ماشىنىدا باش قېيىپ، كۆڭلىڭىز ئېلىشسا، نېيگۇەن پەللىسىنى كۈچەپ بېسىپ بېرىڭ

日期:2019年08月15日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى: ماشىنا، ئايروپىلان، كېمىدە باش قېيىش مېدىتسىنادا ھەرىكەت كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئالامىتى باش قېيىشتىن باشقا، ئاساسلىقى «كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش» بولۇپ، بۇ چاغدا چوڭقۇر نەپەسلىنىپ قۇۋۋەت تەڭشەش، ئاشقازان كۆپۈشنى يېنىكلىتىش، يەلنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. نېيگۇەن پەللىسىباش قېيىش، كۆكرەك سىقىلىش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇشنى داۋالايدىغان مۇھىم پەللە.

پەللە ئېلىش: نېيگۇەن پەللىسى ئالدى بىلەكنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بېغىشنىڭ توغرا سىزىقچىلىرى ئۈستىدىكى ئىككى سۇڭ ئارىلىق ئەتراپى بولىدۇ.

كونكرېت ئۇسۇلى: بارماقنىڭ ئۇچىنى تىك تۇرغۇزۇپ، تۆۋەنگە كۈچەپ نېيگۇەن پەللىسىنى بېسىش. بۇ چاغدا كۆرسەتكۈچ بارماق ئۇچى ناھايىتى تەبىئىي ھالدا بىلەكنىڭ دۈمبە تەرىپىبىلەن نېيگۇەن پەللىسى ماس كېلىدىغان جايغا، يەنى ۋەيگۈەن پەللىسىگە قويۇلىدۇ، ئاستى-ئۈستى بىرلا ۋاقىتتا كۈچەيدۇ.