پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى دائىم يەپ بەرگەندە ئۈچەي راكى خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن

日期:2019年08月21日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە،سامساق، جۇسەي، باش پىياز، سېرىق جۇسەي ۋە سۇڭپىياز قاتارلىقپىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىئىستېمال قىلغاندا بوغماق ئۈچەي راكى ۋە تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

2009-يىلى 6-ئايدىن 2011-يىلى 11-ئايغىچە، تەتقىقات ئۆمىكى دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ دوختۇرخانىدا بىر تۈرلۈك كېسەللىك مىسالىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. تەتقىقاتچىلار 833 نەپەر ئۈچەي راكى بىمارىنى تاللاپ، يېشى، جىنسى، ئولتۇراق رايونى بىلەن ماس كېلىدىغان، سانى ئوخشاش بولغان ساغلاملىق پىدائىيلىرىنى باشقىدىن تاللىغان. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە كېسەللىك سەۋەبىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىدە پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىقوبۇل قىلىشمىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان كىشىلەرنىڭ بوغماق ئۈچەي راكى ۋەتۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىقوبۇل قىلىش مىقدارى ئاز بولغانلارغا قارىغاندا %79 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ھەر يىلى ئاز دېگەندە 16 كىلوگىرام پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتتىن (ھەر كۈنى تەخمىنەن 44 گىرام) ئىستېمال قىلغاندا خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، قوبۇل قىلىش مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، قوغداش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن: باش پىيازنى قاينىتىپ پىشۇرغاندا راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ مىقدارىئازىيىپ كېتىدىكەن، ئەمما ئۇنى يالپاغداپ توغراپ ياكى يانجىپ ئىستېمال قىلسا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن. ( مىڭ ۋېن )