بالىلار بەك بالدۇر قىلسا بولمايدىغان ئۈچ خىل ھەرىكەت

日期:2019年08月14日
来源:天山网
【字体:

ئۇزۇن مۇددەتلىك چىدامچانلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلماسلىق. ئالتە ياشتىن بۇرۇن ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش، تاغقا چىقىش قاتارلىق بىر قېتىملىق مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2000 مېتىردىن ئاشىدىغان تەنھەرىكەتلەر ماس كەلمەيدۇ؛ 6 ~ 12 ياشقىچە بولغان بالىلار ئىككى سائەتتىن ئارتۇق پىيادە مېڭىشقا ماس كەلمەيدۇ. بالىلارنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى، ئايلىنىش سىستېمىسى، مۇسكۇل سىستېمىسىنىڭ ئېنېرگىيە مېتابولىزم سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇپ، ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ سەرپىياتىغا يېتىشەلمەيدۇ.

ئۇزۇن مۇددەتلىك ستاتىك ھەرىكەت قىلماسلىق. قول بىلەن تىكلىنىپ تۇرۇش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قاتارلىق مىدىرلىماي جىم تۇرىدىغان ياكى روشەن ئورۇن يۆتكەلمەيدىغان ھەرىكەتلەردە، بۇ خىل ھەرىكەت شەكلى مۇسكۇللارنى داۋاملىق جىددىي، كۈچەپ تۇرۇش ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ، بالىلارنىڭ مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلمايدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا مۇسكۇللارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

ئەسۋاب ھەرىكىتى قىلماسلىق. تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان يالىڭ، گاڭلىڭ قاتارلىق ئەسۋابلار بەدەننى كۈچلۈك غىدىقلايدۇ، بالىلارنىڭ مۇسكۇللىرى مۇكەممەل يىتىلمىگەن بولۇپ، چەكتىن ئاشقان كۈچلۈك غىدىقلىنىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پايدىسىز. ستاتىك ھەرىكەت ۋە كۈچ مەشىقى جەريانىدا، دائىم نەپەس قىسىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بالىنىڭ نەپەس قىسىشى كۆكرەك بوشلۇقىدىكى بېسىمنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، ۋېنادىكى قاننىڭ قايتىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. بۇنداق ھەرىكەتلەرنى بالدۇر قىلىش بالىلارنىڭ يۈرەك - ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە پايدىسىز.