1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يېڭى نىشانغا قاراپ، تىرىشىپ جاسارەت بىلەن قايتا ئاتلىنايلى

日期:2023年03月12日
来源:新疆日报网
【字体:

□خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

ئۇلۇغۋار پىلان پارلاق كەلگۈسىنى نامايان قىلدى؛ ئۇلۇغ مۇساپە يېڭىدىن ئاتلىنىشقا چاقىرماقتا.

يۈز مىليونلىغان خەلق كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان پەيتتە، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، پارتىيە ئىرادىسى، خەلق ئىرادىسى، دۆلەت ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، يۈز مىليونلىغان خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا چەكسىز ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

تارىخ ئۇلۇغ مۇساپىگە گۇۋاھ بولدى، ۋاقىت كۈرەش ئىزلىرىنى نەقىشلىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە، بوران - چاپقۇنغا پىسەنت قىلماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە، تەبىئەت دۇنياسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى. 10 يىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىنىپ، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى مىسلىسىز مۇجەسسەملەندى ۋە ئۇرغۇتۇلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىلىپ ۋە كېڭەيتىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتى يارىتىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئۇرغۇتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى، ئىلمىي سوتسىيالىزم 21 - ئەسىردىكى جۇڭگودا جۇش ئۇرۇپ تۇرغان يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيانقى بۇ 10 يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى، بىز دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كۈرەشنىڭ كەسكىنلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ. دەل يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنى تىكلەنگەچكە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى تىكلەنگەچكە، پارتىيەمىز پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، تىنچ - ئامانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە ئېلىپ كىرىشكە تۈپتىن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭ جەزمەن ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ؛ پاراخوت گەرچە زور بولسىمۇ، رولنى بىر ئادەم باشقۇرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلىدى، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقلاردا تەمكىنلىك بىلەن قوماندانلىق قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزدى، شىددەتلىك دولقۇندا جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولدى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشقا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، ماركسىزمچى سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، ئىستراتېگىيەچىگە خاس يۈكسەك جاسارىتى، يىراقنى كۆرەرلىكى، قالتىس ئىقتىدارى ۋە دانا تەدبىرىنى تولۇق نامايان قىلدى؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىش قىممەت ئىنتىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ چوڭقۇر، سەمىمىي خەلقچىل ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇ پارتىيەنىڭ يادروسى، خەلقنىڭ داھىيسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولۇشقا مۇناسىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى تايانچى بولۇشقا مۇناسىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ رولچىسى، يول باشلىغۇچىسى بولۇشقا مۇناسىپ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى پارتىيە رايى، خەلق رايى، كۆپچىلىكنىڭ مايىللىقى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى «ئۈچ بىر گەۋدە بولۇش» رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنىڭ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىكنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ پۇختا سىياسىي ئاساسىنى، تەشكىلىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېڭى مۇساپە شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. بۈگۈن، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار تۇرۇشىمىز، بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ ئېغىر، زور سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى نىشانغا قاراپ، تىرىشىپ جاسارەت بىلەن قايتا ئاتلاندۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساق، چوقۇم بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، باشتىن - ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتالايمىز.

ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، خەلقى مەردانە، ئىستىقبالى پارلاق. قەلبىمىزگە پۇقرالارنى پۈكتۇق، قولىمىزدا ھەقىقەتنى تۇتتۇق، جاھاندىكى توغرا يولدا ماڭدۇق، ئىشەنچىمىز تولۇق، كۈچىمىز يېتەرلىك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى دەۋر شان - شەرىپىنى يارىتايلى، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)