بالا سېمىز بولسا، زېھنىي كۈچىگە زىيان يېتىدىكەن

日期:2020年04月15日
来源:天山网
【字体:

برازىلىيە سان پاۋلو داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، بالا كىچىكىدىنسېمىز بولسا چوڭ مېڭىسى زىيانغا ئۇچراپ، زېھنىي كۈچىگە تەسىر يېتىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار 12 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان 59 سېمىز بالا ۋە نورمال ئېغىرلىقتىكى 61 بالىنى ئىز قوغلاپ، دىسپېرسىيە تېنزورلۇق تەسۋىر ھاسىل قىلىش(DTI) تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭە ئاق ماددا ھالىتىنى تەكشۈرگەن. ئاندىنDTI تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ، تەتقىقات گۇرۇپپىسى تۈرلۈك غەيرىي خاراكتىرلىككەسىر سان(FA) ئۆلچەش كۆرسەتكۈچىنى ھاسىلقىلىپ، ئۇنى چوڭ مېڭە ئاق ماددىسىنىڭ شكالا سانى دەپ قارىغان. بالىنىڭ FA نومۇرى قانچە تۆۋەن بولسا، ئاق ماددىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىمۇ شۇنچە روشەن بولغان.مېڭىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر چوڭ مېڭىنىڭ كەيپىياتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ۋە بىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، چوڭ مېڭە ئۇچرىغان نېرۋا زەخىملىنىشىمۇ بەزى ياللۇغ بەلگىلىرى(مەسىلەن، ئورۇق ھورمۇن) بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئورۇقھورمۇن ياغ ھۈجەيرىلىرىدىن ھاسىل بولىدىغان بولۇپ، ئېنېرگىيە سەۋىيەسىنى ۋە ياغ ساقلاش ئىقتىدارىنى تەڭشەشكە پايدىلىق ئىكەن. سېمىز بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئورۇق ھورمۇنغا ئىنكاس قايتۇرمايدىكەن، بۇ خىل ھادىسە ئورۇق ھورمۇننىڭ قارشىلىقى دەپ ئاتىلىدىكەن. ئۇ بىر خىل يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، بالىلارنىڭ داۋاملىق، زىيادەيېمەكلىك يېيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن زىيادە ياغ ھۈجەيرىلىرى يەنەتېخىمۇ كۆپ ئورۇق ھورمۇننى ھاسىل قىلىدىكەن.