شى تەيفېڭ
شى تەيفېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1956 - يىلى 9 - ئايدا تۇغۇلغان، سەنشى يۈشېدىن، 1974 - يىلى 5 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1982 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، بېيجىڭ داشۆ قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق ئاساسىي نەزەرىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرى، پىروفېسسور.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى.
خۇ چۇنخۇا
خۇ چۇنخۇا، ئەر، خەنزۇ، 1963 - يىلى 4 - ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي ۋۇفېڭدىن، 1983 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، بېيجىڭ داشۆ جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
شېن يۆيۆ
شېن يۆيۆ، ئايال، خەنزۇ، 1957 - يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ نىڭبودىن، 1977 - يىلى 5 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1981 - يىلى 9 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى.
ۋاڭ يۇڭ
ۋاڭ يۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ گەيجوۋدىن، 1969 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1974 - يىلى 8 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خاربىن سانائەت داشۆسىنىڭ تېخنىكا - ئىقتىساد قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى ماگىستىرى، تەتقىقاتچى.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
جوۋ چياڭ
جوۋ چياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1960 - يىلى 4 - ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي خۇاڭمېيدىن، 1976 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1978 - يىلى 9 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنەن سىياسىي - قانۇن شۆيۈەنى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرى.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
پابالا گېليېلاڭجيې
پابالا گېليېلاڭجيې، ئەر، زاڭزۇ، 1940 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، سىچۇەن لىتاڭدىن، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي جەمئىيەت باشلىقى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى.
خې خوۋخۇا
خې خوۋخۇا، ئەر، خەنزۇ، 1955 - يىلى 3 - ئايدا ئاۋمېندا تۇغۇلغان، گۇاڭدۇڭ پەنيۈدىن، كانادا يورك داشۆسى سودا - سانائەت باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
لياڭ جېنيىڭ
لياڭ جېنيىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1954 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ ۋېيخەيدىن، ئەنگلىيە بىرىستول تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
باتېر
باتېر، ئەر، موڭغۇل، 1955 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ كاڭپىڭدىن، 1973 - يىلى 1 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1981 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىستىرى.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
سۇ خۇي
سۇ خۇي، ئايال، خەنزۇ، 1956 - يىلى 5 - ئايدا تۇغۇلغان، تەيۋەن تەينەندىن، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، 1975 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي مالىيە - پۇل مۇئامىلە شۆيۈەنى مالىيە فاكۇلتېتىنىڭ مالىيە ئىلمى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي بوغالتىر.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى.
شاۋ خۇڭ
شاۋ خۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1957 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ گەيجوۋدىن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، 1975 - يىلى 11 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، نەنكەي داشۆ تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، تارىخشۇناسلىق دوكتورى، پىروفېسسور.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى.
گاۋ يۈنلۇڭ
گاۋ يۈنلۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1958 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ لەيۋۇدىن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، 1985 - يىلى 5 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، چىڭخۇا داشۆ خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتىنىڭ خىمىيە سانائىتى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى دوكتورى، ئالىي ئىنژېنېر.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو خەلق ئىچى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشما باشلىقى.
چېن ۋۇ
چېن ۋۇ، ئەر، جۇاڭزۇ، 1954 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، گۇاڭشى چۇڭزودىن، 1972 - يىلى 10 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975 - يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، تەتقىقاتچى.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
مۇ خۇڭ
مۇ خۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1956 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ داليەندىن، 1976 - يىلى 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 - يىلى 11 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي مالىيە - پۇل مۇئامىلە شۆيۈەنى پۇل مۇئامىلە فاكۇلتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، مەسئۇل ئىقتىسادچى.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى.
شيەن خۇي
شيەن خۇي، ئايال، خۇيزۇ، 1958 - يىلى 3 - ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ دىڭشىدىن، 1975 - يىلى 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، لەنجوۋ داشۆ باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورى.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
ۋاڭ دۇڭفېڭ
ۋاڭ دۇڭفېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1958 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى شىئەندىن، 1981 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1980 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىئەن قاتناش داشۆسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىستىرى، ئالىي ئىقتىسادچى.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى.
جياڭ شىنجى
جياڭ شىنجى، ئەر، خەنزۇ، 1958 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ دۇنخۇاڭدىن، 1974 - يىلى 2 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1980 - يىلى 9 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، لەنجوۋ داشۆ كەچلىك داشۆسىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ داشۆدە ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى.
جياڭ زوجۈن
جياڭ زوجۈن، ئەر، خەنزۇ، 1955 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي خۇەينىڭدىن، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، 1974 - يىلى 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، نەنجىڭ تېببىي شۆيۈەنىنىڭ ئاساسىي تېببىي پەن بۆلۈمى پارازىتولوگىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، تېببىي پەنلەر دوكتورى، پىروفېسسور.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى.
خې باۋشياڭ
خې باۋشياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1963 - يىلى 4 - ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن يۆياڭدىن، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 1982 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، جۇڭنەن داشۆنىڭ باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورى، ئالىي ئىنژېنېر.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى.
ۋاڭ گۇاڭچيەن
ۋاڭ گۇاڭچيەن، ئەر، خەنزۇ، 1962 - يىلى 4 - ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن جېنپىڭدىن، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، 1989 - يىلى 12 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، چىڭخۇا داشۆ سۇچىلىق، سۇ - ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ گىدراۋلىكا ۋە دەريا ئېقىنى دىنامىكىسى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، چىڭخۇا داشۆنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى.
چىن بويۇڭ
چىن بويۇڭ، ئايال، خەنزۇ، 1964 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي يۇڭچىڭدىن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، 1986 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ داشۆ قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرى.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
جۇ يۇڭشىن
جۇ يۇڭشىن، ئەر، خەنزۇ، 1958 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ يەنچېڭدىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، 1976 - يىلى 5 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، تۇڭجى داشۆ ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ باشقۇرۇش قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورى، پىروفېسسور.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى.
ياڭ جېن
ياڭ جېن، ئەر، خەنزۇ، 1961 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ چاڭجوۋدىن، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، 1983 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شاڭخەي قاتناش داشۆسى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر شۆيۈەنىنىڭ ئالاقىلىشىش ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور.
ھازىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)