导航切换

دائىم ناشتا قىلماسلىقنىڭ ئالتە زىيىنىنى بىلەمسىز

日期:2024年12月06日
来源:天山网
【字体:

ئەتىگەندە، قوڭغۇراقلىق سائەت جىرىڭلىشى بىلەنلا، ئالدىراپ-تېنەپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، يۈز-كۆزىمىزنى يۇيۇپ، ناشتا قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا، ئىش ئورنىمىزغا ماڭىمىز.«ناشتا قىلىشقا ۋاقتىم چىقمىدى، ئەتىگەنلىك بىلەن چۈشلۈكنى بىراقلا يەي» دېگەندەك گەپ-سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىزغۇ دەيمەن؟

نۇرغۇن كىشىنىڭ قارىشىچە، ناشتىلىق ئانچە مۇھىم ئەمەس، ھەتتا بەزىلەر ناشتا قىلماسلىقئورۇقلاشقا پايدىلىق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەت راستتىنلا مۇشۇنداقمۇ؟

ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم ناشتا قىلمىغاندا ئۈچەي يولىياغنى بارغانسېرى كۆپ سۈمۈرۈۋالىدىغان بولۇپ قالىدىكەن، بۇ، سىزنى ئورۇقلىغانسېرى سەمرىتىپلا قالماستىن، يەنە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.


(سۈرەتلەر ئامبىرىدىن ئېلىنغان سۈرەت)

دائىم ناشتا قىلماسلىقنىڭ ئالتە زىيىنىنى بىلەمسىز

ناشتا قىلماسلىق سالامەتلىككە پايدىسىز ئادەت بولۇپ، نۇرغۇن يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، «ئۇزاق مۇددەت ناشتا قىلماسلىق»سالامەتلىككە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن. قانداقلا بولمىسۇن، ناشتىلىق بىر كۈندىكى بىرىنچى ۋاخ تاماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ تەمىنلەيدىغان ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار پۈتۈن كۈنلۈك يېمەك-ئىچمەك ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

1. ئاسانلا ئېشىپ كېتىدىغان سېمىزلىك

يىغىپ تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمىرىپ كېتىش خەۋپى %55 ئاشقان. يەنە بىر تۈردىكى توغرا كەسمە يۈز تەتقىقات ھۆججىتىنىڭ يىغىپ تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ناشتا قىلىش قېتىم سانى ھەپتىدە 2~0 قېتىمبولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى سېمىزلىك خەۋپى ھەپتىدە 5~3 قېتىمناشتا قىلىدىغانلارنىڭ1.18 ھەسسىسىگە، ھەپتىدە 7~6 قېتىم ناشتا قىلىدىغانلارنىڭ 1.32 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

2. دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى خەۋپىنى ئاسانلا ئاشۇرۇۋېتىدۇ

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر كۈنى قانۇنىيەتلىك ناشتا قىلغاندا دىيابېت كېسىلى خەۋپىنى %19، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى خەۋپىنى % 16 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

3. يۈرەك قان تومۇرىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، ئۆلۈش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ

يەتتە تۈردىكى تەتقىقاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جەمئىي 221 مىڭ 732 قاتناشقۇچىغا چېتىلىدىغان يىغىپ تەھلىل قىلىشتاكۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت ناشتا قىلمىغانلار دائىم ناشتا قىلىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ھەر سەۋەبتىن ئۆلۈپ كېتىش (مەلۇم مەزگىل ئىچىدە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئومۇمىي ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم سانىنىڭ شۇ كىشىلەر توپىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە نوپۇس سانى بىلەن نىسبىتى) خەۋپىنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ ئاسان دۇچ كېلىدۇ.

باشقا تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش خەۋپى قانۇنىيەتلىك ناشتا قىلىدىغانلارنىڭكىدىن %40 يۇقىرى بولىدىكەن،ھەر سەۋەبتىن ئۆلۈپ كېتىشخەۋپى %11 يۇقىرى ئىكەن.

4. تاجسىمان يۈرەك كېسىلى خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ناشتا قىلمايدىغان ئەرلەردىكى تاجسىمان يۈرەك كېسىلى خەۋپى ناشتا قىلىدىغان ئەرلەرنىڭكىدىن %27 يۇقىرى بولىدىكەن.

5. بىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن، ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، ئىجادچانلىقى قاتارلىق سىناق نەتىجىلىرى ناشتا قىلىدىغانلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن،دىققەت سىنىقىداناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ ناشتا قىلىدىغانلارنىڭكىدىن ئىپادىسى تېخىمۇ ناچار، ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزاق بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىمۇ ئاستا بولغان.

6. ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ

2007-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ياشلار ناشتا قىلمىغاندا ئاسانلا كەيپىياتى تۆۋەنلەپ، ئۆگىنىش ئىپادىسى ناچارلىشىپ كېتىدىكەن، بولۇپمۇ قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇللاردا ئاسانلا مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ناشتىلىقنىڭ ئوزۇقلۇق سۈپىتىمۇ بىزنىڭ يېتەرلىك ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى قوبۇل قىلىش-قىلالماسلىقىمىزغابىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، يېمەكلىك تۈرىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ئارقىلىق ناشتىلىقتىكى ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك ياكى يېتەرلىك ئەمەسلىكىگە تېز باھا بەرسەك بولىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك ناشتىلىق بەدەننىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مىكرو ئوزۇقلۇق ماددا كەمچىل بولۇشتىن ساقلاپ قالماي، يەنە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ۋە بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش ئىپادىسىنى ئۆستۈرۈپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ خەۋپىنى ئازايتىدۇ. شۇڭا، ناشتا قىلىش، ياخشى ناشتا قىلىش، قانۇنىيەتلىك ياخشى ناشتا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

ئىلمىي ناشتا قىلىشتائىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ

تەتقىقاتتىن تۇرمۇشقا قايتىپ كېلەيلى، زادى قانداق قىلغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىلمىي ناشتا قىلغىلى بولىدۇ؟

1.قانۇنىيەتلىك غىزالىنىش، يېمەك-ئىچمەك لايىقىدا بولۇش

جۇڭگو ئوزۇقشۇناسلىق جەمئىيىتى ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ناشتا قىلىش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب (2022)»تا كۆرسىتىلىشىچە، خىزمەت كۈنىدە %20كە يېقىن كىشى ھەر كۈنى ناشتا قىلالمايدىكەن، ھەپتە ئاخىرىدا %30كە يېقىن كىشى ناشتا قىلالمايدىكەن. ناشتىلىقنى كۈندىلىك ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ باشلىنىشى قىلىپ، ۋاقتىدا مەشغۇلات قىلىپ، ناشتىلىق تەييارلاشقا ۋاقىت چىقىرىپ، ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ناشتىلىقتا يېتەرلىك ئېنېرگىيەگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئادەتتە ناشتىلىق تەمىنلەيدىغانئېنېرگىيە پۈتۈن كۈنلۈك ئومۇمىي ئېنېرگىيەنىڭ %25-%30ىنى ئىگىلەيدۇ، ناشتىلىق: چۈشلۈك تاماق: كەچلىك تاماق نىسبىتى 3:4:3 بويىچە ماسلاشتۇرۇلسا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ ياخشىسى قەرەللىك، نورمىلىق غىزالىنىش كېرەك، ئىشقا بېرىش، مەكتەپكە بېرىش ۋاقتى نىسبەتەن مۇقىم بولىدۇ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، بىر كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يېيىش، ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارىلىقى تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە بولسامۇۋاپىق بولىدۇ. ناشتىلىقنى سائەت 6:30دىن 8:30غىچە بولغان ۋاقىتتا قىلسا بولىدۇ، بىراق بەزى خىزمەتچىلەر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 ياكى 10:00دا ئىشقا چىقىدۇ، شۇڭا ناشتا ۋاقتىنى سەل كەينىگە سۈرسىمۇ بولىدۇ.

ناشتىلىق قىلىشۋاقتى 15-20 مىنۇت بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ھەم تاماق ۋاقتىنىڭ بەك قىسقا بولۇشى سەۋەبىدىن ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىتىلىشى، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى بىلەن يېمەكلىكنىڭ تولۇق ئارىلىشىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلۈشىگە توسالغۇ بولمايدۇ. ھەم تاماق ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇش سەۋەبىدىن، ئاسانلا يېمەكلىكنىڭ زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

(2) تۈرى كۆپ بولۇش، مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش

«جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2022)»دە مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ تۈرى كۆپ بولۇش، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولۇش كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە ناشتىلىقتائاز دېگەندە ئۈچ خىلدىن بەش خىلغىچە يېمەكلىك قوبۇل قىلىش كېرەك.

بۇ يەردە كۆپچىلىكنى بىر قۇۋۋەتلىك ناشتىلىق ماسلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال فورمۇلاسى بىلەن تەمىنلەيمىز: ئەلا سۈپەتلىك كاربون سۇ+ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل (سۈت پۇرچىقى، تۇخۇم، ھايۋانات يېمەكلىكى )+كۆكتات، مېۋە-چېۋە (نومۇر قوشۇش تۈرى)+قاتتىق پوستلۇق مېۋە (دەرىجىدىن تاشقىرى نومۇر قوشۇش تۈرى».

1)ئەڭ ياخشى كاربون سۇئارپا بولكىسى، ئارپا ياپراقچىسى، تاتلىقياڭيۇ، كۆممىقوناق، شېكەرسىز باباۋ ئۇمىچى\تېرىق ئۇمىچى، قارا ئاشلىق مومىسى، قارا ئاشلىق ئۈگرىسى قاتارلىقلار؛ ئۇنىڭدىن قالسا، گۆشسىز مانتا، گۆش مانتا قاتارلىقلار؛ ئامال بار ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى تاللىماسلىق كېرەك.

2)ئاقسىلدىنتۇخۇم، سۈت، شېكەرسىز قېتىق، بېلىق، گۆش، شېكەرسىز پۇرچاق سۈتى، دۇفۇ قاتارلىقلار ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

3) كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەردىن ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، شېڭنۈگو، شوخلا، خاڭگا قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن قالسا، ئۆيدە شىلەنخۇا قورۇمىسى، سۇدا دۈملەنگەن شېڭسەي، سوغۇق پالەك قاتارلىقلارنى قورۇۋالسابولىدۇ.

4)قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىن ئەسلى تەمنى ئالدىن تاللاش كېرەك، ھەر كۈنى بىر ئوچۇم بولسىلا كۇپايە، ناشتىلىق ياكى تاماق ئارىلىقىدا قوشۇپ يېسە بولىدۇ.

خىزمەتچىلەر قۇۋۋەتلىكتېزناشتىلىقنى قانداق تەييارلىسا بولىدۇ؟ سۈت، ئارپا ئۇنى، قاينىتىپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك مېۋىلەردىن شېڭنۈگو، جۈزە، شياڭجياۋ قاتارلىقلارنى ئېلىپ ئىشىكتىن چىقىڭ، ئاندىن ئىشخانىغا قاتتىق پوستلۇق مېۋە تەييارلاپ قويۇڭ.

«جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش»ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى