بالىلارنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ

日期:2019年08月21日
来源:天山网
【字体:

تەنھالىق كېسىلى بىر خىل توسالغۇ خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، تەنھالىق كېسىلىنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى ئىنتايىن چوڭ، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغاتوغرا ھۆكۈم قىلىشى، ئەگەر تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىسا،بالدۇرراق داۋالىتىشى كېرەك، ئۇنداقتا، بالىنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟

بالىنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلغىلىبولىدۇ

بىرىنچى، ھەرىكەتنى ئۆلۈك ھالدا تەكرارلاش. تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا ئىجتىمائىي ئالاقە توسالغۇسى كۆرۈلىدۇ، يېشى كىچىكرەك بالىلاردا ئالامىتى ئېنىق ئىپادىلەنمەسلىكى مۇمكىن، بىراق، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بالىنىڭ ھەرىكەتنى ئۆلۈك ھالدا تەكرارلاش قىلمىشى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ، تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ماشىنا چاقى، ۋېكليۇچاتېل كۇنۇپكىسىنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە تېخى تېلېۋىزور ئېلانلىرىنى قايتا-قايتىلاپكۆرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارتەنھالىق كېسىلىدىكىدائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى، تىل ۋە ئالاقە جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچراش. تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار بىر قەدەر ئاستا گەپ قىلىدۇ، بەزىدە ئۆزىنىڭ ئويىنى ئىپادىلىيەلمەي قالىدۇ، تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئالاقە جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچرىغان بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىدا مۇشۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنىبايقىسادىققەت قىلىشى كېرەك، بۇنى تەنھالىق كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، ئاتا-ئانىلاربالىدىكى تەنھالىق كېسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچراش. تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار باشقىلار بىلەن ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدۇ، تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ كۆزى باشقىلارنىڭ كۆزى ئۇچراشقاندا ھارغىنلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ، ئۇلار كىشىلەر بىلەن بولغان يىراق-يېقىن مۇناسىۋەتنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە باشقا كىشىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولىدۇ، ئۇلار ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەركىلىتىشلىرىنىمۇ رەت قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال بالىنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.