يېمەك-ئىچمەكتە «ئۈچنى ئاز، ئۈچنى كۆپ» يېگەندە ئاسانلا كالتسىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ

日期:2019年08月07日
来源:天山网
【字体:

بۈگۈنكى كۈندە كالتسىي تولۇقلاش كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى. بازارداھەر خىل كالتسىي تولۇقلايدىغان مەھسۇتلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نۇرغۇن يېمەكلىكلەريۇقىرى كالىتسىيلىق دەپ سېتىلماقتا. ئەمەلىيەتتە، يېمەك-ئىچمەكتە «ئۈچنى ئاز، ئۈچنى كۆپ» يېگەندە، ئاسانلا كالتسىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

گۆشنى ئاز يېيىش.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە،مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاقسىل كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق ئىكەن. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى گۆشى مىقدارىنىڭ 75 ~ 50 گىرامغىچە بولۇشى تەۋسيە قىلىنىدۇ.

تۇزنى ئاز يېيىش.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە،تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، سۈيدۈكتىن چىققانكالتسىينىڭ مىقدارى شۇنچە كۆپ بولىدىكەن، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلىشىمۇشۇنچە ناچار بولىدىكەن. كۈندىلىك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ھاراقنى ئاز ئىچىش.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نورمىدىن ئارتۇق ھاراق ئىچىش جىگەر ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ۋىتامىن Dنىڭ ئالمىشىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدىغان بولغاچقا، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز ئىكەن.

مۇشۇ ئاساستا، يېمەك-ئىچمەكتە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. يېشىل يوپۇرماقلىق سەيلەرنى كۆپ يېيىش.

نۇرغۇن يېشىل يوپۇرماقلىق سەيلەرنىڭ تەركىبىدە كالتسىي بار. مەسىلەن: شياۋبەسەي، شىلەنخۇا، يوۋسەي، شىڭسەي، لۈيېسەي قاتارلىقلار.

2. سۈتنى كۆپ ئىچىش.

سۈت تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە كالتسىي كۆپ بولۇپلا قالماستىن، ۋىتامىن Dمۇ كۆپ.

3. پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر.

دۇفۇ قەلەمچىسى، قۇرۇتۇلغان دۇفۇ قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كالتسىي ئۇيۇتقۇچى ماددا بار بولۇپ، كالتسىينىڭ ياخشى مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى