تەتقىقاتتا ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى

日期:2019年08月14日
来源:天山网
【字体:

ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇ ۋاقتى چۈشكۈن كىشىلەرنىڭكىدىن ئۇزۇن ھەمدەسۈپىتى ياخشى بولىدىكەن.

ئىللىنوئىس داشۆسى ئېبانا شامپېن شۆبە مەكتىپى 3500دىن ئارتۇق 32 ياشتىن 51 ياشقىچە بولغان كىشىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنيۇقىرىقىدەك يەكۈن چىقارغان. تەتقىقاتچىلار ئالدى بىلەن تەكشۈرۈش سوئال قەغىزى تارقىتىپ، سوئال قەغىزى نەتىجىسىگە ئاساسەن تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسىگە نومۇر قويغان، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئالتە نومۇر قويغان، بۇ، ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 نومۇر قويغان، بۇ،ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاندىن تەتقىقات ئوبيېكىتلىرى ئۇيقۇ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭئالدىنقى ئايدىكى ئومۇمىي ئۇيقۇ سۈپىتى ۋە ۋاقىت ئۇزۇنلۇقىغا نومۇر قويغان. تەتقىقاتچىلار تاقاشقا بولىدىغان قۇرۇلمىلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭكۈندە كەچتىكى ئەمەلىي ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى،ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرىنىڭ بار - يوقلۇقى، قىيىنلىق دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھالاپ چىققان.

نەتىجىدەكۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭياخشى بولۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرىلاپ، ئۇخلاش ۋاقتى شۇنچە يېتەرلىك بولىدىكەن، بەلكىم كۈندە كەچتە ئالتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلىيالايدىكەن. ئۈمىدسىز كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۈمىدۋار كىشىلەردە ئۇيقۇسىزلىق ئالامىتى ياكى باشقا مەسىلىلەر بولماسلىق ئېھتىماللىقى % 74 ئاشىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارئەنگلىيە «ھەرىكەت مېدىتسىناسى ژۇرنىلى»نىڭ ئەڭ يېڭى سانىداماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ تەتقىقاتتا، گەرچە «جەمئىيەت نوپۇسشۇناسلىقى ئامىلى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە خامۇشلۇق ئەھۋالى قاتارلىق كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى ئويلاشقاندىمۇ، ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسى ئۇيقۇ ئەھۋالىنىڭ كۆپ خىل ئالاھىدىلىكىگە روشەن مۇناسىۋەتلىك» بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، مەسىلەن: ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىۋە سۈپىتى. بىراق، بۇ تەتقىقات ئىككىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن باغلىنىشلىق بولىدىغانلىقىغا چېتىلمايدىكەن. تەتقىقاتچىلار، ئۈمىدۋارلىق روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىپ، كىشىلەرنىڭ كېچىدە تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇشىغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.