روھىي بېسىم ئېغىر بولسا، ھەيز توختىغاندىن كېيىن ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىدۇ

日期:2019年08月07日
来源:天山网
【字体:

نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرگە نىسبەتەن، روھىي بېسىمى ئېغىر بولۇش ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان خەۋپ ئامىلى. يېقىندا، ئامېرىكا ئارىزونا داشۆسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ياخشى بولمىغان كىشىلىك، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي بېسىم ھەيز توختىغاندىن كېيىن ئاياللاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم ئىجتىمائىي روھىي بېسىم ئامىللىرى، مەسىلەن: تۇرمۇشتىكى مۇھىم جىددىي ئىشلار، ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش،تۇرمۇشتىن رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلار سۆڭەكنىڭ سۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ قېتىمقى يېڭى تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار 11 مىڭ ھەيز توختىغان ئايالنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى، جۈملىدىن سۆڭەك شالاڭلىشىشقا ئالاقىدار ئۇچۇر، ئىجتىمائىي بېسىم، جەمئىيەتنىڭ قولللىشى ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىدار جەھەتتىكىئۇچۇرلىرىنى باھالاپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئىجتىمائىي بېسىم» پاسسىپ ئىجتىمائىي تەسىر ۋە مۇناسىۋەتنى ئۆلچەيدۇ، «ئىجتىمائىي قوللاش» ئاكتىپ مۇناسىۋەتنى ئۆلچەيدۇ، «ئىجتىمائىي ئىقتىدار» بولسا ئىجتىمائىي پائالىيەتنىڭ چەكلىمىلىكىنى ئۆلچەيدۇ.

تەتقىقاتچىلار بۇ ئۈچ خىل ئىجتىمائىي سېزىمچانلىق كۆرسەتكۈچى بىلەن سۆڭەك زىچلىقىنىڭ ئالتە يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، يۇقىرى ئىجتىمائىي بېسىم بىلەن سۆڭەك زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى بايقىدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي بېسىمنىڭ يۇقىرىلىقى پۈتۈن يانپاش بوغۇمى، بەل ئومۇرتقىسى (تۆۋەنكى ئومۇرتقىسى) ۋە يوتا سۆڭەك بوينىنىڭ سۆڭەك زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئىجتىمائىي ئىقتىدارى پۈتۈن يانپاش بوغۇمى ۋە يوتا سۆڭەك بوينى سۆڭەك شالاڭلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ياش، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى، ھازىرقى كېسەللىك، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى (B M I)، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ھورمۇن بىلەن داۋالاش، ھەيز توختاش يېشى، جىسمانىي ھەرىكەت ۋە 55 ياشتىن كېيىنكى سۇنۇق كېسەللىك تارىخى قاتارلىق يوشۇرۇن تەسىر ئامىللىرىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئامىللار يەنىلا مەۋجۇت.

«تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە مەھەللە ساغلاملىقى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقاتتا، پىسخىكىلىق سېزىمچانلىق ھورمۇن سەۋىيەسىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، جۈملىدىن كورتىكوستېرول، ئۆستۈرگۈچى ھورمون ۋە شېكەر پوستلاق ھورمۇنى ئارقىلىق سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن، دەپ قارالدى. ھەيز توختىغاندىن كېيىن ئاياللار تېخىمۇ ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ئۇنىڭ بەدەنگە بولغان سەلبىي تەسىرىنى ئازايتىشكېرەك.