تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر تاماقنى ھەمىشە «مىسىلداپ» يەيدۇ، باشقىلار تامىقىنى يەپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تامىقى شۇ پېتى تۇرىدۇ؛ بەزى كىشىلەرنىڭ تاماق يېيىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، شاپۇر- شۇپۇر قىلىپ، بىر ۋاق تاماقنى بەش مىنۇت ئىچىدىلا يەپ بولىدۇ. سىزنىڭمۇ تاماق يېيىش سۈرئىتىڭىز تېزمۇ؟
خىزمەت، تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ تاماق يېيىش سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلىشىپ، بىر ۋاخ تاماقنى نەچچە كاپامدىلا يەپ بولىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمما، يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، تاماقنى بۇنداق تېز يەيدىغان كىشىلەردە جىگەرنى ياغ قاپلاش خەۋپى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىكەن ھەمدە بۇ كۆپ خىل مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.
بۇنداق تاماق يەيدىغان ئادەمدە
جىگەرنى ياغ قاپلاش خەۋپى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن!
2024- يىلى 8- ئايدا، فۇدەن داشۆ جۇڭشەن دوختۇرخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ «ئوزۇقلۇق ۋە دىيابېت» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، تاماق يېيىش سۈرئىتى تېز بولسا، جىگەرنى ياغ قاپلاش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىنكەن! بولۇپمۇ، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تېز سۈرئەتتە تاماق يېگەندە (تاماق يېيىش ۋاقتى بەش مىنۇتتىن ئاز بولغاندا) جىگەرنى ياغ قاپلاش خەۋپى %81 ئاشىدىكەن.
بۇ تەتقىقاتقا دۆلىتىمىزدىكى 1965 كىشى تەجرىبىگە قاتناشقۇچى قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 54 ياش ئىكەن. تەتقىقاتچىلار تاماقنى بەك تېز يېيىش (تېز سۈرئەتتە يېيىش)كە تاماق يېيىش ۋاقتى بەش مىنۇتتىن ئاز بولۇش، دەپ ئېنىقلىما بېرىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ تاماقنى بەك تېز يېيىش قېتىم سانىغا ئاساسەن ئۇلارنى مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىغان:
1. ھەر ئايدا تاماقنى بەك تېز يېيىشى بىر قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولغانلار
2. ھەر ھەپتىدە تاماقنى بەك تېز يېيىشى بىر قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولغانلار
3. ھەر ھەپتىدە تاماقنى بەك تېز يېيىشى ئىككى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغانلار
تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، تاماقنى بەك تېز يېيىش قېتىم سانى ئوخشاش بولمىغان قاتناشقۇچىلار ئىچىدە، ھەر ئايدا تاماقنى بەك تېز يېيىشى بىر قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولغانلار، ھەر ھەپتىدە تاماقنى بەك تېز يېيىشى بىر قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولغانلار، ھەر ھەپتىدە تاماقنى بەك تېز يېيىشى ئىككى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغانلارنىڭ جىگىرىنى ياغ قاپلاش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %46.2، %50.5 ۋە %59.3 بولغان.
يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، تاماقنى بەك تېز يېيىش (تېز سۈرئەتتە يېيىش) جىگەرنى ياغ قاپلاش خەۋپى بىلەن مۇستەقىل مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر ھەر ھەپتىدە تاماقنى بەك تېز يېيىش قېتىم سانى ئىككى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا، جىگەرنى ياغ قاپلاش خەۋپى %81 ئاشىدىكەن.