导航切换

يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك، تېز قاراڭ!

日期:2025年01月03日
来源:天山网
【字体:

كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يىللىق بىر قېتىملىقمۇكاپات پۇلى

تارقىتىلدىمۇ؟

يىللىق بىر قېتىملىقمۇكاپات پۇلىدا

باج ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

بىللە كۆرۈپ باقايلى ↓↓

يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى دېگەن نېمە؟

يىللىق بىر قېتىملىقمۇكاپات پۇلى دېگىنىمىز، مەمۇرىي ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ھەق تۇتۇش-ھەق تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىلەرنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ئۈنۈمۋە ياللانما خادىملارنىڭ پۈتۈن يىللىق خىزمەت نەتىجىسىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ياللانما خادىملارغا تارقىتىدىغانبىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يىللىق بىر قېتىملىقمۇكاپات پۇلى يىل ئاخىرىدا مائاش قوشىدىغان، يىللىق مائاش تۈزۈمى ۋە ئۈنۈم مائاشى چارىسىنى يولغا قويغان ئورۇنلار باھالاش ئەھۋالىغا ئاساسەن نەقلەشتۈرىدىغان يىللىق مائاش ۋە ئۈنۈم مائاشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باج ھېسابلاش ئۇسۇلى

ئاھالىلەر ئۆزى ئېرىشكەن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىنى شۇ يىلدىكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە قوشۇپ باج تاپشۇرۇشقا بولىدۇ، شۇ يىلدىكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە قوشۇۋەتمەي، ئايرىم ھېسابلىتىپ باج تاپشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

1. شۇ يىلدىكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە قوشۇپ باج تاپشۇرۇش

ھېسابلاش فورمۇلىسى:

ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتتىن باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىكسومما =[ئومۇمىي ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت (يىللىق قېتىملىق مۇكاپات پۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)- ئومۇمىي چىقىرىۋېتىلگەن ھەق- ئومۇمىي چىقىرىۋېتىلگەن مەخسۇس تۈر -ئومۇمىي چىقىرىۋېتىلگەن مەخسۇس قوشۇمچە تۈر-قانۇن بويىچە جەزملەشتۈرۈپ چىقىرىۋېتىلگەن ئومۇمىي باشقا تۈرلەر-باجدىن بۇرۇن چىقىرىۋېتىشكەرۇخسەت قىلىنغان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىئانىسى]×تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى-تېز ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغانسان.


2. شۇ يىلدىكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە قوشۇۋەتمەي، ئايرىم ھېسابلاپ باج تاپشۇرۇش

يىللىق بىر قېتىملىقمۇكاپات پۇلى كىرىمىنى 12 ئايغا بۆلۈپ ئېرىشىلگەن سومما ئارقىلىق، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ۋە «مالىيە مىنىستىرلىقى، باجباش ئىدارىسىنىڭ شەخسلەرتاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئېتىبار سىياسەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشقا ئائىت مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»(مالىيە-باج (2018) 164-نومۇرلۇق)دا قوشۇمچە قىلىنغانئاي بويىچە ئالماشتۇرۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت بېجى نىسبىتى جەدۋىلىگە ئاساسەن، تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى ۋە تېز ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان سانبېكىتىلىدۇ.

ھېسابلاش فورمۇلىسى:

تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى = يىللىق بىر قېتىملىقمۇكاپات پۇلى × تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى-تېز ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان سان.

ئاي بويىچە ئالماشتۇرۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت بېجى نىسبىتى جەدۋىلى


سەمىمىي ئەسكەرتىش:بىر باج تاپشۇرۇش يىلىدا، ھەربىر باج تاپشۇرغۇچى «يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى بېجىنى ئايرىم ھېسابلاش سىياسىتى»نى پەقەت بىر قېتىملا ئىشلىتەلەيدۇ.

ئىجرا قىلىش مۇددىتى

2027-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلىدۇ.

سىياسەت ئاساسى

«مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسىنىڭ يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»(مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى2023-يىل 30-نومۇرلۇق)

«دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ شەخسلەر ئېرىشكەن يىللىق بىر قېتىملىقمۇكاپات پۇلى قاتارلىقلاردىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ھېسابلاپ ئېلىش ئۇسۇلىنى تەڭشەشكە ئائىت مەسىلىلەر توغرىسىدىكىئۇقتۇرۇشى» (د ب ت〔2005〕 9-نومۇرلۇق)