جۈزە يېسە نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ؟

日期:2019年07月22日
来源:天山网
【字体:

جۈزە ھەمىمىزگە تونۇش مېۋە، جۈزە تەملىك ھەم شىرنىسى كۆپ بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىياقتۇرۇپ يەيدۇ. ئۇنداقتا جۈزە ھەققىدە قانچىلىك بىلىملەرنى بىلىسىز؟ جۈزىنى قانداق ئىستېمال قىلغاندا ئادەم تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ؟ جۈزە پوستى ئۇنىڭ شۆپىكىمۇ؟بۇ ھەقتە قىسمەن كىشىلەر خاتا چۈشەنچىدە بولۇشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ بۇ خاتا چۈشەنچىنىڭ سالامەتلىككە بەلگىلىك دەرىجىدە زىيىنى بار.

جۈزە يېسە ئادەمنىڭ قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كېتەمدۇ؟

جۈزىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ، بەدەندىكى خولېستېرىن ۋە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىشتە ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە. ئەمما جۈزىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئادەمنىڭ قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپلا قالماي، ئېغىز ۋە تىلغا جاراھەت چىقىپ، ئېغىز قۇرغاقلىشىش، گال قۇرۇش، ھەمدە قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، «جۈزە يېسە ئادەمنىڭ قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش» دېگەنلىكئاساسلىقى جۈزە يېيىشكە قولايلىق بولغاچقا، ئادەم ئاسانلا كۆپ يەۋالىدىكەن، يەنە كېلىپ، جۈزە تەركىبىدە قەنتنىڭ مىقدارى بەك يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى قەنت گال ھۈجەيرىسىدىكى بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ سىزغىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، يۇقىرى قەنتلىك مۇھىتتا ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەر جانلىنىپ چىش مىلىكى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمدە قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدىكەن.

جۈزە ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

بىرىنچى، جۈزىنى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەركۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ.

ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەرنىڭ يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىشى، قوبۇل قىلىشى ئاجىزراق بولىدۇ، بەدەن سۈپىتىمۇ ناچار بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق كىشىلەر جۈزىنى بەك كۆپ ئىستېمالقىلسا سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق بولۇپ،ئاشقازاندا ئاسانلاتاش پەيدا قىلىدۇ. جۈزە تۈرىدىكى مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا «جۈزە كېسىلى» نى پەيدا قىلىپ، تېرەسارغىيىپ قېلىشقاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

ئىككىنچى، سۈت بىلەن لوبونى جۈزەبىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

سۈت تەركىبىدە ئاقسىل، جۈزە تەركىبىدە مېۋە كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن C ئىنتايىن مول. ئاقسىل بۇ ئىككى خىل ماددا بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ ئاشقازاندا قېتىپ كاللەكلىشىۋالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ھەزىم قىلىشقا تەسىر يېتىپ، قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. لوبو بىلەن جۈزىنى بىللەئىستېمالقىلغانداقالقانسىمان بەز ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۈچىنچى، دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە جۈزە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

جۈزە تەركىبىدىكى مېۋە كىسلاتاسى بىلەن ۋىتامىن C، ۋىتامىن K، سۇلفانىلامىد (磺胺) تۈرىدىكى دورا، ئەنتى شۇتۇڭ (安体舒通)، ئامىنوفتالىدىن (氨苯喋啶) ۋە كالىي تولۇقلايدىغان دورا قاتارلىقلار بىلەن رېئاكسىيەلىشىدۇ، شۇڭا بۇ خىل دورىلارنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە جۈزە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

يېڭى جۈزەپوستى (新鲜橘子皮) بىلەن ئاپېلسىن جۈزە (陈皮) نى پەرقلەندۈرۈش

جۈزە پوستى (陈皮) يېڭى جۈزىنىڭپوستىنى قۇرۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىپ ياسىلىدۇ.يېڭى جۈزىنىڭپوستى بىلەن قۇرۇتۇلغان جۈزەپوستى ئوخشىمايدۇ، ھەممەيېڭى جۈزەپوستى قۇرۇتۇشقا ماس كەلمەيدۇ،پەقەت تولۇق پىشقان جۈزىنىڭ پوستىنى قۇرۇتۇپ،قۇرغاق شارائىتتا ئۇزاقمەزگىل ساقلىغىلى بولىدۇ.