导航切换

يېمەكلىك تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلىدىغان ۋە راكقا قارشى تۇرىدىغان ئامىللارغا قارىتا، يېمەكلىكلەرنى قانداق تاللاپ يېيىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

日期:2024年12月06日
来源:天山网
【字体:

راك كېسىلى نۆۋەتتە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن قالسىلا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئىككىنچى چوڭ سەۋە بولۇپ قالدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق، ھەتتا تەخمىنەن يېرىمدىن ئارتۇق راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ سەۋەبى تېخى تولۇق ئايدىڭلاشقىنى يوق، راك كېسىلى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئۆزئارا تەسىرىدىن كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئىرسىيەت ئامىلى، مۇھىت ئامىلى ۋە روھىي پىسخىكا ئامىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. %80 راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە مۇھىت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە نامۇۋاپىق غىزالىنىش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ %35، %30 ۋە %10نى ئىگىلەيدۇ.