يان تېلېفوننى كۆپ ئوينىغاندا، چاچ تېز چۈشۈپ كېتىدىكەن

日期:2019年08月16日
来源:天山网
【字体:

مېتروغا ئولتۇرغاندا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن، خىزمەت بوش ۋاقىتلىرىدا ......كىشىلەربىكار بولسىلا يان تېلېفونىنى چىقىرىپ يېڭى ئىشلارنى كۆرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئايان، يان تېلېفوننى كۆپ ئوينىغاندامۈرە-بويۇن تېلىپ ئاغرىپ،كۆزئېچىشىدۇ، لېكىن سىز يان تېلېفون ئوينىسا چاچ چۈشىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ياپونىيە ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى «ھاياتىي كۈچ ئىشىكى» بۇنىڭ ئىچىدىكى قائىدىنى ئېچىپ بەردى.

مۈرە-بويۇنبەدەندىكى قان تومۇر بىلەن باش قىسمىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر يول. مۈرە-بويۇن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىسا، بۇ يەردىكى قان تومۇرلاربېسىلىپ، قان ئايلىنىشنىڭ تەبىئىي تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، قاننى باش قىسمىغا يەتكۈزىدىغان ئوكسىگېن، ئوزۇقلۇقمۇ ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارالماي، بۇ، چاچ ساغلام ئۆسمەسلىك، چاچ سارغىيىش، چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا تۆۋەندە بىر قانچە ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئالدى بىلەنمۈرە-بويۇننىڭ تېلىپ ئاغرىيدىغان-ئاغرىمايدىغانلىقى، چاچ چۈشىدىغان-چۈشمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. باش قىسمىنى ئوڭ - سولغا، ئالدى - كەينىگە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بويۇننىڭ بىئارام بولغان - بولمىغانلىقىدىنجەزملەشتۈرۈش؛ مۈرە قىسمىدا بىلەكنى ئالدى-كەينىگە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مۈرىنىڭ قېتىپ قالغان - قالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك. ئەگەر يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، يان تېلېفون ئويناش، كومپيۇتېرغا قاراشۋاقتىنى كونترول قىلسا بولىدۇ.