قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش، ئۈچ يۇقىرى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا...

日期:2019年08月20日
来源:天山网
【字体:

ئۈچ يۇقىرى كىشىلەر لوبو پوستىنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك

شەرقىي جەنۇب داشۆسىقارمىقىدىكى جۇڭدا دوختۇرخانىسى كلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى شيا پېڭبىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لوبو پوستىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول ،بولۇپمۇ ئۈچ يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ .

ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلاردىن باشقا، لوبو پوستى يەنە مېۋە يېلىمى، خۇپىسۇ ماددىسى، ئىزوتىئوسىئانات قاتارلىق ئاكتىپ ماددىلار مەلۇم دەرىجىدە قاندىكى ماي، قان شېكىرى ۋە قان بېسىمىنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق بولۇپ، ئۈچ يۇقىرى كىشىلەر توپىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىزوتىئوسىئانات تۈرىدىكىلەرنىڭ راكقا قارشى بەلگىلىك رولى بار. لوبو پوستى ئەڭ يېيىشلىك بولۇپ ، تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ تەركىبلەرنى ساقلاپ قالالايدۇ، مەسىلەن:سوغۇق لوبو پوستى، تۇزلانغان لوبو پوستى، تاتلىق-چۈچۈمەل لوبو پوستى قاتارلىقلار.

ھەركۈنى 50 گرام ئارپا ئۇمىچى ئىستېمال قىلسا، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

شۋېتسىيە چارمېس پەن-تېخنىكا داشۆسى بىلەن راك كېسىلى جەمئىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك بىرلەشمە تەتقىقاتىدا دېيىلىشىچە، ھەر كۈنى 50 گرام دانلىق زىرائەت ( قارا بۇغداي، سۇلۇ، بۇغداي ) نى ئىستېمال قىلغاندا، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپ يېيىش 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يېمەك - ئىچمەك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، قارا گۆشنى ئاز يېيىشمۇ ئوخشاشلا رول ئوينايدىكەن.

«ئۈچ يۇقىرى» كىشىلەر دانلىق زىرائەت بوتقىسىنىئاز ئىچىش كېرەك

نۇرغۇن كىشىلەر بەدەن تەكشۈرتكەندە « ئۈچ يۇقىرى » بولۇپ چىقىدۇ، ھەرىكەت كەمچىل بولغاندىن سىرت ، مەززىلىك تائاملارغا بېرىلىپ، ياغ تەركىبى يۇقىرى، ئېغىر ئاشلىق كۆپ بولۇش، قارا ئاشلىق ئاز بولۇشتەك يېمەك - ئىچمەك ئادىتىمۇ « ئۈچ يۇقىرى » بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىدىكى تۈپ سەۋەبتۇر.

قېتىق ئىچىش ئارقىلىققان شېكىرى سەۋىيەسىنى ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدۇ

كورىيە لىڭنەن داشۆسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قېتىقنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپ - خەتىرى بىلەن مەنپىي مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، يەنى قانچە كۆپ بولسا، خەۋپ - خەتىرى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. قوبۇل قىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان گۇرۇپپا ئەڭ ئاز بولغان گۇرۇپپىغا قارىغاندا دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتىرى %27 تۆۋەن بولغان. قېتىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا پايدىلىق ئىكەن.

قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى كىشىلەر ھەر كۈنى يېرىم تۇخۇم سېرىقى يېسە بولىدۇ

تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى ياغ يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنى ( ماي كىسلاتاسى ) ئاساس قىلىدۇ، فوسفاتىد تەركىبىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما ، تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى تۆمۈردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، پەقەت %3 ئەتراپىدا بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە تۇخۇم سېرىقى يۇقىرى فوسفورلۇق ئاقسىل بولۇپ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

يېشىل كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش جىگەرنى ماي قاپلاشنى ئازايتىدۇ

« ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيەسى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان شۋېتسىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن .

تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ۋە ھاراق ئىچىش جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىككى چوڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، جىگەرنى ماي قاپلاشنى داۋالاشتا ھازىرچە ئۈنۈملۈك دورا يوق ئىكەن. بۇ يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش، نىترات كىسلاتا تۇزىنى كۆپەيتىش، جىگەردىكى ماينى ئازايتىشقا پايدىلىق بولۇپ، جىگەرنى ماي قاپلاش ، يۈرەك كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىك خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن .