1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

日期:2023年03月13日
来源:新疆日报网
【字体:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا

جاڭ يوۋشيا، ئەر، خەنزۇ، 1950 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى ۋېينەندىن، 1968 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1969 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ھەربىي شۆيۈەننىڭ ئاساسىي فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئىگە.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ

خې ۋېيدۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1957 - يىلى 5 - ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ دۇڭتەيدىن، 1972 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1978 - يىلى 11 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئىگە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)