1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يېڭى ئىدىيە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى(2)

− يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

日期:2019年03月19日
来源:新疆日报网
【字体:

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە باغلىق. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاش، تاللاپ ئۆستۈرۈش پارتىيە ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان. بىزنىڭ پارتىيەمىز ئەزەلدىن كادىرلار قوشۇنىنى مەنبەدىن تەربىيەلەشكە، يېڭى، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى ۋە ئالمىشىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىشتىن، ياش كادىرلارنى دائىملاشتۇرۇپ سەپلەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، مەخسۇس تەكشۈرۈش - تەتقىق قىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەشتىن، ئەسقاتىدىغانلىرىنى تاللاپ تەربىيەلەش ئومۇمىي زەنجىرى مېخانىزمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بەرپا قىلىشقىچە... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولدى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ قېتىم نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ئومۇمىي پىرىنسىپ قىسمىدا ئاساسىي مەقسەت باشتىلا دېيىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى بايقاش ۋە تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش ئاساسىي شەرتى ۋە سالاھىيىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سىياسىي ساپاسى، ئەخلاق - پەزىلىتى، كەسپىي ساپاسى، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە ئىستىل جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى تەكشۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش تەكىتلىنىپ، يېڭى دەۋردە «قانداق ئادەمنى تاللاش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور مەسىلىگە ئىنتايىن ياخشى جاۋاب بېرىلىپلا قالماي، يەنە «ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش»كە كۈچەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

■سىياسىي ساپا ۋە سىياسىي ئىپادىسىنى ئىگىلەش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىشنى بىلىش، ئادەمنى تونۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، كادىرلارنى تاللاش، بەنزىنى سەپلەش ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلىنىپ، ئۇسۇلى تېخىمۇ دەل، ئىلمىي بولدى

ئادەمنى دەل جايىدا ئىشلىتىشتە ئالدى بىلەن ئادەمنى بىلىش كېرەك.

دەل، ئىلمىي ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كادىرلار خىزمىتىگە قويغان مۇھىم تەلىپى. كادىرلار خىزمىتىنىڭ سىياسىۋىيلىكى، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، كەڭ پارتىيەلىك كادىر ئىختىساسلىقلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، جەزمەن دەل، ئىلمىي، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كادىرلار خىزمىتىدە دەل، ئىلمىي بولۇش تەلىپى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، ئادەم تونۇش ئىدىيەسى، يولى، مېخانىزمى قاتارلىق مۇھىم جەھەتلەرنى قاپلىغان بولۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشنى ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇل، خىزمەت ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىدى.

«ئادەم ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئادەمنى ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان ۋەزىپىگە تەيىنلەش كېرەك». كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش كادىر باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، «قوماندانلىق تايىقى»نىڭ رولىنى ئوينايدۇ، جەزمەن دەل، ئىلمىي بولۇشى كېرەك.

نۆۋەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ياخشىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى نىزامىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، مەركەز باشقۇرىدىغان رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كۆرسەتكۈچ تەسىس قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، قايتما ئىنكاس شەكلىنى ياخشىلاۋاتىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئادەتتىكى تەكشۈرۈپ باھالاش، يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاش، ۋەزىپە مۇددىتىدە تەكشۈرۈپ باھالاش، مەخسۇس خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ ئىشلىگەن بىلەن ئاز ئىشلىگەن، ياخشى ئىشلىگەن بىلەن ناچار ئىشلىگەن، ئىشلىگەن بىلەن ئىشلىمىگەن ئوخشاش بولۇش مەسىلىسىنى پائال ھەل قىلدى. ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلغان تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، راست گەپ قىلىدىغان، ئەمەلىي ئىش بېجىرىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىنتىلىدىغان كادىرلار مۇكاپاتلاندى ۋە رىغبەتلەندۈرۈلدى، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، سۆرەلمىلىك قىلىدىغان، يالغان ئىش قىلىدىغان، قالايمىقان ئىش قىلىدىغان كادىرلار ئاگاھلاندۇرۇلۇپ ئويغىتىلدى ۋە جازالىنىپ ئىبرەت بېرىلدى.

كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش بىلەن كادىرلارنى تەكشۈرۈش ئىشنى بىلىش، ئادەمنى تونۇش، ئادەمگە ئەتراپلىق قاراش جەريانىدا ئۆزئارا بىر - بىرىنى دەلىللەيدۇ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى كادىرلارنى دەل، پۇختا تەكشۈرۈپ باھالاشتا نۇرغۇن يېڭى تەدبىرلەرنى قوللاندى. مەسىلەن، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزىلارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش دەرىجىسى، باغلىنىشلىق دەرىجىسى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرى تەلىپى بويىچە، سۆھبەتلىشىش دائىرىسى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، سۆھبەت مەزمۇنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەندى. مەسىلەن، كادىرلارنىڭ «سەككىز سائەت»تىن سىرتقى ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكى، تۇرمۇش چەمبىرىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى. مەسىلەن، كادىرلارنى تەكشۈرۈش ماتېرىيالى ئەمەلىي جانلىق يېزىلىپ، كادىرلارنىڭ «رەسىمى» دەل، جانلىق سىزىلىپ، كادىرلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىق - كەمچىلىكلىرى قەغەزگە ئېنىق يېزىلدى.

كادىرلارنى تەكشۈرۈشتە سىياسىي ئۆتكەلنى ئىگىلەش ۋە سىياسىي ساپاسىنى تەكشۈرۈش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ تېشىغا قاراپ باھا بەرمەي، ئىچىگە قاراپ باھا بېرىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئۇستىلىق بىلەن نىقابلانغان، چوڭقۇر يوشۇرۇنغان بولۇپ، توغرا پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش جەريانىدا، كونكرېت ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش - پەرقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ھەم سۆزىنى ئاڭلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكىتىگە قارىشى، ھەم تېشىنى كۆزىتىشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىچىنى تەھلىل قىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىمايدىغان، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرمايدىغانلارنى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىشى كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا نىسبەتەن پوزىتسىيەسى مۈجمەل بولغانلار، ھەتتا كۆڭلىدە نارازىلىقى بار، باشقىچە ئىش تۇتقانلارنى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىشى كېرەك؛ سۆڭىكى بوشلار، شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغانلار، پەي - قانىتىنى ئاسرايدىغانلار، ئاتالمىش «ئاقىل مۆتىۋەر»لەردىن بولۇۋېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلارنى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىشى كېرەك...

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامدا، ئادەمنى دەل تونۇش ۋاسىتىسىنى كېڭەيتىش، ئىلمىي ئادەم ئىشلىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش مۇھىم نۇقتىسى كۆزلىنىپ، ئادەمگە ئادىل قاراشنىڭ مۇھىم ھالقىسى تۇتۇلۇپ، ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە تەكلىپ سالمىقى ھەقىقىي ئاشۇرۇلۇپ، ئايرىم سۆھبەتلىشىش قاتارلىق تەكشۈرۈش شەكىللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش تەكىتلىنىش بىلەن بىللە، تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرى بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىشنى بىر تۈرلۈك ئايرىم تەرتىپ قىلىش ھەم گەۋدىلەندۈرۈش تەلەپ قىلىندى. بولۇپمۇ نامزاتلار شەرتى ئۆتكىلىنى ئىگىلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى سىياسىي ئۆلچەم روشەن تۇرغۇزۇلۇپ، سىياسىي ساپاسىنى تەكشۈرۈشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كادىرلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنى تەكشۈرۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، كادىرلارنىڭ كەسپىي ساپا جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، پاكلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلى، ئەخلاق ئۆتكىلى، ئىقتىدار ئۆتكىلى، ئىستىل ئۆتكىلى، پاكلىق ئۆتكىلى تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەش يەنىمۇ دەللەشتۈرۈلدى.

