ياشانغانلار كۈز پەسىلدە كۈتۈنىدىغان تۆت ئالتۇن ۋاقىت

日期:2019年09月10日
来源:天山网
【字体:

«كۈز پەسلى كۈتۈنۈشنىڭ ئالتۇن پەسلى» دەيدىغانگەپ بار. 9- ئاي كىرىشى بىلەن،كۈتۈنۈش قىزىق تېمىغا ئايلىنىدۇ. ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەدەن ساپاسى كۈندىن-كۈنگە چېكىنىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈشنىڭ تۆت مۇھىم ۋاقتى بار، بۇ تۆت ئالتۇن ۋاقىت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ تۆت مۇھىم ئالتۇن ۋاقىتتىن قانداق ئىلمىي پايدىلىنىش كېرەك؟

سەيلە قىلىش: تاماقتىن بىر سائەت كېيىن

ياشانغانلار تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان، ئۈچەي ھەرىكىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، نەپەسلىنىش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ، لېكىن تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ئارام ئېلىپ، ئاندىن سەيلە قىلىش كېرەك. سەيلە قىلىشتىن ئىلگىرى ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن بەدەننى قىزىتىش كېرەك، ئالايلۇق پۇت-قولنى ئۇۋۇلاپ، پەي سوزۇش قاتارلىقلار.

پۇت چىلاش: كەچ سائەت توققۇزدا

كەچ سائەت توققۇزدا پۇتنى ئىسسىق سۇغا چېلاپ بەرسە، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇرنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر كۈن جىددىيلەشكەن نېرۋىلارنى تولۇق ئارام ئالدۇرغىلى بولىدۇ.

يۇيۇنۇش: ئۇخلاشتىن 90 مىنۇت ئىلگىرى

يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن 150 مىللىلىتىر ئەتراپىدا ئىلمان قايناقسۇ ئېچىش كېرەك، چۈنكى ياشانغانلار يۇيۇنغاندا ئاسانلا تەرلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن قاندىكى سۇ كۆپ مىقداردا خوراپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. يۇيۇنۇش ۋاقتى15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى مۇنچىنىڭ ئىچى دىمىق بولىدۇ، ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا، قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، مېڭە توقۇلمىسىغا ئوكسىگېن ۋە قان يېتىشمەي، يۈرەك سانجىقى، مېڭىگە قان چۈشۈشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

چىش چوتكىلاش: تاماقتىن يېرىم سائەت كېيىن

نۇرغۇن كىشىلەر تاماقتىن كېيىنلا چىش چوتكىلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، تاماقتىن كېيىنلا چىش چوتكىلىسا، چىش ساغلاملىقىغا زىيانلىق، چىش تاجىسىنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت ئېمال ماددىسى بولىدۇ، تاماقتىن كېيىنلا چىش چوتكىلىسا، چىش تاجىسىنىڭ ئېماللىق قەۋىتى بوشاپ كېتىدۇ.