نۇرغۇن كىشى ياش ۋاقتىمدا قانچە يېسەممۇ سەمرىمەيتتىم، يېشىم چوڭايغاندىن بۇيان، ئازراق يېسەملا سەمىرىپ كېتىۋاتىمەن، دېيىشىدۇ. ئۆزىنى ئىلگىرىكى سۈرەتلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، دائىم «يىللار رەھىمسىز» دەپ ھەسرەت چېكىدۇ. نېمە ئۈچۈن ياش چوڭايغانسېرى، ئادەم شۇنچە ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ؟
* ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ يەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ
ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇكى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تۇرمۇش شارائىتى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، كىشىلەر تاماقنى بارغانسېرى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ يەيدىغان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىنىڭ مېھماندارچىلىقى كۆپىيىپ، چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە، ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا سەمىرىپ كېتىش تەبىئىي ئەھۋال بولۇپ قالىدۇ.
* ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەرىكەت مىقدارى ئازلايدۇ
ياش ۋاقتىدامەكتەپتە، خىزمەت ئورنىدا كۆپ ساندىكى كىشىلەر دائىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىك ئۇزاق ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرىدىغان تۇرمۇش ئەندىزىسىگە كۆنۈپ قالىدۇ. ئازراق دەم ئالىدىغان ۋاقتى بولسىلا، يېتىپ يان تېلېفون ئوينايدۇ، كىنو كۆرىدۇ، ئۇدا نەچچە سائەت مىدىرلىغۇسى كەلمەيدۇ. ھەرىكىتى ئازلاپ كەتكەن يەردە، چېنىقىش ئۆيىگە بېرىپ چېنىقىشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
تاماق يېيىشكۆپ،ھەرىكەت قىلىش ئاز، بۇنىڭ بىلەن ئېنېرگىيە خورايدىغانغا پۇرسەت بولمايئاسانلا سەمىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
* ياش چوڭايغانسېرى مۇسكۇللار يىگىلەپ، مېتابولىزم تۆۋەنلەيدۇ
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەمنىڭ مۇسكۇل مىقدارى ئازىيىدۇ، تەخمىنەن %15 ~ %10 مۇسكۇل 50 ~ 20 ياش ئارىلىقىدا يىگىلەيدۇ.
مۇسكۇل مىقدارى ئادەمنىڭ ئاساسىي مېتابولىزمىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ، مۇسكۇل توقۇلمىلىرى ئادەم بەدىنىدىكى گلۇكوزىنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىش بەدەندە كۆپ مىقداردىكى گلۇكوزىنىڭ سەرپ بولىدىغان يېرىنىڭ قالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئېنېرگىيە مېتابولىزمىنىڭ سۈرئىتىمۇ زور دەرىجىدە ئاستىلايدۇ. ئوخشاش يېمەكلىكنى يېگەندە، تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە بەدەندە ساقلىنىپ قېلىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ياغ مېتابولىزمىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. 54 ئادەمنىڭ ياغ ماددىسىنىڭ ئالمىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى 13 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدا ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مەيلى بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلىسۇن ياكى ئاشسۇن، بۇ كىشىلەرنىڭ ياغ توقۇلمىلىرىدا ياغ ماددىسىنىڭ ئالمىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى بايقالغان.
ياغ ماددىسىنىڭ ئالمىشىش نىسبىتى ياغ ھۈجەيرىسىدىكى ياغ ماددىسىنىڭ يۆتكىلىش ياكى ساقلىنىش سۈرئىتىنى كۆرسىتىدۇ. ياغ ماددىسىنىڭ ئالمىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ياغنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزمىنىڭ ئاستىلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، گەرچە بىز بۇرۇنقىدەك كۆپ يېمىسەكمۇ ياكى ئاز چېنىقىساقمۇ، بەدەن ئېغىرلىقىمىز ئاسانلا ئېشىپ كېتىدۇ.
* بەدەندىكى ھورمۇنلار ئۆزگەرسە، ئادەم ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدۇ
ھورمۇن بەدەندىكى ھەر خىل مېتابولىزم رېئاكسىيەلىرىنىڭ خىمىيەلىك ئەلچىسى بولۇپ، بەدەننىڭ كۆپ خىل فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇنلاردىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئاسان سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەسىلەن:ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەردىكى تېستوستېرون ھەر يىلى %2 ~ %1لىك سۈرئەت بىلەن ئازىيىدۇ. تېستوستېرون ياغنىڭ تارقىلىشىنى تەڭشەپ، مۇسكۇللارنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئازىيىشىبەدەننىڭ ياغ كۆيدۈرۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. ئاياللارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئانىلىق ھورمون سەۋىيەسى تۆۋەنلەيدۇ، كىلىماتېرىيە دەۋرىدە، ئانىلىق ھورمون كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئاسانلا قورساق قىسمىدا ياغ يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى»ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى