导航切换

مېۋە شەربىتىنى بەك كۆپ ئىچىش ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەس

日期:2025年03月10日
来源:天山网
【字体:

نۇرغۇن كىشى يېڭىدىن سىقىپ چىقىرىلغان مېۋە شەربىتى ئىچىش بىلەن مېۋە يېيىشنىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسىدىكى ئوزۇقلۇقتا غايەت زور پەرق بار. مېۋىنى ئۆز پېتى يېيىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مېۋىدىن شەربەت سىقىپ چىقىرىلسا، ئەكسىچە جەۋھىرى ئىسراپ بولۇپ، نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.


1. قان شېكىرىنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىتىۋېتىدۇ

مېۋىنى سىقىپ شەربەت چىقارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى قويۇقلىشىپ، قەنت مىقدارىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېۋە شەربەتكە ئايلانغاندىن كېيىن، شېكەرنىڭ ئەسلىي خۇسۇسىيىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىچكى مەنبەلىك شېكەردىن ئەركىن شېكەرگە ئۆزگىرىپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، شەربەت چىقىرىش جەريانىدا كۆپ قىسىم يېمەكلىك تالالىرى چىقىرىۋېتىلگەچكە، مېۋە شەربىتىدىكى قەنت مىقدارى تېخىمۇ ئاسان قويۇپ بېرىلىدۇ.

بۇنداق بولغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ قەنت مىقدارىنى سۈمۈرۈش سۈرئىتى تېزلىشىپ، قان شېكىرى سەۋىيەسىمۇ مېۋە يېگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز ئۆرلەيدۇ.

2. ئەكسىچە سېمىزلىك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ

مېۋە شەربىتى ئىچسەئورۇقلامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بەك كۆپ ئىچسە ئەكسىچە سەمىرىپ كېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر ئىستاكان چېڭزى شەربىتىنى ئۈچ تالدىن بەش تالغىچە چېڭزىبىلەن تەييارلىغىلى بولىدۇ. ئۈچ تال چېڭزىنى ئالدىرىماي يېيىشىڭىز مۇمكىن.بىراق، بىر ئىستاكان چېڭزى شەربىتىنىكىچىك بالىمۇ بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋېتەلەيدۇ.بىراق، چېڭزى يېيىشتىكىبۇ خىل يېڭى ئۇسۇل بىزنى تۇيدۇرمايلا بەك كۆپ شېكەر يەۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېۋە شەربىتىنىڭ تويۇنۇش تۇيغۇسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، قورساقنى ئىگىلىمەيدۇ، داۋاملىق ئىچسىمۇ قىلچە بېسىم بولمايدۇ، يەنە تاماق يېيىشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، شەكىلسىز ھالدا ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىشنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. يېڭى سىقىلغان مېۋە شەربىتىنى ئىچىملىكنىڭ ئورنىدا كۈندە ئىچكەندە، تەبىئىيلا سەمرىپ كېتىدۇ.

3. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ

مېۋىدە مېۋە شېكىرى مول بولۇپ، ھالبۇكى مېۋە شېكىرىنى قوبۇل قىلىش سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئاشۇرۇپ، قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ يۇقىرىراق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىلىش كېرەككى، يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلى يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. بۇلاردىن باشقا، يەنە جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


مېۋە شەربىتىنى قانداق ئىچسە تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ

مېۋە شەربىتى ئىچكۈسى كەلگەنلەر قانداق ئىچسە سالامەتلىككە پايدىلىق؟

1. قەنت مىقدارى تۆۋەن مېۋە شەربىتىنى تاللاش: قەنت مىقدارى تۆۋەن، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىش سۈرئىتى ئاستا بولغان مېۋە شەربىتىنى تاللاش كېرەك، مەسىلەن، كوكۇس شەربىتى، شوخلا شەربىتى، تاۋۇز شەربىتى.

2. مېۋە شەربىتى سىققاندا تىرپىسىنى چىقىرىۋەتمەسلىك كېرەك: مېۋە بوتقىسى مېۋە شەربىتىدىنمۇ ساغلام، مېۋە بوتقىسىدا يېمەكلىك تالاسى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، ئوزۇقلۇق جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى.

3. مېۋە شەربىتىنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىش: مېۋە شەربىتىنى ئەڭ ياخشىسى بىر كۈندە 150 مىللىلىتىردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مېۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتىش كېرەك.

4. ئىچىپ بولغاندىن كېيىن تېزدىن ئېغىزنى چايقىۋېتىش: قەنت تەركىبىنىڭ چىش چىرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

5. مېۋە شەربىتى بىلەن دورا ئىچمەڭ: مەسىلەن، ئۈزۈم شەربىتى تاتىن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ مېتابولىزمىغا كاشىلا قىلىپ، دورا ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

ئادەتتە سۇ ئىچكەندە بىر پىرىنسىپنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ

ساغلام ئوزۇقلىنىشتىلائەمەس، سۇ ئىچىشتىمۇ « ئالتە دەرىجىلىك» پىرامىدا بار. ھەر كۈنى ئىچىدىغان سۇ ئىچىدە، ئەڭ كۆپ ئىچىشكە تېگىشلىكى قايناق سۇ؛ چاي، سۈت، پۇرچاق تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر ۋە شېكەرسىز قەھۋە سالامەتلىككە پايدىلىق، ئەمما مۇۋاپىق مىقداردا قوبۇل قىلىش كېرەك؛ شېكەر قوشۇلغان ئىچىملىكنى زۆرۈر تېپىلغاندا مۇۋاپىق ئىچىشكە بولىدۇ، لېكىن زۆرۈرىيەت ئەمەس؛ ئوزۇقلۇقى تۆۋەن، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى تاتلىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش كېرەك، قايناقسۇنىڭ ئورنىنى ئالسا تېخىمۇ بولمايدۇ.


«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى