ئوخشاش بولمىغان ياشتىكىلەرگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ھەرىكەتلەر

日期:2019年08月15日
来源:天山网
【字体:

تۆۋەن ياشلىق بالىلار بەدىنىگە نىسبەتەن بىر قەدەر تەكشى تەلەپ قويىدىغان تۈرلەرنى تاللىشى كېرەك، مەسىلەن، سۇ ئۈزۈش، روداۋ چېلىشىش قاتارلىقلارنى تاللاپ، ھەر تەرەپلىمە بەدەن ساپاسى ئاساسىنى ياخشى سېلىش كېرەك.

ياش - ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە، ئىنچىكە ھەرىكەتلەرنى تاللىسا بولىدۇ، مەسىلەن: تىك-تاك توپ، پەي توپ، ۋاسكېتبول قاتارلىقلار، بۇتۈرلەر ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇپ، تەپەككۇرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، چىدامچانلىقىنى تاۋلايدۇ، سۆڭەكنى غىدىقلاپ، ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بالىنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا، چاقلىق كانكى ئويناشنى ئۆگىنىش شۇنچە ئاسان بولىدۇ. ئۈچ-تۆت يېشىدىلا ئۆگەنگىلى بولىدۇ، بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك، ئەۋرىشىمچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، تەڭپۇڭلۇقنى ئاسان كونترول قىلالايدۇ.

ئۈچ ياشتىن كېيىن سۇ كۆلچىكىدە ئويۇن ئويناپ، قىزىقىش يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئالتە ياشتىن كېيىن نەپەسلىنىشى رىتىملىق سۇ ئۈزۈش مەشىقى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، توغرا ھەرىكەتنى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىپ، نەپەس قىسىش مەشىقىنىئاز قىلىپ، سۇ ئۈزۈش ئارىلىقىنى تەدرىجىي ئۇزارتىش، يەنى200-300 مېتىر بولسا بولىدۇ.

«توپ» ھەرىكەتجان جىسىم بولۇپ، كۆرۈش سېزىمىنى غىدىقلاپ، ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، بەدەننىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. تېز ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، توپ تۈرلىرى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك چېنىقىدىغان ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

12 ياشتىن بۇرۇن 50 مېتىر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشنى مەشىق قىلىش، 12 ياشتىن كېيىن 400 مېتىر ياكى 800 مېتىر ئارىلىققا يۈگۈرۈشنى مەشىق قىلىش كېرەك. چېنىقىشتا قىزىقارلىق بولۇشنى تەكىتلەش، يىلانسىمان يۈگۈرۈش، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كېرەك .