1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى كىشىلىك ھوقۇق قىممىتى

日期:2019年03月22日
来源:新疆日报网
【字体:

بۈگۈنكى دۇنيادىكى تېررورىزم ئەسەبىزمنىڭ ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىشى ئاستىدا، بىگۇناھ كىشىلەرنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈش، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش، جەمئىيەتتە ۋەھىمە تۇغدۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىشتەك ئىنتايىن زور تەھدىتنى بارغانسېرى ئېنىق كۆرسىتىپ، دۇنيادىكى زەھەرلىك ئۆسمىگە ۋە خەلقئارانىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلاندى، جەزمەن ئورتاق زەربە بېرىش كېرەك. جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونى ئەسەبىزمنىڭ يامانغا يانتاياق بولۇشى بىلەن كۆپلەپ يۈزبەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئاپەت زىيىنىنى يەتكىچە تارتتى، كەسكىن تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش يولغا قويۇلۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك ئىرادە بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قىممەت ئىنتىلىشىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى جەمئىيەتنىڭ تىنچ بولۇشىدا، بارلىق ياخشى ئادەت، ئاممىۋى تەرتىپ ئەخلاق ۋە قانۇن ئارقىلىق تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر زور دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ، لېكىن بۇ قانۇن نەزەرىيەسى، قانۇن ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا توسالغۇ بولمايدۇ: ئادەمنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا مەنسۇپ. ئۇرۇش ھالىتىدىمۇ، خەلقئارا قانۇندا بىيوخىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش ئېنىق بەلگىلەنگەن، ئەسىرلەرگە جەزمەن ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئادەتتىكى پۇقرانى قىرغىن قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. تېررورىزم بىگۇناھ كىشىلەرنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈش، ۋەھىمە تۇغدۇرۇش ئارقىلىق ئۆكتەملىكىنى ئاشكارىلاپ، قانۇنغا خىرىس قىلىش، ۋىجدانىنى يوقىتىشتەك ۋەھشىيلىكى، ياۋۇزلۇقىنى ھەم ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى، ئىنسانىيەتكە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى ئىپادىلىدى. بۇنداق تېررورلۇق، زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ھەرقانداق زامانىۋى، مەدەنىي دۆلەت سىغدۇرمايدۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قىممەت قارىشىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە زىت.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» دۆلەتنى پارچىلاشتەك سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ رايونىدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرىنى سادىر قىلدى. زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈش، دىنىي زاتلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈش، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈش، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا ئوچۇق - ئاشكارا ھۇجۇم قىلىش، غەرەزلىك ھالدا توپىلاڭ، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار جىنايى ھەرىكەتلىرى قان پۇرىقىغا تولغان بولۇپ، مىسلىسىز پاجىئە پەيدا قىلدى، كىشىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ. ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قەدىمىنى ئاستىلىتىپ قويدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە تۈگىمەس ئازاب - ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلدى.

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىش، ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا بولغان جىددىي تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق بىرقاتار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، ياماننى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئىرادىسى ۋە يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھېچقانداق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمەسلىكتەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى: قانۇننىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە جازالىغاندا، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ تېررورىزم، ئەسەبىزمگە كەسكىن، دەل جايىدا زەربە بەرگەن ۋە ئۇنى چەكلىگەندىلا، ئاندىن ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى دىنلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى ئاساسىي قانۇنغا يېزىپ كىرگۈزگەن. ھەربىر پۇقرانىڭ ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار، ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىمۇ بار؛ بۇ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار، شۇنداقلا ئۇ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىمۇ بار؛ ئوخشاش بىر دىن ئىچىدە، بۇ مەزھەپكە ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار، شۇنداقلا ئۇ مەزھەپكە ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىمۇ بار؛ ئىلگىرى دىنغا ئېتىقاد قىلىپ ھازىر دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكى بار، شۇنداقلا ئىلگىرى دىنغا ئېتىقاد قىلماي ھازىر دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىمۇ بار. دىنغا ئېتىقاد قىلىش پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئىشى، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا مەجبۇرلىشىغا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو زامانىۋى دۆلەت ۋە قانۇنچىل جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىدە، «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەيدۇ، دىننىڭ مەمۇرىيەت، قانۇن يۈرگۈزۈش، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ئاممىۋى ئىشلارغا ئارىلىشىشىنى چەكلەيدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىجتىمائىي ئاممىۋى مەنپەئەت ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويمايدۇ، دىننى سۇيىئىستېمال قىلىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلىشقا قۇترىتىش، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشتەك جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەمەس، شۇنداقلا دىننى قانۇنسىز تەرەققىي قىلىش، تەرتىپسىز تەرەققىي قىلىش، ئەسەبىي تەرەققىي قىلىشقا قويۇۋېتىشمۇ ئەمەس.

زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىر مەھەل شىنجاڭدا كۆپ، تەكرار يۈزبەردى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، تېررورىزم ئەسەبىزم بىلەن بىر ئېقىندا بۇلغىنىپ، «غازات» ئۈچۈن نادان، نومۇسسىز، ھېچنېمىدىن ھېيىقمايدىغان جېنىدىن تويغان بىر تۈركۈم ياۋۇز ئۇنسۇرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئەسەبىزم ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى دىن بىلەن بىرگە باغلىۋېلىپ، مەلۇم مىللەت بىلەن بىرگە باغلىۋېلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىلەن بىرگە باغلىۋېلىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن بىرگە باغلىۋېلىپ، نۇرغۇن ئېتىقاد قىلغۇچىنى نادانلىققا باشلىدى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھاڭ لېۋىگە باشلىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قۇتراتتى، ئۇلار مەيلى ئۆزىنى قانداق مۇقەددەس دەپ ماختىسۇن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى خالىغانچە دەپسەندە قىلىندى، زوراۋانلىق قىلغۇچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئايلاندى. شىنجاڭ رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئالغا سىلجىتىشى ھەم دىنغا قارىتا ئاساسنى پۇختىلاپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرغانلىق، تېخىمۇ مۇھىمى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدىغانلىق، شۇنداقلا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىق.

ئەسەبىيلىكنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋپى شۇ يەردىكى، ئۇ كۆلەملەشكەن كىشىلەر نوپۇسى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى روھىي جەھەتتىن ئىسكەنجىگە ئېلىشنى تاماملىدى، يۇقۇملانغۇچىلار بۇنى زادىلا سەزمىدى ياكى ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالدى. ئۇ تېررورىزمنى بارغانسېرى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يامراپ دائىرىسىنى بارغانسېرى كېڭەيتىش، ئەۋج ئېلىپ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بارغانسېرى كۈچەيتىشكە مەجبۇرلاپ، بارغانسېرى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە نۇرغۇن دۆلەتنى زور قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ: زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە جەزمەن ئەسەبىيلىكنى توسۇش كېرەك، ئەمما ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئادەتتىن تاشقىرى مۈشكۈل.

شىنجاڭنىڭ ئۇسۇلىنى كىشىلەر ھەم زوراۋان - تېررورچى، ئەسەبىي كۈچلەرگە ئەجەللىك زەربە بەردى، ھەم ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغان نۇرغۇن كىشىنى ئىجادىي ھالدا قۇتقۇزۇۋالدى، دەپ تەرىپلىدى. ئاز ساندىكى جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان، جاھىل، ئۆزگەرمەس زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى، غوللۇق ئەزالىرىنى قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى؛ كۆپ ساندىكى جىنايىتى بىرقەدەر يېنىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە قارىتا، تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇشنى ئاساس قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن - نىزام، كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىش ئارقىلىق ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇلارنى تېررورىزمنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، كونا قائىدە، ناچار ئادەتلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۇرمۇش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەيدانى ۋە ساپ دىللىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ مۈشكۈل شارائىتىنى ئۆزگەرتتى، يەنە جەمئىيەتكە قارشى تۇرۇش تەبىئىيتىنى ئوڭشاش مېخانىزمىنىڭ مۇنتىزىملىشىش، مۇكەممەللىشىشكە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۈگۈنگە قەدەر بارلىققا كەلگەن نەتىجىلەرنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ تەربىيەلەنگۈچى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىگەنلىكتىن، قارىشى يېڭىلىنىپ، نادانلىقتىن قۇتۇلىدۇ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى كۈچەيگەنلىكتىن، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، ئەسەبىيلىكتىن يىراقلىشىدۇ، كەسپىي ماھارەتنى پىششىق ئىگىلىگەنلىكتىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نامراتلىقتىن خوشلىشىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ. تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئېرىشىدىغىنى بىرەر ھۈنەرنى ئىگىلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۆي سېتىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندىن باشقا، روھىنى كۆتۈرىدىغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ، ئائىلىسىگە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ بەختلىك قىلىش ئۈمىدى ئاشىدۇ.

كونىلاردا چارە ھامان مەسىلىدىن كۆپ بولىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. بۇ تەجرىبىنىڭ نۇرغۇن قېتىم سىناقتىن ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى مېتودولوگىيەنىڭ جەزمەن ئۇدۇل كېلىشىدۇر. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى بىر يۈرۈش تەدبىرى نامايان قىلغان قىممەتنىڭ ئاچقۇچى شۇكى، باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىش، باشتىن - ئاخىركەڭ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى بارلىق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى)