ئىش ئەسلىگە كەلدى، ئىشتىن يانغاندا ۋىرۇسنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ

日期:2020年03月16日
来源:天山网
【字体:

ئاياغ سېلىش

سىرتقا چىققاندا كىيگەن ئاياغنى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئىشىك سىرتىغا قويۇپ، ئۆيدە كىيىدىغان پاكىز ساپما كەشنى كىيىۋېلىش كېرەك.

ئادەتتە ئاياغنى سىرتقا بەلگىلىكۋاقىت قويغاندىن كېيىن، بۇلغانما ماددىلارغا دەسسىۋالغان تەقدىردىمۇ، ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش ئاكتىپلىقى قالمايدۇ، ئاياغ چەمى ئارقىلىق ۋىرۇس تارقىلىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.

چاپان سېلىش

چاپاننى، ئىشتاننى سېلىپ، بالكونغا ئېسىپ شامالدىتىش كېرەك.

ئەگەر ئوچۇقچىلىقتىكى ئادەم ئاز جايغا بارساق، چاپاننى شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا يېيىپ قويساقلا بولىدۇ؛ ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا، كىيىمنى يېنىك سېلىش، سىلكىمەسلىك، %75لىك ئىسپىرت ياكى ھاراقنى پۈركۈپ ياكى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك؛ ئەگەر دوختۇرخانا قاتارلىق خەتەرلىك جايلارغا بارغان بولسا،بارلىق كىيىملەرنى يۇيۇش ھەمدە سوغۇق سۇ بىلەن تەڭشەلگەن مۇۋاپىق قويۇقلۇقتىكى خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى (كونكرېت تەڭشەش ئۇسۇلىنى مەھسۇلات ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ)نى تەڭشەپ، بەش مىنۇت چىلاپ قويۇپ، ئاندىن پاكىز يۇيۇش كېرەك.

دىققەت: ئىسپىرت پۈركۈمىسى ئاسان ئوت ئالىدۇ، ئاسان پارتلايدۇ! ئاشخانا ۋە ئوت مەنبەسىدىن يىراق تۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ! تەركىبىدە خىلور بولغان دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى ھاجەتخانا تازىلاش دورىسى (洁厕灵)، ئاچچىقسۇ ۋە كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئاسما دەزمال بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، چۈنكى ئۇنىڭ گىرادۇسى ۋە ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى ئانچە ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ.

ماسكىنى ئېلىۋېتىش

ماسكىنىڭ بوغقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال بىر قۇلاقتىكى ئاسما يىپىنى ئېلىپ، ئاندىن يەنە بىر تەرەپتىكىسىنى ئېلىش كېرەك، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ماسكىنىڭ سىرتقى يۈزىگە تەگمەسلىك لازىم، چۈنكى ماسكا يۈزى ئاللىبۇرۇن بۇلىغىنىپ بولغان بولىدۇ.

قول تازىلىقى

ماسكا ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا ئېقىۋاتقان سۇ بىلەن قولنى 20 سېكۇنت ئۇۋۇلاپ يۇيۇپ، سۈرتۈپ قۇرۇتۇش كېرەك. ياكى يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز بولغان قولدېزىنفېكسىيەلەشسۇيۇقلۇقى بىلەن تېز سۈرئەتتە قول تازىلاشقىمۇ بولىدۇ.

بۇيۇملارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش

ئىسپىرت پاختا لاتىسى بىلەن يانفون، ئاچقۇچ، تىڭشىغۇچ، پۇل قاپچۇقى، كارتا قاپچۇقى، كارتا، ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانى قاتارلىق يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان بۇيۇملارنى ھەمدە سىرتقا ئېلىپ چىققان مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى، خاتىرە كومپىيوتېر قاتارلىق ئىشخانا بۇيۇملىرىنى سۈرتۈپ تازىلاش كېرەك. قەغەز بۇيۇملارنىڭ بۇلغانغانلىقىدىن گۇمانلانغان بولسا، ئاپتاپتا قاقلىسا بولىدۇ، بەتنى ئۆرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئەسكەرتىش: بالىسى بارلار چوقۇم يۇقىرىقى تازىلىق تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن بالىلىرىغا يېقىن كېلىشى كېرەك، ۋىرۇسنىڭ ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشىدىن ساقلىنىپ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.