1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يېڭى ئىدىيە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى

− يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

日期:2019年03月19日
来源:新疆日报网
【字体:

مىڭ يىللىق ئۇلۇغ ئىشلاردا ئادەم ئىشلىتىش ھەممىدىن مۇھىم.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كادىرلار خىزمىتى ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى دەسسىتىپ، كۈنسېرى ئەتراپلىق مۇكەممەللىشىپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى» رەسمىي ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ دىققىتى ۋە قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن قانۇن - نىزام، تۈزۈم مۇقەررەر دەۋر تومۇرىنى نامايان قىلىدۇ، مۇقەررەر ئەمەلىيەت تامغىسىنى باسىدۇ. ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ تۈپ قوللانمىسى سۈپىتىدە، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كادىرلار خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى نەزەرىيە، ئەمەلىيەت، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ خۇلاسە قىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈشى، تارىخقا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، شۇنداقلا ئىشلار ۋە كادىرلارغا مەسئۇل بولغانلىق.

بۇ قېتىم نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى 2018- يىلى 3- ئايدا رەسمىي باشلىنىپ، بىر يىل داۋاملاشتى. تۈزىتىش كىرگۈزۈش داۋامىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدا قىلىنغان كونكرېت بايانلار، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنىق تەلەپلەر تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ نىشانىنى ئايدىڭ، يۆنىلىشىنى ئېنىق قىلىپ بەردى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش بىلەن بىللە، دىققەتنى ئىلگىرى ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان قىيىن مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك نۇرغۇن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىزدىنىپ تاپتى، كادىرلار خىزمىتىنى «ئۇلنى پۇختىلاپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئەسلىي قىياپىتىگە قايتۇردى»، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى ئەمەلىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتتى، ئېقىن مەنبەسىگە ئىگە بولدى.

■پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كادىر باشقۇرۇش، تەشكىل ئادەم تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ پارتىيە ۋە خەلققە سادىق كىشىلەرنىڭ قولىدا پۇختا ئىگىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش

پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا جۇڭگوچە كادىرلار ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ تۈپ تەلىپى، روشەن ئاساسى، نىزامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك قانۇن - نىزام، تۈزۈملەرنىڭ ئاچقۇچلۇق مۇھىم مەزمۇنى.

پارتىيە تارىخىنى ئەسلىسەك، قايسى ۋاقىتتا پارتىيە رەھبەرلىكى چىڭ، كۈچلۈك بولسا، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلار تولۇق ئوتتۇرىغا چىققان؛ قايسى ۋاقىتتا پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىز بولسا، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە ناتوغرا ئىستىل پەيدا بولۇپ يامراپ كەتكەن. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، بەزى ئورۇنلارنىڭ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، سۇسلىشىش، مەۋھۇملىشىش مەسىلىسى پەيدا بولدى، كۆرسىتىش بېلىتى، ئىمتىھان نومۇرى، GDP ۋە ياشقا زىيادە ئەھمىيەت بېرىش توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنىڭ ياخشى نامايان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ناتوغرا ئىستىل بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى، ئاۋاز توپلاش قىلمىشىدا ھىيلە - نەيرەڭ كۆپىيىپ، چەكلىسىمۇ تۈگىمەي، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى بۇزدى.

مەسىلە دەۋرنىڭ ئاۋازى. دەۋرنىڭ ساداسىغا ماسلىشىپ، دەۋر ئېقىمىنى يېتەكلەشتە جەزمەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، مەسىلىنى دادىل ھەل قىلىش كېرەك.

«پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» «ئەگەر رەھبەرلىك بەنزىسى، مەسئۇل رەھبەر ۋە تەشكىلات تارمىقى قايسى كادىرنىڭ كۈچلۈكلۈكى، قايسى كادىرنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمىسە، ئۇنداقتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ»... پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش داۋامىدىكى ئۆتكەلنى ئىگىلەش، يۆنىلىشنى بېكىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلار دىلنى يورۇتتى، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلدۇردى.

باش پىروگرامما تىكلەنسە، تارماق نىشانلار ئايدىڭلىشىدۇ، بىر تومنىڭ مەزمۇنى ئېنىق يېشىلسە، نۇرغۇن ماقالىنىڭ مەزمۇنى روشەنلىشىدۇ. باش شۇجىنىڭ مۇھىم بايانلىرى مۇھىم ھالقا ۋە مۇھىم نۇقتىلارنى تۇتۇپ، كادىرلار خىزمىتى ئۈچۈن بۇلۇتنى يېرىپ قۇياشنى كۆرسىتىپ بەردى، يامانغا لەنەت ئوقۇپ ياخشىنى مەدھىيەلىدى، ناچار ئىستىلنى تۈگىتىپ، دۇرۇس ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى باش شۇجىنىڭ يوليورۇقى، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، كادىرلار خىزمىتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كادىرلار خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە، مۇھىم، زور ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

− دېموكراتىك كۆرسىتىشنى ياخشىلاش «پەقەت بېلەت سانىنىلا ئاساس قىلىش» مەسىلىسىگە قارىتا «ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش» دېگەنلىك. دېموكراتىك كۆرسىتىش فۇنكسىيەسىنىڭ ئورنىنى قايتا بېكىتىپ، دېموكراتىك كۆرسىتىشنىڭ تېگىشلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

− رىقابەت خاراكتېرلىك تاللاپ ئۆستۈرۈشنى ياخشىلاش «پەقەت نومۇر سانىنىلا ئاساس قىلىش»نى «بايراقنى چۈشۈرۈپ، دۇمباقنى توختىتىش»قا مايىللاشتۇرۇش دېگەنلىك. رىقابەت خاراكتېرلىك تاللاپ ئۆستۈرۈش دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، ئۇنى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم شەكلى، ھەتتا بىردىنبىر شەكلى قىلىۋالماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، رىقابەت خاراكتېرلىك تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ قېتىم سانى ۋە نىسبىتىنى قاتتىق بېكىتمەسلىك كېرەك.

− تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش «پەقەت GDP نىلا ئاساس قىلىش»تەك سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى ياخشىلاش توغرىسىدا ھۆججەت چىقىرىلىپ، ئاددىي ھالدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى كادىرلارنىڭ ئەخلاقى، ئىقتىدارى، تىرىشچانلىقى، نەتىجىسى، پاكلىق ئەھۋالى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويماسلىق، ئاددىي ھالدا GDP ئارقىلىق «قەھرىمان»لارغا باھا بېرىشتىن ساقلىنىش تەكىتلەندى.

− پېشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلارنى پەلەمپەيسىمان سەپلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «پەقەت ياشنىلا ئاساس قىلىش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش. ياش كادىرلارنى دائىملاشتۇرۇپ سەپلەش نىشانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، كادىرلار بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ سەپلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى پېشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلارنى كۈچ - غەيرەتكە، ئۈمىدكە ئىگە قىلىش كېرەك.

......

بىر ئۈلۈش يەڭگىلتەكلىك ئازلاپ، بىر ئۈلۈش پۇختىلىق كۆپەيدى. كادىرلار، ئامما مۇشۇ يىللاردا كادىرلار خىزمىتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك نەتىجە - ئۈنۈمنىڭ دەل بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت پەقەت» خاھىشىنى قەتئىي تۈزىتىش ئىكەنلىكىنى، كادىرلارنىڭ شۇنىڭدىن باشلاپ «بېلەت»، «نومۇر»، GDP، ياش ئۈچۈن گاڭگىراپ قالمايدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلدى. بولۇپمۇ 19- نۆۋەتلىك «ئىككى كومىتېت» نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، كۆرسىتىش ئۇسۇلى جەھەتتە «يىغىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش»، «سايلام بېلىتىگە بەلگە قويۇش» يولغا قويۇلماي، ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىپ، مۇشۇ ئاساستا پايدىلىنىش تىزىملىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاندىن يىغىندا كۆرسىتىلدى؛ تەكشۈرۈش سۆھبىتى بىر ھالقىدىن پۈتكۈل جەريانغا كېڭەيتىلىپ، سۆھبەت دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، سۆھبەت مەزمۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، ئەلرايىنى ئىپادىلەشنىڭ كەڭ دائىرىلىكى، چىنلىقى، ئۈنۈمدارلىقى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. «كادىرلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى تۇراقلىق، رەھبەرلەرنىڭ ئەتراپى ناھايىتى تىنچ، جەمئىيەتتە ئىنكاس ناھايىتى ياخشى بولدى». نۇرغۇن كادىرلار، ئامما نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تولۇق ئېتىراپ قىلدى.

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامدا پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشقا قارىتا يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى، تەكلىپ - تەلەپلەر تولۇقلاندى، دېموكراتىك كۆرسىتىش تەرتىپى تەڭشەلدى، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە ئالاقىدار مەزمۇننى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلدى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە تەكلىپ، دېموكراتىك كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش، مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا ھەمدە قانۇن بويىچە كۆرسىتىش، نامىنى ئاتاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يەنىمۇ سىڭدۈرۈپ، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇلدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش، يۆنىلىشنى بېكىتىش رولى تولۇق نامايان قىلىندى. بولۇپمۇ سۆھبەتلىشىپ، تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىپ كۆرسىتىش، يىغىندا كۆرسىتىش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلدى، بەزى ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دېموكراتىك كۆرسىتىشنىڭ جانلىقلىقى كۈچەيتىلدى، ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىشتىكى ئورۇن بېكىتىشنى تەڭشەشكە قارىتا، مەركەزنىڭ يېڭى تەلىپى كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش روھى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنى ياخشى تاللاش، ئادەمنى توغرا ئىشلىتىش كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

■يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى روشەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ساپالىق تەربىيەلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش يۆنىلىشى تېخىمۇ ئېنىق قىلىندى، يولى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى

سىياسىي لۇشيەن بېكىتىلگەندىن كېيىن، كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل بولىدۇ. 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى، مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلارنى كۈچەپ تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، بايراق روشەن ھالدا يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىن، باش شۇجى يەنە «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، «تۆت بولۇش» «تۆتتە تۆمۈردەك بولۇش» «بەشتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش» قاتارلىق تەلەپلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھەم ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى تەشكىلنىڭ ئادەم تاللىشىنى مىزان بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە تەشكىلنىڭ ئادەم تەربىيەلىشى ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، تېخىمۇ مۇھىمى، كادىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

نەزەرىيەدە سەگەك بولغاندىلا سىياسىيدا سەگەك بولغىلى بولىدۇ، نەزەرىيەدە قەتئىي بولغاندىلا سىياسىيدا قەتئىي بولغىلى بولىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كادىرلارنى تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈشتىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش تەتقىقات، مۇھاكىمە كۇرسىنى ئۆتكۈزۈپ، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىلگىرى - كېيىن ئىككى قېتىم كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، مەملىكەتلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دەرسلىك سىستېمىسى، ئوقۇتۇش ماتېرىيال سىستېمىسى، پەنلەر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئىشلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشى، مەركەزلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش - لېكسىيە سۆزلەش، كادىرلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش، مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى، ئەمەلىيلىشىشىنى، قەلبلەرگە سىڭىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

غايە - ئېتىقاد كادىرلارنىڭ مەنىۋى «كالتسىيسى». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئىلگىرى - كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇردى، كەڭ كادىرلار ئىدىيەنى پاكلاش ۋە پارتىيەۋىلىك تەربىيەنى چوڭقۇر قوبۇل قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ كەڭ كادىرلارنى تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىش، يېتەكلەشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

«ئەخلاق قابىلىيەتنىڭ يولباشچىسى، قابىلىيەت ئەخلاقنىڭ ئاساسى.» رەھبىرىي كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلىگەندىلا ئاندىن پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، قابىلىيىتى يۇقىرى، كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كادىرلار قوشۇنىدىكى ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، «ئىقتىدار ۋەھىمىسى» مەسىلىسىنى يېڭىشنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىر تەرەپتىن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان كەسىپلەشتۈرۈش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مەركەزدىكى ئورۇنلار ۋە ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلاردىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشقا پائال تاللاپ ئەۋەتتى، كادىرلارنىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، چىڭخەيگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر كادىرلارنى جاپالىق، چەت - ياقا رايونلارغا، شيۇڭئەن يېڭى رايونى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چېنىقىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشكە تاللاپ ئەۋەتتى.