■مۇۋاپىق ئادەمنى مۇۋاپىق خىزمەت ئورنىغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش سىستېما قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلدى، كەسىپتە پەزىلەتلىكلىرىنى تاللاپ، قابىلىيەتلىكلىرىنى تەيىنلەش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈش، مەنبەنى تېخىمۇ كېڭەيتىش كۆزلەندى

ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە موھتاج، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار دەل ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنىڭ ئاساسىي قوشۇنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل، دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى كادىرلار خىزمىتىدىكى بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك ۋە روشەن يۆنىلىش كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى چىقىش قىلىپ كادىرلارنى تاللاش، كادىرلارنى ئىشلىتىش بولدى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەيلى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئىككى كومىتېت»نىڭ نامزاتىنى تەكشۈرۈش، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا بولسۇن ياكى كادىرلارنى ئادەتتىكى تولۇقلاپ تەڭشەشتە بولسۇن، ھەممىسىدە «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىشتا ئىپادىسى مۇنەۋۋەر بولغان كادىرلار بايقاپ ئىشقا قويۇلۇپ، ھەقىقىي تۈردە كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق كېلىدىغان كىشىلەر مۇۋاپىق خىزمەت ئورنىغا قويۇلدى. بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار رەھبەرلىك بەنزىسىنى سەپلەش ۋە خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، خىزمەت ئورنى سانىنى باشقۇرۇش ۋە كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەشتە ھەم «بىر تاياقتا ھەيدەش»نى قوللانماي، ھەم ئاددىي ھالدا «ئورۇننى كۆپەيتمەي»، كەسىپ يۆنىلىشى، كەسىپ ئېھتىياجى نامايان قىلىندى.

نۆۋەتتە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كەسىپلەشتۈرۈش، مەخسۇسلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈشكە قارىتا بارغانسېرى يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى، رەھبەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە كەسپىي تەپەككۇر، كەسپىي ساپا، كەسپىي ئۇسۇل بولۇشى كېرەك؛ كەسپىي ساپا كەسپىي بىلىم، كەسپىي ئىقتىدار، كەسپىي ئىستىل، كەسپىي روھنىڭ بىرلىكى، پەقەت كەسىپ ئۇدۇل كەلسە بولىدىغان ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس.

ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەۋقەنى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان فۇنكسىيەلىك ئورنى، تەرەققىيات باسقۇچىنى پەرقلەندۈرۈپ، ھەم رەھبەرلىك قابىلىيىتىگە ئىگە، ھەم كەسپىي ماھارەتكە ئىگە كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى بىر جاينىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا، بىر ئورۇننىڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسىگە، بىر كارخانىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىگە تولۇق ماسلاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

«كوئېنلۇن تېغىغا گۈزەل قاشتېشى توپلانغان، چوڭ ئىمارەت نۇرغۇن ماتېرىيالدىن سېلىنغان». مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەسىپلەر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلىشىگە ئېھتىياجلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار كادىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى يوللىرىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپنى بىلىدىغان، قابىلىيەتلىك، ئەمەلىي نەتىجىسى ياخشى مۇنەۋۋەر كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا كىرگۈزدى. شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خىزمەت تەجرىبىسى بار زور بىر تۈركۈم كادىرلار پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.

«پروگرامما تىلغا ئېلىنسا، كۆزىمىز تەبىئىي ئېچىلىدۇ؛ يىلتىز قاياققا سوزۇلسا، ئۇچ تەبىئىي ئەگىشىدۇ.» تەشكىلىي لۇشيەن سىياسىي لۇشيەنگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، كادىر تاللاش، بەنزە سەپلەشتە جەزمەن پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلەش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن نىزامدا «ئىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادەم بىلەن ئىش ئورنى ماس كېلىش، ئادەم بىلەن ئىش مۇۋاپىق كېلىش» مۇھىم پىرىنسىپلارنىڭ بىرى قىلىنىپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، ئەخلاق - پەزىلىتى، ئىستىل جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى، پاكلىق ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىللە، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەكشۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دادىل مەسئۇل بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك مۇنەۋۋەر كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈش تەكىتلەندى. نىزامدا ئادەم تاللاش نەزەر دائىرىسى ۋە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كارخانا، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئارىسىدىن پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى بايقاپ تاللاپ ئۆستۈرۈشكە دىققەت قىلىش ھەم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى كادىر ئىختىساسلىقلىرىنى ۋاقتىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش روشەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جاھاندىكى تالانتلىقلارنى تاللاش ھەم ئىشلىتىشتەك كۆڭۈل - كۆكسى تولۇق نامايان قىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا توپلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى.

■سىجىل كۈچەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھالقىلىق ئاز سانلىقلار چىڭ تۇتۇلدى، قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلدى، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش ئېكولوگىيەسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، كەيپىيات ۋە ئىستىل كۈنسېرى سۈزۈكلەشتى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياخشى كادىرلار تاللاش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، بولۇپمۇ باشقۇرۇش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن قاتتىق تەربىيەلەش، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر كادىرنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەش ئاستىدا خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشقا چوڭقۇر، يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلغاندىلا، كادىرلار قوشۇنى «بىر كۆلچەك سۈزۈك سۇ»غا ئايلىنىپ، ئەلالىرىنى تاللاپ، ئىختىساسلىقلارنى ۋەزىپىگە قويۇش ئاندىن ئىشەنچلىك ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان مۇستەھكەملىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن، مەسىلىدىن باشلاپ قول سېلىپ ئىشلەش، تەپسىلاتتىن باشلاپ تۇتۇش، چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەسلىك، سىجىل كۈچەش، ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇردى.

− ئىدىيەۋى تەربىيە چىڭىتىلدى. «كىچىك چاتاق ھەل قىلىنمىسا، چوڭ چاتاق چىقىدۇ.» مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات - كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنى ئەسكەرتىش، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش ۋە تەنبىھ بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، سىياسىي قائىدە ۋە سىياسىي ئىنتىزام ئارقىلىق تەربىيەلەش، نازارەت قىلىشنى چىڭىتتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىردىشىش - سۆھبەتلىشىش، كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاش، ئادەتتىكى ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق شەكىللەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، كادىرلارنى ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، يۈزىنى قىزارتىش ۋە تەرلەتكۈزۈشنى ھەقىقىي ھالدا دائىملاشتۇردى. يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى بېسىپ تارقىتىلغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات - كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى جەمئىي 1 مىليون 396 مىڭ ئادەم قېتىم ئەسكەرتىش، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش ۋە تەنبىھ بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇشنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 108 مىڭ ئادەم قېتىم ئەسكەرتىلدى، 169 مىڭ ئادەم قېتىم خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈلدى، 119 مىڭ ئادەم قېتىم تەنبىھ بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇلدى.

− مەسىلىنى تۈزەش چىڭىتىلدى. «ئۈچنى ئاشۇرۇۋېتىش، ئىككى قالايمىقان بولۇش» «سالتاڭ ئەمەلدار» «ئىشلىمەي مائاش ئېلىش» ھەمدە كادىرلار ئارخىپىدا ساختىلىق قىلىش، رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش، شەخسىي ئىش بىلەن چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىش قاتارلىقلارنى مەخسۇس تۈزەش مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلدى. كادىرلار ئارخىپىدا ساختىلىق قىلغانلارنى ئېنىقلاش، تۈزەش بىر تۈرىدىلا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن 15مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ كادىرلار ئىشلىرى ئارخىپىنى تەكشۈرۈش تاماملىنىپ، 3 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئارخىپ ئۇچۇرى قايتىدىن بېكىتىلدى، ئۆزگەرتىش، ساختىلىق ئىشلىتىشكە چېتىشلىق 59 مىڭ كىشى بىرتەرەپ قىلىندى، جازالاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار» گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كادىر، مالىيە، مۈلۈككە دائىر تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، تەقسىملەش ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن مۇھىم خىزمەت ئورنىدىكى كادىرلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، شاڭخەي قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا ئېچىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى.

− ئىستىلنى تەرتىپكە سېلىش چىڭىتىلدى. «تۆت خاھىش» ئامما قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلە، شۇنداقلا پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقان مۇھىم مەنبە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت بۇ جاھىل كېسەلنى ھەل قىلىشنى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، 21 تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ، «يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى» «ئاپتوموبىل ئىشلىتىشتىكى چىرىكلىك» «سەھنىدىكى ھەشەمەتچىلىك» «ئارامخانىدىكى ناچار ئىستىل»نى قاتتىق چەكلەپ، داۋاملىق «تۆت خاھىش»تىكى يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن مەسىلىلەرنى تۈزىدى، بولۇپمۇ يېڭى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى تۈزەش، نازارەت قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، كادىرلارنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىشقا يېتەكلەپ، «تۆت خاھىش»قا قەتئىي قارشى تۇردى.