دېلونىڭ ئاساسىي ئەھۋالى
ۋاڭxتوكلۇق ۋېلىسىپىتنى ھەيدەپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىدا تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىپ، لىxھەيدىگەنموتورلۇققاتناش ۋاسىتىسى بىلەن سوقۇلۇپ، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، ھادىسە ۋاڭxنىڭ ئۆلۈشى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇنداق دەپ بېكىتكەن: ۋاڭxنىڭتوكلۇق ۋېلىسىپىتنى ھەيدەپموتورلۇققاتناش ۋاسىتىلىرى يولىدا تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىشى ھادىسە يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب؛ لىxنىڭيول ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە سەل قارىشى بۇ ھادىسە يۈز بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى؛ ۋاڭxھادىسىدە ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لىxھادىسىدە قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.لى × ھەيدىگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتىدە قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى ۋە سودا ئۈچىنچى تەرەپ سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلانغان بولۇپ، ھادىسە سۇغۇرتا مۇددىتى ئىچىدە يۈز بەرگەن.ۋاڭxنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، لىx، مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتىدىن ئۆلۈم تۆلەم پۇلى قاتارلىقلار بولۇپ، 1 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىياننى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
ھۆكۈم نەتىجىسى
قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 76- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ئارىسىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىدە خاتالىق بولمىسا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەرەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىدە خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپات بولسا، سەۋەنلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەرەپنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىش كېرەك.ئادەتتە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى تېز، خەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەرەپ يول يۈرۈش جەريانىدا بىر قەدەر يۇقىرى دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.بۇ دېلودا ۋاڭ × موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا تەتۈر يۆنىلىشتە ماڭغان، بۇ، ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا بىر قەدەر چوڭ سەۋەنلىكى بار، شۇڭا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەرەپنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە يېنىكلىتىش كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھادىسە يۈز بەرگەن چاغدىكى يول ئەھۋالى، كۆرۈش دائىرىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئەگەر لى×تولۇق دىققەت قىلغان بولسا، ئېغىر ھادىسە يۈز بېرىشتىن مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنالايدىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك.لى×كۆزىتىشكە سەل قارىغان، سەۋەنلىك ساقلانغان.
سوت مەھكىمىسى ئەڭ ئاخىرىدا لى × قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى تۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن زىياننىڭ %40 تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش، بۇ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان.
تىپىك ئەھمىيىتى
موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر قاتناش قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەرگە ئوخشاش قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.رېئال تۇرمۇشتا، بەزى موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىشى، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىشى، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈشى قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.بۇ دېلودا، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى تەرەپتە بىر قەدەر چوڭ خاتالىق بولغان ئەھۋالدا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەرەپنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە ھۆكۈم قىلىپ، ھەم ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق بېكىتكەن، ھەم موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەرنى قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، بىخەتەر، ئىناق، تەرتىپلىك يول قاتناش مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى