1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يېڭى ئىدىيە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى(3)

− يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

日期:2019年03月19日
来源:新疆日报网
【字体:

− ئىنتىزام چەكلىمىسى چىڭىتىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى «چاتىقى بولسىمۇ ئۆستۈرۈش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش پىكرى ۋە كادىرلارنىڭ چىقالايدىغان، چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بەلگىلىمىسىنى بېسىپ تارقىتىپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خاتىرىسى، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆت جەزمەن» «قوش ئىمزا قويۇش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پاكلىق جەھەتتە مەسىلىسى بارلارغا قارىتا «قىلچە يول قويماسلىق»نى ئىجرا قىلدى. بولۇپمۇ يەرلىك رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا، لياۋنىڭدىكى سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسى، خۇنەن خېڭياڭدىكى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى، سىچۈەن نەنچۇڭدىكى سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى باشلىنىشى بىلەنلا ئىنتىزام قىزىل سىزىقىنى سىزىپ، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى «ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» «ئەينەك»نى ئىشلەپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدىكى ئىستىل ۋە كەيپىياتنى سەييارە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، تىركىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشتىكى تىپىك دېلولارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كادىرلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش - ھەقىقىي چىڭىتىش، دادىل باشقۇرۇش - دادىل چىڭىتىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش - ئۇزاققىچە چىڭىتىش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم قەپىزىنى چىڭىتتى، جاھىل كېسەل، كونا ئىللەتلەرنى تۈگەتتى، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇردى، كادىرلار قوشۇنىنى پاكلاشتۇردى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىگە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلدى.

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزام پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئالاقىدار تۈزۈم مۇۋەپپەقىيەتلىرى تولۇق قوبۇل قىلىنىپ ۋە ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە تەكلىپ ھالقىسىدا ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەش، ئالاقىدار ئىشلارنى ئالدىن تەكشۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قاتتىق تاللاپ ئۆستۈرۈش زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، «ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆت جەزمەن» «قوش ئىمزا قويۇش» قاتارلىق تەلەپلەر مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، تۈزۈم جەھەتتىكى ئالدىنى ئېلىش قەپىزى زىچ توقۇلدى؛ يىغىننىڭ مۇزاكىرىسىگە تاپشۇرۇشقا بولمايدىغان كونكرېت ئەھۋاللار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەش تەدبىرلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)، تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارمىقى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنى، كادىرلارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىپ، ئادەم تاللاش سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، سىياسەت، تۈزۈمنىڭ نوپۇزلۇقلۇقى، قېلىپلىشىشچانلىقى، قاتتىقلىقى تولۇق نامايان قىلىندى.

■تەدبىرلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلدى، كەڭ كادىرلار يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىغان كەيپىيات ۋە مۇھىت يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈلدى

بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى بولىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ 90 نەچچە يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق تارىخىي مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، ھەرقانداق ۋاقىتتىكى خىزمەتلىرىمىز كەڭ كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئايرىلمىغان.

2019- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەم مۇھىم سۆز قىلغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار كۈرەش قىلىش داۋامىدا چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلىشى، «ئويمان - دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىش، خەۋپ - خەتەرلەرنى يېڭىپ يەنە ئاتلىنىش»تەك قەيسەر ئىرادە بىلەن، ھەربىر مەيدان مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

كەڭ كادىرلارنى كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە، ھەم قاتتىق باشقۇرۇشقا تايىنىش، ھەم غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈشكە تايىنىش كېرەك، بۇ ئەزەلدىن «بىر تال تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزى»، ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ كەلگەن. 2018- يىلى 5- ئايدا مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق ئىللەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش، تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئادىمىيەت غەمخورلۇقى قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆپلىگەن ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ كەڭ كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كادىرلارنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلىشىنىمۇ يول باشلىغۇچ بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەت بويىچە 100 مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، جياۋ يۈلۇ، لو ياڭ، لياۋ جۈنبو قاتارلىق ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردى، ۋەزىپە بىلەن ۋەزىپە دەرىجىسىنى تەڭ يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - بازار كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، مۇنەۋۋەر كەنت كادىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كەنت ئەمەلدارى ۋە يېزا - بازارلارنىڭ كەسپىي ئىشتاتلىق خادىملىرى ئارىسىدىن يېزا - بازار رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش سالمىقىنى زورايتتى، يېزا - بازار خىزمىتىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا يەتكۈزۈپ، كادىرلارنى جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇشقا ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

«ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر بولغۇچىلار، ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن جارى قىلىدىغان قىلالايدۇ، كۆپنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭمۇ دانالىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە جارى قىلىدىغان قىلالايدۇ». ئادەمنى ياخشى تاللاش، ئادەمنى توغرا ئىشلىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ بىۋاسىتە رىغبەتلەندۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەتىجە ياراتقانلارنى مۇناسىپ ئورۇنغا قويۇش، ئادەمنى تونۇش، ئادەمنى كۆزىتىشتە مەسئۇلىيەتچانلىقىغا قاراش، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى تارماق، ھەرقايسى ساھەدە ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بىر تۈركۈم سەرخىل قوشۇن، قابىل سەركەردىلەرنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ سەپلىدى. تىپ ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر كادىرلارغا سەھنە ھازىرلاپ بەردى، ئۇلارنى تەقدىرلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى.

ناچار ئادەم، ناچار ئىشلارغا زەربە بېرىپ، ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنى تەقدىرلەش كېرەك. قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، قالايمىقان ئىش قىلىدىغان كادىرلارنى تەڭشىگەندە، بىر تۈركۈملىرىنى تەربىيەلەش، بىر تۈركۈملىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشتەك چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشى توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن كادىرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ياكى ناچارلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم، «چىقالايدىغان» ۋە «چۈشەلەيدىغان»لىقىنى سىنايدىغان مىزان بارلىققا كەلتۈرۈلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالمايدىغان، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان كادىرلارغا قارىتا، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، تەڭشەشكە تېگىشلىكلىرىنى تەڭشەپ، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، سۆرەلمىلىك قىلىدىغان كادىرلارنىڭ ئورنىنى بوشاتقۇزدى، ئۇلارنى سەگەكلەشتۈردى.

ئىش قىلغاندا ھامان خەۋپ - خەتەر بولىدۇ، ھەربىر خىزمەتتە مەغلۇپ بولمايمەن، دەپ مۇۋەپپەقىيەتنىلا كۆزلەشكە بولمايدۇ. 2016- يىلى 1- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۈچنى ئايرىش» مۇھىم تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇ مۇھىم تەلەپنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش پىرىنسىپى، كونكرېت ئەھۋال، خىزمەت تەرتىپى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى ۋە ئىنچىكىلەشتۈردى، نۆۋەتتە نۇرغۇن جاي مۇشۇ ئارقىلىق يانداش ھۆججەتلەرنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ ئېلان قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىغدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى دادىل سىغدۇردى، سىغدۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى قەتئىي سىغدۇرمىدى.

بۇ قېتىم يېڭىدىن تۈزىتىلگەن نىزامدا قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، «دادىللىق بىلەن ئىشلىتىش، قەتئىي تەڭشەش، سىغدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سىغدۇرۇش» تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇشتىكى تېگىشلىك مەزمۇن، دەپ قارىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىقالايدىغان، چۈشەلەيدىغان بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كادىرلارنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدىكى سەۋەنلىكى، خاتالىقلىرىغا كەڭ قورساق بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەڭ قورساق بولۇشتا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاشۇ كادىرلارغا ئوبيېكتىپ، ئادىل مۇئامىلە قىلىنىپ، «ئەلالىرىنى چىقىرىش، ئەقىلسىزلىرىنى چۈشۈرۈش، ناچارلىرىنى شاللاش»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق ئىلمىي مېخانىزم تەكىتلەندى.

ماياك يۈرۈش مۇساپىسىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، ئىدىيە يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردە كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ھەم كەڭ كادىرلار، تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، نىزامنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، كادىرلار خىزمىتىنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچ كادىرلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملىق تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.