1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئەنئەنىۋى دوستلۇقنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتايلى

日期:2019年04月02日
来源:新疆日报
【字体:

ئۆزئارا بىلىشىش يىراق - يېقىن دەپ ئايرىلمايدۇ، ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ، رىشتىمىز ئۈزۈلمەيدۇ. 3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىتالىيە، موناكو، فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئالىي رەھبىرىنىڭ بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق زىيارەتكە چىقىشى بولۇپ، جۇڭگو - ئىتالىيە، جۇڭگو - موناكو، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، يېڭى مەزگىل جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئاچىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

«دوستلارنىڭ يولى بىر بولسا، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ ياخشى ئۆتكىلى بولىدۇ، بۇ خىل دوستلۇق يېلىمدەك چىڭ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ.» قويۇق ئەنئەنىۋى دوستلۇق جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە، موناكو، فىرانسىيە دوستلۇق ئالاقىسى ئېقىنىدا جىمجىت ئېقىپ، تىللاردا داستان بولۇپ تارالماقتا. 1000 يىللىق يىپەك يولى جۇڭگو ۋە قەدىمىي رىمدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنى تۇتاشتۇردى، «ماركو پولو ساياھەت خاتىرىسى» غەربتە تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق «جۇڭگو قىزغىنلىقى»نى قوزغىغان؛ موناكو خان سارىيىدا جۇڭگوچە ئۆي جاھازلىرى، تاش شىر ۋە راۋاقلار بار بولۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ تارىخىنى بايان قىلىپ تۇرىدۇ؛ ۋولتاير قاتارلىق فىرانسىيەدىكى مەرىپەتچى مۇتەپەككۇرلار جۇڭگونىڭ كۇڭزىچىلىق ئېقىمى ئىدىيەسىگە قارىتا كۈچلۈك تەتقىقات قىزىقىشىدا بولغان؛ 20- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى فىرانسىيەگە بېرىپ ئىلىم ئۆگەنگەن؛ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا، فىرانسىيەلىك دوختۇر بىسىييې ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ۋېلىسىپىتلىك «توفېڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى»نى ئاچقان...

«دوستلۇق تاسادىپىي تاللاش ئەمەس، بەلكى مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك بولۇشنىڭ نەتىجىسى.» يېڭى دەۋرگە كىردۇق، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەۋر دوستلۇقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەت سەپىرى مۇقەررەر ھالدا ئەنئەنىۋى دوستلۇقنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

بۇ يىل جۇڭگو - ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەھراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى ئون يىلدىن كېيىن ئىتالىيەدە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، كەلگۈسىگە يول ئېچىپ، يېڭى تارىخىي سەھىپە پۈتىدۇ. جۇڭگو بىلەن موناكو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 24 يىلدىن بۇيان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، پاكىز ئېنېرگىيە، يېشىل تۆۋەن كاربون، ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ دۆلەت بىلەن كىچىك دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ موناكودا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى جۇڭگو - موناكو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچىدۇ. فىرانسىيە تۇنجى بولۇپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب چوڭ دۆلىتى. 55 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ غەربتىكى ئاساسلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، «دۇنيا چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى بىر جۈپ ئالاھىدە مۇناسىۋەت»كە ئايلاندى. بەش يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ روھىنى «مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش» دېگەن سۆزگە خۇلاسىلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا يېقىنلىشىش، سەمىمىي ھەمكارلىشىشىنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئېچىپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيەدە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى مۇقەررەر ھالدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىدۇ.

ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولغاندىلا، مەڭگۈلۈك دوستلاردىن بولغىلى بولىدۇ. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە، جۇڭگو بىلەن موناكو، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىشىغا پۇختا ئەلرايى ئاساسى سالدى. ئەلئارا ئالاقىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى، ئەلرايى مايىللىقىنىڭ كۈچى مۇقەررەر ھالدا جۇڭگونىڭ ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ، دوستلۇق دەرىخىنى تېخىمۇ ياشنىتىدۇ.

«دوستلۇق ئۆزئارا ئىشىنىش دېمەكتۇر، ئۇ مەڭگۈ قەلبتە ساقلىنىدۇ.» دوستلۇق ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا ئىشەنچنى چىڭىتىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئۈچ دۆلەتكە قىلغان تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتى مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ جۇڭگو - ئىتالىيە، جۇڭگو - موناكو، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ رەڭدار گۈللەرنى ئېچىلدۇرىدۇ، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىپ، دوستلۇق ئالاقىسىگە تېخىمۇ مول مەزمۇن ئاتا قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگو - ياۋروپا دوستلۇق ئالاقىسىدە يېڭى داستان پۈتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى)