى، چىن مۇھەببىتى بىلەن ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئورتاق سۇغىرىپ دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۇختا ئاساسىنى ئورتاق مۇستەھكەملىدى.

دولقۇن ئۆرلەپ كۆرۈندى دەريا يۈزى بىپايان، ئوڭ شامالدا كېمىلەر يەلكەن ئاچتى خىرامان. بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىجائەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرماقتا.