导航切换

دائىم دېرىزە ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش بىلەن دېرىزە ئېچىشنى ياخشى كۆرمەسلىك ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قانداق پەرقلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ

日期:2025年01月06日
来源:天山网
【字体:

قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق، نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ ئېتىپ، ئۆيدە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، يەنە بەزىلەر قانچىلىك سوغۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر كۈنى دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. دائىم دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش بىلەن دېرىزىنى ئېچىشنى ياخشى كۆرمەسلىك ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قانداق پەرقلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

قىشتا ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ ئېتىۋېلىشقا بولمايدۇ

ئەگەر قىشتا ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ ئېتىۋالساق، سوغۇقنى دېرىزە سىرتىغا قالدۇرۇپ قويۇش بىلەن بىللە، بۇلغانغان ھاۋانىمۇ ئۆي ئىچىگە سولاپ قويغان بولىمىز. تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىشىچە، 10 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە، ئەگەر ئۈچ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئىشىك-دېرىزە چىڭ ئېتىلگەن ئۆيدە تۇرسا، ئۈچ سائەتتىن كېيىن، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، كاربون تۆت ئوكسىدى، باكتېرىيە، چاڭ-توزاننىڭ مىقدارىئېشىپ كېتىدىكەن.

بۇنداق ھاۋانى ئۇزاق ۋاقىت سۈمۈرگەندە، يېنىك بولغاندا باش ئاغرىش، باش قېيىش، روھى چۈشكۈن بولۇش، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن، ئېغىر بولغاندا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، سوزۇلما كانايچە ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە توسۇلۇش قاتارلىق يۈرەك-ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىسىز. ھاۋا ئوچۇق چاغدا دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۆي ئىچى ھاۋاسىدىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.


دائىم دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنىڭ پايدىسى كۆپ

خامۇشلۇق كېسىلى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرمايدىغان ياشانغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر ھەپتىدە دېرىزىلەرنى ئېچىپ شامال ئالماشتۇرۇش بەش قېتىمدىن كۆپ بولۇش ياشانغانلاردا خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ %33 تۆۋەنلىشى بىلەن كۆرۈنەرلىك مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

دۆلىتىمىزدىكى ياشانغانلار توپى ئىچىدە، كۆپ قېتىم دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن روشەن مۇناسىۋەتلىك.

چوڭ مېڭە تېخىمۇ راھەت بولىدۇ.

ئۇزاق ۋاقىت ھاۋا ئالماشتۇرۇلمىسا، ئۆي ئىچىدىكى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق مۇھىتتا تۇرغاندا، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىقلارنى، ھەتتا باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن زىيانلىق، بۇلغانغان ھاۋا ۋە ھەر خىل كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى سىرتقا چىقىرىۋەتكىلى، يەنە بىر تەرەپتىن سىرتتىن تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېن، مەنپىي ئىيون قاتارلىق پايدىلىق ماددىلارغا ئېرىشىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى، نەپەسلىنىش سېستىمىسى ۋە مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتىنىڭ روھلىنىش دەرىجىسىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.

نەپەسلىنىش كېسەللىكلىرىخەۋپى تۆۋەنلەيدۇ.

قىش پەسلىگە كىرگەندە ھاۋا نىسبەتەن قۇرغاق بولىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى بۇرۇن بوشلۇقى، يۇتقۇنچاق قاتارلىق شىللىق پەردىلەر نەملىكىنى يوقىتىپ، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا ھەر خىل كېسەللىك باكتېرىيەلىرىدىن يۇقۇملىنىدۇ. دېرىزىلەرنى قەرەللىك ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىنى ساقلىغاندا، ئۆي ئىچىدىكى كېسەللىك قوزغاتقۇچىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئادەمنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىپ، كېسەللىكنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشتا نېمىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ

ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

ھاۋا ئوچۇق ۋاقىتلاردا دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، سىرتتىكى ئوكسىگېنلىق ھاۋانى ئۆي ئىچىگە كىرگۈزۈش ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ئوكسىگېن مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ھەر كۈنى دېرىزىنى ئىككى قېتىم ئېچىش، سائەت 9:00دىن 11:00گىچە، 14تىن 16گىچە بولغان ۋاقىتنى تاللاش كېرەك، بۇ ئىككى ۋاقىتتا ئاپتوموبىل بىر قەدەر ئاز، ھاۋادىكى بۇلغىمىمۇ ئاز بولۇپ، ھەر قېتىم دېرىزىنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا ئاچسا بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەنرەك قەۋەتتە ئولتۇرىدىغانلار دېرىزە ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەن ۋە كەچتىكى قاتناش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئاپتوموبىللار قويۇپ بەرگەن قالدۇق گاز ھاۋا سۈپىتىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ھەر قېتىملىق دېرىزىنى ئېچىش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن قىسقا بولماسلىقى كېرەك.

ھەر قېتىم دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، 30~20 مىنۇت بولسا مۇۋاپىق. ئەگەر دېرىزىدىن پەقەت يوچۇقلا قالدۇرسا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى 60~30 مىنۇتقا ئۇزارتسا بولىدۇ.

تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولسا،دېرىزىلەرنى كىچىكرەك ئېچىش كېرەك.

ئۆي ئىچىدە ئادەم زىچ توپلاشقان ياكى زۇكام تارقىلىۋاتقان پەسىلدىمۇ، دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن بولسا، دېرىزىدىن ئازراق يوچۇق قالدۇرسا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش بىلەن بىللە يەنە بەك سوغۇق بولمايدۇ.

دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى قارشى ئېقىم شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى قارشى ئېقىم شەكىللەندۈرۈش بولغىنى ياخشى، مەسىلەن، ئۆيدىكى ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولغان دېرىزە ۋە ئىشىكنى ئېچىپ، ھاۋا ئېقىمىنى پۈتۈن ئۆيدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

قىش پەسلىدە تەرلىگەندە ياكى نېپىز كىيىنىۋالغاندا شامالداپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى دېرىزىنى ئېچىش سەۋەبلىك 16 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن قىلىۋەتمەسلىك، ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى ئەڭ ياخشىسى 18 سېلسىيە گىرادۇستىن 23 سېلسىيە گىرادۇسقىچە كونترول قىلىش كېرەك.