ئارپىبەدىياننىڭ مۇنداقمۇ رولى بار

日期:2019年08月26日
来源:天山网
【字体:

ئارپىبەدىيان ئائىلىدە دائىم ئىشلىتىدىغان تېتىتقۇ، ئۇ يەنە جۇڭيى دورىسى بولۇپ، كۈندىلىك ساقلىقنى ساقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

جۇڭيى تېبابىتىدە مۇنداق قارايدۇ:ئارپىبەدىيان تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، جىگەر، بۆرەك، تال، ئاشقازاندىكى سوغۇقنى ھەيدەپ ئاغرىقنى توختىتىپ،ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئارپىبەدىياننى تۇز بىلەن قورۇغاندىن كېيىن، سوغۇقنى ھەيدەپ ئاغرىقنى توختىتىدۇ. ھازىر ھاۋا بەك ئىسسىق، ئۆي ئىچىتېمپېراتۇرىسى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كىشىلەر نېپىزكىيىنىدۇ، بويۇنمۇ سىرتقا ئېچىلىپ تۇرىدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇلغان ئۆيدىكى سوغۇق ھاۋا ئاسانلا تېرىدىن ئورگانىزمغا سىڭىپ كىرىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ بويۇن ئومۇرتقىسى ئاسانلا زەخىملىنىپ، قېتىپ قېلىش، ئاغرىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ يەردە كۆپچىلىككە ئارپىبەدىيان بىلەن بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىشنى پەسەيتىدىغان بىر ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمىز: ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىدىن 50 گرام تەييارلايمىز، خام تۇز بىلەن قورۇپ قىزدۇرغاندىن كېيىن، كىچىك رەخت خالتىغا سېلىپ،بويۇنغا 30 مىنۇت ئەتراپىدابىر كۈندە ئىككى قېتىم ئىسسىقلىق ئۆتكۈزىمىز. بىر ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىقى كۆرۈنەرلىك پەسىيىدۇ. بۇ ئۇسۇل قىش پەسلىدىمۇ ئوخشاشلا سوغۇقتىن ئاغرىغان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە ماس كېلىدۇ .

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئارپىبەدىيان تەركىبىدە ئارپىبەدىيان ئالكوگول، ئارپىبەدىيان ئېفىر قاتارلىق ئۇچۇچان ماي ماددىسى بولۇپ، بەلگىلىك تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە، شۇڭا ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بىر تۇتام ئارپىبەدىياننى خالتىغا سېلىپ، ئۇنىڭغا ئازراق تۇز قۇيۇپ، ئاغزىنى ئېتىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. ئۇخلىغاندا، خالتىنى ياستۇق يېنىغا قويۇپ قويساق، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى