قانداق بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ ؟

日期:2019年11月08日
来源:天山网
【字体:

ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم چېنىققاندا، ئاندىن ھەرىكەتنىڭ پايدىسى بولىدۇ.ھەپتىدە 1-2 قېتىم چېنىققاندا ئۇزۇن مەزگىللىك پايدائېلىپ كېلەلمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ كۈن چېنىقىش كېرەك ئىكەن. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن ئولتۇرۇش ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ پايدىسىنى يوقىتىدىكەن.

تۆمۈر كۆتۈرۈش مۇسكۇل چىقىرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.تۆمۈر كۆتۈرۈش شىتانكا، گانتېل قاتارلىق تۆمۈر ئەسۋابلارنى كۆتۈرۈپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. تۆمۈر كۆتۈرۈش مۇسكۇل كۈچەيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

ھەرىكەت ئەمەلىيەتتە مېڭىنى ئەڭ چېنىقتۇرىدۇ.بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، ئوكسېگىنلىق چېنىقىشچوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا تەڭداشسىز پايدا ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ خىل چېنىقىش چوڭ مېڭىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يۈرەك ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

بەدەننىتەكشى تۇتۇپ تىرەش ھەرىكىتىقورساق مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرىدىغان «ئەڭ ياخشى ئۇسۇل».بەزىلەر قورساق قاتلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق قورساق مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە قورساق قاتلاش قورساق مۇسكۇلىغىلا قارىتىلغان، بەدەننى تەكشى تۇتۇپ تىرەش ھەرىكىتى ئادەمنڭ يان، ئالدى ۋە دۈمبىسىدىكى بىر قانچە گۇرۇپپامۇسكۇلنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئەگەر سىز يادرولۇق مۇسكۇل توپىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولسىڭىز، بولۇپمۇ قورساق مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا بەدەننى تەكشى تۇتۇپ تىرەش ھەرىكىتىنىتاللاڭ.