导航切换

ئانار تېز ئوبزورى | بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ياخشى كونترول قىلىپ، ئۆز ساغلاملىقىڭىزنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشىسى بولۇڭ

日期:2024年12月04日
来源:天山网
【字体:

خۇاڭ خۇڭيىڭ

مەززىلىك تائاملارنى قەتئىي رەت قىلالماسلىق؛ خىزمەت قىلغاندا، مەكتەپكە بارغاندا، بىر ئولتۇرغانچە يېرىم كۈن ئورنىدىن تۇرماسلىق... ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بەل ئايلانمىڭىزتوملىشىپ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئېشىپ، ھەر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىككېسەللىكلەر شۇنىڭ بىلەنپەيدا بولىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ «بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترولقىلىش يىلى» پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، 2024-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۈچ يىل ئەتراپىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا مەدەت بېرىش خاراكتېرلىك مۇھىت يارىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان، ھەممە كىشى نەپكە ئېرىشىدىغان بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشتىكى ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

بەدەن ئېغىرلىقى ساننىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپلا قالماي، ھەربىرىمىزنىڭتەن ساغلاملىقى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. سىزنىڭ قارىشىڭىزدىكى «سېمىزلىك» ئەمەلىيەتتە سېمىزلىك بولماسلىقى، سىزنىڭ خىيالىڭىزدىكى «سېمىز ئەمەس»لىك ھەقىقىي سېمىزلىك بولۇشى مۇمكىن. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ نورمال بولۇشى تەن ساغلاملىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، «A4بەل» «قەغەز ئادەم» قارىغۇلارچە ئورۇقلاشنى قوغلىشىش ئەكسىچە سالامەتلىككە زىيانلىق. بەدەن ئېغىرلىقىنى تونۇشتىكى خاتا قاراشلارنى تۈگىتىپ، توغرا بولغان بەدەن ئېغىرلىقى قارىشىنى تۇرغۇزغاندىلا، ئاندىن بەدەن ئېغىرلىقىنى ئىلمىي، ھەرىكەتچان باشقۇرغىلى بولىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك ساغلام بولۇشى كېرەك. بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش دېگىنىمىزئۆزىنى تاماقتىن قىسىش، ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكىيېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش دېگەنلىكتۇر؛ ياغ، خولېستېرىن مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى دائىم يېمەسلىك، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېمەسلىك، ئىچمەسلىككېرەك. گۆشلۈك تاماق بىلەن گۆشسىز تاماقنى ماسلاشتۇرغاندا، ئوزۇقلۇق مىقدارىتەڭپۇڭ بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن «يېمەك-ئىچمەككە زىيادە بېرىلىش»نىڭ بەدەنگە يۈك بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  ھەرىكەت ئىلمىي بولۇشى كېرەك. باغچىغا بېرىپ تېز قەدەمدە مېڭىپ، كالورىيەنى كۆيدۈرۈش؛ مۇۋاپىق مىقداردا چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرىكەت مىقدارى ۋە ھەرىكەت سىجىللىقىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش؛ ھەرىكەتتىن كېيىن مۇۋاپىق ئارام ئېلىش كېرەك... ئېغىزنى باشقۇرۇپ، قەدەمنى چوڭ ئېلىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئىلمىي كونترول قىلىش كېرەك، كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ ئۆزىگە مەسئۇل بولغانلىق، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەنلىكتۇر.

شىنجاڭدىكى قۇرامىغا يەتكەن ئاھالىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىپ كېتىش نىسبىتى %34.05، سېمىزلىك نىسبىتى %24.20 بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرگە ئايلاندى. بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش يالغۇز شەخسنىڭلا ئىشى ئەمەس، پۈتۈن جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىرلىكتە تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، ئورتاق قاتناشقاندىلا، ئاندىن پۈتۈن كىشىلەر توپىنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

يېيىش بىلەن ھەرىكەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، تۇرمۇشنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇش كېرەك. يېقىن كەلگۈسىدەبىز يەنە بىر قېتىم بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى ئۆلچىگەندە، ئۆزىمىزرازى بولىدىغان بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى كۆرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ساغلام، كۈچلۈك بولغان ئۆزىمىزنى كۆرەلەيمىز.