导航切换

ساغلاملىق كۆرسەتمىسى

日期:2025年01月27日
来源:天山网
【字体:

قارا ئاشلىقنى يېمەكلىك ماشىنىسىدا ئېزىپ يېگەندە ئاسانلا قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ

قارا ئاشلىقنى ئاق مىفەنگە سېلىشتۇرغاندا، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. لېكىن، يېمەكلىك ئېزىش ماشىنىسىدا قارا ئاشلىقنى ئەزگەندە، قارا ئاشلىقنىڭ ئەسلىدىكى نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان دانچە ھالىتى ئۆزگىرىپ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاشكارىلىنىدۇ، بۇ خىل ھالەتتىكى قارا ئاشلىقنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يولىدا تۇرۇش ۋاقتى كۆرۈنەرلىك قىسقىرايدۇ، ئۇنىڭدىكى قەنت تۈرىدىكى ماددىلار قان ئايلىنىشقا تېخىمۇ تېز كىرىپ، ئاسانلا قان شېكىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆرلەش دەرىجىسىمۇ بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، قان شېكىرى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ قان شېكىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشىغا پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قارا ئاشلىق تامىقىنى ئىمكانقەدەر بەك ئېزىۋەتمەسلىك كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھەزىم قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ، قان شېكىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. (گۇاڭدۇڭ فوشەن شەھەرلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىن جاڭ يۈ)

لازا يېيەلمىسىڭىز قاپاق لازا يەپ سىناپ بېقىڭ

لازا تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، كۆكتات ساھەسىدە خېلى داڭقى بار. 100 گىرام كۆك ئۇچلۇق لازا تەركىبىدە 62 مىللىگىرام ۋىتامىن C بار، كىچىك قىزىل لازىنىڭ ۋىتامىن C مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گىرام تەركىبىدە 144 مىللىگىرام بولۇپ، شوخلىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە، چېڭزېنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئاچچىق نەرسىلەرنى يېيەلمەيدىغان كىشىلەر سوغۇق سەي تەييارلىغاندا قاپاق لازىنى بىر قىسىم لازىنىڭ ئورنىغا ئىشلەتسە بولىدۇ. قاپاق لازا تەركىبىدە كاپزائىتسىن ماددىسى ئاز، لېكىن ۋىتامىن C ۋە كاروتىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ مىقدارى لازىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاپاق لازىنىڭرەڭگى قېنىق بولۇپ، كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى كۆپرەك كۆكتات يېيىشكە رىغبەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق. (بېيجىڭ داشۆسى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنىنىڭ پېروفېسسورى ما گۇەنشېڭ)

زۇكام بولۇپ قالغاندا ئازراق تاتلىق چاي ئىچىڭ

ئەگەر سوغۇقتىن زۇكام بولۇپ قالسىڭىز، تەمى سەل تاتلىق بولغان بىر نەچچە خىل چاي ئىچىشىڭىزنىتەۋسىيە قىلىمىز. كولا زەنجىۋىل چېيى: يېڭى زەنجىۋىلدىن 30 گىرام ئېلىپ پوستىنى ئاقلىۋېتىپ، ئۇششاق توغراپ، كىچىك قازانغا سېلىپ، 500 مىللىلىتىرلىق بىر بوتۇلكا كولانى قۇيۇپ قاينىتىپ، سوۋۇپ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىغا كەلگەندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسىڭىز بولىدۇ. بۇ چاينىڭ يەل ۋە سوغۇقنى ھەيدەش رولىبولۇپ، سوغۇقتىن قورقىدىغان، باش ئاغرىيدىغان، سوغۇقتىن زۇكامداپ قالغان كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدۇ. چۈچۈكبۇيا جۇخار گۈلى چېيى: چۈچۈكبۇيا ئۈچ گىرام، سېرىق جۇخار گۈلى 10 گىرام، ناۋات ئاز مىقداردا. يۇقىرىقى ئىككى ماتېرىيالنى ئىستاكانغا سېلىپ، 80 سېلسىيە گىرادۇستىن 90 سېلسىيە گىرادۇسقىچە ئىسسىق قايناقسۇغا 5 ~ 3 مىنۇت چىلاپ قويسىلا بولىدۇ. ئازراق ناۋات سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىدا ئىچىش كېرەك. بۇ چاي ئىسسىق شامالدىن زۇكام بولغان كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ. (يۈننەن ئۆلكىسى كۇنمىڭ شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىدىن ۋاڭ خۇڭ)

دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى قېتىق ئىچكەندە ئەسلى تەملىك قېتىقنى ئىچسە بولىدۇ

قېتىق تەركىبىدە ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغ، ئاقسىل، كالتسىي ۋە باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى بىر قەدەر مول. ئۇنىڭ GI قىممىتى (قان شېكىرىنىڭ ھاسىل بولۇش كۆرسەتكۈچى) بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەلگىلىك پايدىسى بار، قېتىقنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، ھەر كۈنى 100 مىللىلېتىر ئەتراپىدا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. لېكىن، بەزى قېتىقلارنىڭ قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ ياكى ئۇنىڭغا بىر قەدەر تاتلىق مېۋە ئېتى قوشۇلغان بولۇپ، بۇلار دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ قان شېكىرىنى كونتىرول قىلىشىغا پايدىسىز، شۇڭا دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ قېتىق تاللىغاندا ئىمكانقەدەر ئەسلى تەمدىكى قېتىق، تۆۋەن قەنتلىك قېتىق ياكى كىسلىتول قېتىقىنى تاللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. (جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى گۇاڭئەنمېن دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى نى چىڭ)