قانداق قىلغاندا مېڭە تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ؟

日期:2019年08月21日
来源:天山网
【字体:

مېڭە تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ساغلام ئوزۇقلىنىش. ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ ئىستېمال قىلىنىشمىقدارىغا چەك قويۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش؛ ھايۋانات مېيى ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئاز يېيىش كېرەك، بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكىخولېستېرىن ۋە تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاسانلا ئارتېرىيە قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يېڭى كۆكتات، چوڭقۇر دېڭىز بېلىقىنى كۆپ يېيىش؛ قوبۇل قىلىنىدىغان تۇز مىقدارى ۋەئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك.

2. چېنىقىشنى كۈچەيتىش. مۇۋاپىق ئوكسېگىنلىق چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش، مەسىلەن: ئاستا يۈگۈرۈش، ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئويناش، ۋېلىسىپىت مىنىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلار. تەنھەرىكەت چوڭ مېڭىنىڭ روھلىنىش ۋە ۋە تىنىچلىنىش رېتىمىنى ماسلاشتۇرالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، چوڭ مېڭىگە يېتەرلىك قان ۋە ئوكسېگىن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ھەركۈنى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بەش كۈن چېنىقىش كېرەك.

3. تىل ئالاقىسىنى كۈچەيتىش. تىل چوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرىدىغان تەنھەرىكەت، ئادەتتە ئېغىزنى كۆپ مىدىرلىتىپ باشقىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىپ،ساغلاملىققا پايدىلىق كىتاب-ژۇرناللارنى كۆپرەك ئوقۇپ بېرىش كېرەك.

4. خىزمەت ۋە دەم ئېلىش تەرتىپلىككېرەك. بالدۇر قوپۇپ، بالدۇر ئۇخلاپ، تۈنەشتىن ساقلىنىش، كەچتە سائەت 10:30دىن بۇرۇن كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن چاي ئىچمەسلىك، بەك ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرمەسلىك كېرەك.

5. قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش. ئەڭ ياخشىسى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم قاندىكى ماي ۋە بويۇن ئارتېرىيەسىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. قان بېسىم، قاندىكى شېكەر مىقدارى، قاندىكى ماي مىقدارىنىئامال بار نورمال سەۋىيەدە كونترول قىلىش كېرەك.

6. بېسىمنى يېنىكلىتىش. ئۆزىگە بەك ئېغىر بېسىم قىلىۋالماي، خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتتا، قارتا، شاھمات ئويناپ، ناخشا ئاڭلاپ، باغچىلارنى ئايلىنىپ، ئامال بار ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش كېرەك. ھېيت-بايرام، دەم ئېلىشمەزگىلىدە ئۆيىدىكىلەر بىلەن سىرتلارغاچىقىپ ساياھەت قىلىپ، گۈل-گىياھلارنىتاماشا قىلسا بولىدۇ.