چاقما كاۋا ئادەم بەدىنىگە لازىملىق كسانتوفىلنى تولۇقلايدۇ

日期:2019年08月07日
来源:天山网
【字体:

ۋىتامىن C، ۋىتامىن A، كالتسىي، كالىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارغا سېلىشتۇرغاندا، كسانتوفىل (叶黄素) كىشىلەرگە ئانچە تونۇش ئەمەس، ئەمما، ئۇ كۆزىمىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر خىل ئوزۇقلۇق ماددىدۇر.

كسانتوفىل سېرىق داغ رايونى (كۆرۈش سېزىمى ئەڭ ئۆتكۈر رايون) ئىچىگە زىچ توپلاشقان بولۇپ، كۆرۈش تور پەردىسىدىكى سېرىق داغنىڭ ئاساسلىق پىگمېنتى ھېسابلىنىدۇ. كسانتوفىل كۆزنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدە كۆك نۇرنى ئۈنۈملۈك توسىدىغان سۈزگۈچ ھاسىل قىلىپ، كۆك نۇرنىڭ كۆزگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ. ئەگەر بەدەندە كسانتوفىل كەم بولسا، سېرىق داغنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆرۈش قۇۋۋىتى چېكىنىش، نەرسىلەر غۇۋا كۆرۈنۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەنگلىيە مانچېستېر داشۆسى كۆز كېسەللىكلىرى ئىلمى ۋە نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىلمى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كسانتوفىل تولۇقلاش ياشانغانلار كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ سېرىق داغ رايونىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى، بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدىكەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېتەرلىك كىسانتوفىل يەنە دىيابېت كېسىلى، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

ئۇنداقتا، كسانتوفىلنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

تەبىئىي كسانتوفىلنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كېلىش مەنبەسى يېشىل كۆكتاتلار، مەسىلەن، ھەر 100 گىرام جۈسەينىڭ تەركىبىدىكى كسانتوفىلنىڭ مىقدارى 18.2 مىللىگىرامغا، ھەر 100 گىرام قىزىل شيەنسەينىڭ تەركىبىدىكى كسانتوفىلنىڭ مىقدارى 14.4 مىللىگىرامغا، ھەر 100 گىرام چىڭسەينىڭ تەركىبىدىكى كسانتوفىلنىڭ مىقدارى 12.9 مىللىگىرامغا يېتىدۇ، ھەر 100 گىرام شياڭسەي تەركىبىدىكى كسانتوفىلنىڭ مىقدارى 11.4 مىللىگىرامغا، ھەر 100 گىرام پالەكنىڭ تەركىبىدىكى كسانتوفىلنىڭ مىقدارى 6.9 مىللىگىرامغا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەردىمۇ مەلۇم مىقدارداكىسانتوفىل بولىدۇ، مەسىلەن، ھەر 100 گىرام چاقما كاۋىنىڭ تەركىبىدىكى كسانتوفىلنىڭ مىقدارى 13.2 مىللىگىرامغا، ھەر 100 گىرام ئالقاتنىڭ تەركىبىدىكى كسانتوفىلنىڭ مىقدارى 4.7 مىللىگىرامغا يېتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەر كۈنى 100 گىرام پالەك ياكى 100 گىرام چاقماق كاۋا يېگەندە، بەدەنگە كېرەكلىك بولغان كىسانتوفىلنى ئاسانلا تولۇقلىغىلى بولىدۇ.