导航切换

ئاچقۇچلۇق سۆز: تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى! شىنجاڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى 12-ئايدىكى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى

日期:2024年12月05日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ھاۋا سوۋۇپ كەتكەچكە، كۆپ قىسىم نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچىلىرىنىڭ سىرتقى مۇھىتتا ياشاش ۋاقتى ئۇزىراپ، نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى ئاشتى. يېقىنقى مەزگىلدە، تارقىلىشچان زۇكام ئاپتونوم رايونىمىزدا تارقىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالىدا داۋالغۇپ ئازراق ئۆرلەش كۆرۈلدى. ئامما كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلىشى، تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئاغرىقلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئائىلىدە ئارام ئېلىش، سالامەتلىكنى كۆزىتىش، كېسەل ھالەتتە ئىشقا بارماسلىق، مەكتەپكە بارماسلىق كېرەك. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئورنىنىڭ مۇدىرى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن مۇدىر ۋىراچ فۇرقەت ھوشۇر مۇنداق تونۇشتۇردى: پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇس A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئىچىدىكىH3N2 ،H1N1 ئىككىلەمچى تىپلىق ۋە B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا تارقالغان زەھەر تۈپى A تىپلىق H1N1نى ئاساس قىلىدۇ، 14 ياشتىن تۆۋەن، 60 ياشتىن يۇقىرى ئاغرىقلار پۈتۈن ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ %75ىنى ئىگىلەيدۇ. يۇقىرى قىزىتما، باش ئاغرىش، چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئېغىر بولغاندا يۇقىرى قىزىتما، سوغۇق تىترەش، قان تۈكۈرۈش، كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، قىسمەن ئاغرىقلاردا ئۆپكە ياللۇغىكۆرۈلىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندە يۇقۇملىنىش، كېسەللىك قوزغىلىش ۋە ئېغىر كېسەللىك يۈز بېرىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ.

مىكوپلازما ۋىرۇس بىلەن باكتېرىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل مىكرو ئورگانىزم بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچى، ئاساسلىقى نەپەس يولىدىكى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، قىزىش، يۆتىلىش ئاساسلىق كىلىنىكىلىق ئىپادىسى بولۇپ، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ. كىشىلەر توپى ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ھازىر، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسىغا قارىتىلغان ۋاكسىنا يوق، ماكرولىد تۈرىدىكى(ئاچىمېيسۇ) باكتېرىيەگە قارشى دورىلار ئالدىن تاللىنىدىغان داۋالاش دورىسى ھېسابلىنىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردە ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسىنىڭ مۇسبەتلىك نىسبىتى سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشى داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن، يۇقۇملانغانلار يەنىلا بەش ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنى ئاساس قىلىدىكەن. تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغىدىن ھوشيار بولۇپ، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك: بالىداتەكرار يۇقىرى قىزىتما ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق داۋاملاتسىمۇ پەسەيمىسە؛ يۆتىلىش كۆپ بولسا، ھەتتا تاماق يېيىش ۋە ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزسە؛ ھاسىراش، كالپۇكى كۆكىرىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ئۈچ ئويمان ئالامىتى(نەپەس ئالغاندا ئوقۇرەك سۆڭىكى ئۈستى، قوۋۇرغا ئارىلىقى، تۆش سۆڭىكى ئۈستى\ئاستى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش) قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، چوڭ بالىلاردا كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس تېزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى، كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىش، ئۆپكە كەپلەشمىسى ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھازىرقى باسقۇچتا، ئاپتونوم رايونىمىزدا تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئىچىدە 60 ياشتىن ئاشقانلار مەركەزلىك ياش گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولۇپ، بەش ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلاردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ياشانغانلار نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىبىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، يېتەرلىك ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، يېتەرلىك سۇ ۋە ئوزۇقلۇق مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. نەملىك ئاشۇرغۇچ ياكى ھور ئارقىلىق نەپەس يولى قۇرغاقلىشىش ئەھۋالى ۋە يۆتەلنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىش، نەپەس قىيىنلىشىش، سىجىل كۆكرەك ئاغرىش، روھىي ھالەتنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، بۇلار كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى ياكى گۇمانىي كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقاندا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.